جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئىسلامدا ئىبادەتنىڭ شەرتلىرى

سۇئال

ئىبادەتنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن ئىسلامدا قانداق شەرتلەر بېكىتىلگەن؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

بىرىنچى: "ئىبادەت (سەۋەپ تەرەپتىن) شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق بولىشى كېرەك. ھەرقانداق ئىنسان ئاللاھ تائالاغا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە شەرىئەت پرىنسىپى بويىچە ئىبادەت قىلمايدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىبادىتى رەت قىلىنىدۇ يەنى قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇنىڭ مىسالى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىش. رەجەپ ئېيىنىڭ 27- كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مىراجقا چىققان دېگەن مۇناسىۋەت بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار شەرىئەتكە زىت بولغان قوبۇل قىلىنمايدىغان ئەمەللەردۇر. چۈنكى:

1-تارىخى تەرەپتىن ئىلىپ ئېيتقاندىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەجەپ ئېيىنىڭ 27-كۈنى مىراجقا چىققانلىقى ئىسپاتلانمىغان. بىزدە ھەدىس كىتابلىرى تولۇق بولۇپ ھېچ بىر ھەدىس توپلاملىرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رەجەپ ئېيىنىڭ 27-كېچىسىدە مىراجقا چىققانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىرەر ھەرىپمۇ بايان قىلىنمىغان، چۈنكى بۇنداق چوڭ ئىش ۋە ساغلام خەۋەرلەر سەھىھ ئىسنادلار ئارقىلىق مەلۇم بولىدۇ ئەلۋەتتە.

2-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەجەپ ئېيىنىڭ 27-كېچىسى مىراجغا چىققان دېگەنلىك ئىسپاتلانغان تەقدىردىمۇ بۇ كۈننى بايرام كۈنى قىلىش ياكى بۇ كۈندە ئۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاس ئىبادەت تۇرغۇزۇشقا بىزنىڭ نېمە ھەققىمىز بار؟، ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە ئەنسارىيلار ئىككى كۈننى بايرام قىلىپ ئوينايتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرگە بۇ ئىككى كۈننى بۇنىڭدىن ياخشىراق بولغان ئىككى كۈنگە ئالماشتۇرۇپ بەردى دەپ ئۇلارغا روزا ھېيت بىلەن قۇربان ھېيت كۈنىنى بايان قىلىپ بەردى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دىنىدا بايرام دەپ كۆرسىتىپ بەرگەن كۈنلەردىن باشقا كۈنلەرنى ئىسلامى بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتىۋېلىشنى ياقتۇرمىغانلىقىدىندۇر. ئىسلام دىنىدا ئۈچ بايرام بولۇپ، روزا ھېيت، قۇربان ھېيت بايرىمى ۋە ھەپتىلىك بايرام جۈمە كۈنىدىن ئىبارەتتۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رەجەپ ئېيىنىڭ 27-كېچىسى مىراجغا چىققانلىقى ئىسپاتلانغان تەقدىردىمۇ شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىسىز بۇ كۈندە يېڭى بىر ئىش پەيدا قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك بىدئەتنىڭ خەتىرى ئىنتايىن زور، قەلىبلەرگە بولغان تەسىرى كۈچلۈك، ھەتتا ئىنسان شۇ ۋاقىتتا قەلبىدە بىر خىل مۇلايىملىق ۋە يۇمشاقلىقنى ھېس قىلىدۇ، ئاز ۋاقىتتىن كىيىنلا ئىش ئۇنىڭ ئەكسى بىلەن بولىدۇ، چۈنكى قەلبنىڭ باتىل ئىش بىلەن بولغان خۇرسەنلىكى ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا دەرد-ئەلەم، پۇشايمان، ھەسرەت چېكىدۇ، ھەرقانداق بىدئەتنىڭ ئۆزىگە لايىق خەتىرى بولىدۇ، ئۇ پەيغەمبەرلىك رىسالىتىگە بولغان كەمچىللىك-تەنە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى بىدئەتكە ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىسلام شەرىئىتىنى تولۇق بايان قىلمىغان دېگەننى تەقەززا قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا﴾تەرجىمىسى: بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم. [سۈرە مائىدە 3-ئايەت].

ئەجەبلىنەرلىك ئىش، مۇشۇنداق بىدئەتلەرگه مۇپتىلا بولغان بەزى بىر كىشىلەر نۇرغۇن پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنى ئادا قىلىشقا سەل قارايدۇ، ئەمما بىدئەتلەرنى ئىجرا قىلىشقا ئىنتايىن ھېرىسمەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى، رەجەپ ئېيىنىڭ 27-كېچىسىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مىراجقا چىققان كېچە دەپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈش بىدئەت ئىشتۇر. چۈنكى بۇ ئىش شەرىئەت بۇيرۇمىغان بىر سەۋەپ ئۈستىگە قۇرۇلغان.

ئىككىنچى: ئىبادەت (تۈر جەھەتتىمۇ) شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق بولىشى كېرەك. مەسىلەن:بىر كىشىنىڭ ئات قۇربانلىق قىلىشى. ئەگەر بىر ئادەم ئات قۇربانلىق قىلسا، بۇ قۇربانلىقنىڭ تۈرى جەھەتتە شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە خىلاپ بولىدۇ. چۈنكى قۇربانلىق دېگەن چارۋىلاردىن قوي، كالا ۋە تۆگىدىن بولىدۇ.

ئۈچىنچى: ئىبادەت (مىقدار جەھەتتىمۇ) شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق بولىشى كېرەك. مەسىلەن: ئىنسانلاردىن بىرى مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پېشىن نامىزىنىڭ پەرزىنى ئالتە رەكەت ئوقۇسا بۇ ئىبادەت شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق بولامدۇ؟، ياق، ھەرگىز مۇۋاپىق بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىبادەت مىقدار جەھەتتە شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس.شۇنىڭدەك بىر كىشى پەرز نامازدىن كىيىن سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ ۋە ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەن سۆزنى 33 تىن دېمەي 35تىن دىسە توغرا بولامدۇ؟ جاۋاپ: بىز دەيمىزكى، سىز مۇشۇ سان بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشنى مەقسەت قىلسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز، ئەگەر پەرز نامازدىن كىيىن ھەر بىر سۆزنى 33 قېتىمدىن دېيىش يولغا قويۇلغان دەپ ئىتىقاد قىلىپ تۇرۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يولغا قويغان سانغا زىيادە قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز، بۇنىڭ ھېچ زىيىنى بولمايدۇ، چۈنكى سىز 33 قېتىم دېيىشنى ئىتىقاد قىلىش بىلەن بۇنىڭ ئارىسىنى ئايرىدىڭىز.

تۆتىنچى: ئىبادەت (خاراكتېر جەھەتتە) شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق بولىشى كېرەك. بىر كىشى ئىبادەتنىڭ تۈرى، مىقدارى ۋە سەۋەبىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خاراكتېر جەھەتتە شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا بۇ ئىبادەت توغرا بولمايدۇ. مەسىلەن: بىر كىشىنىڭ تەرىتى سۇنۇپ كېتىپ قايتىدىن تەرەت ئالدى، ئۇ كىشى تەرەت ئالغاندا ئالدى بىلەن ئىككى پۇتىنى يۇيۇپ، ئاندىن بېشىغا مەسىھ قىلىپ، ئاندىن ئىككى قولىنى يۇيۇپ، ئاندىن يۈزىنى يۇغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئالغان تەرىتى توغرا بولامدۇ؟، جاۋاپ: توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى خاراكتېر جەھەتتە شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلدى.

بەشىنچى: ئىبادەت (ۋاقىت جەھەتتە) شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق بولىشى كېرەك. مەسىلەن بىر كىشى رامىزان روزىسىنى شەئبان ياكى شەۋۋالدا (بارات ئېيى ياكى روزا ھېيت ئېيىدا) تۇتىدىكەن، ياكى پېشىن نامىزىنى كۈن ئېگىلىشتىن ئىلگىرى ئوقۇيدىكەن، ياكى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ باراۋېرىدە يەتكەندە ئوقۇيدىكەن، بۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى كۈن ئېگىلىشتىن ئىلگىرى ئوقۇسا ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن ئوقۇغان بولىدۇ، ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ باراۋېرىدە يەتكەندە ئوقۇسا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن ئوقۇغان بولىدۇ، بۇنىڭ ھەر ئىككىسى توغرا بولمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى، ئىنسان قەستەن بىر نامازنى تەرك قىلىپ سەۋەبسىز ئۇ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتسە، گەرچە ئۇ كىشى بۇ نامازنى مىڭ قېتىم ئوقۇسىمۇ ئوقۇغان نامىزى قوبۇل بولمايدۇ. بۇ يەردە مۇھىم بىر قائىدە بار ئۇ بولسىمۇ ھەر قانداق بىر ئىنسانسەۋەبسىز ۋە ئۆزرىسىز ۋاقتى بېكىتىلگەن ھەرقانداق بىر ئىبادەتنى ۋاقتىدا ئادا قىلماي ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋىتىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ قىلغان ئىبادىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ، رەت قىلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى بىز بۇيرۇمىغان شەكىلدە ئىبادەت قىلىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىبادىتى رەت قىلىنىدۇ يەنى قوبۇل قىلىنمايدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى].

ئالتىنچى: ئىبادەت (ئورۇن جەھەتتە) شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق بولىشى كېرەك. مەسىلەن: بىر كىشى ئەرەپات كۈنىدە مۇزدەلىپىدە تۇرسا، توغرا بولمايدۇ. ئىبادەتنىڭ شەرىئەت بېكىتكەن ئورۇندا ئادا قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشى توغرا ئەمەس. بىر كىشى ئۆيىدە ئېتىكاپ قىلسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئىتىكاپنىڭ ئورنى مەسچىتتىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭدەك ئايال كىشىنىڭ ئۆز ئۆيىدە ئېتىكاپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۆي ئىتىكاپنىڭ ئورنى ئەمەس. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەزى ئاياللىرىنىڭ ئېتىكاپ قىلىش ئۈچۈن مەسچىت ئىچىگە چېدىر تىكىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارغا چېدىرنى بۇزۇۋېتىپ ئىتىكاپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بۇيرىدى، ئۇلارنى ئۆيدە ئېتىكاپ قىلىشقا بۇيرۇمىدى، بۇ ئاياللارنىڭ ئۆيدە ئېتىكاپ قىلىشىنىڭ ئورۇن جەھەتتە شەرىئەت بېكىتكەن ئورۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

مۇشۇ ئالتە سۈپەت بىرلىكتە پەقەت ئىبادەتتە روياپقا چىقىدۇ. ئۇ بولسىمۇ:

1-ئىبادەتنىڭ سەۋەبى.

2- ئىبادەتنىڭ تۈرى.

3- ئىبادەتنىڭ مىقدارى.

4- ئىبادەتنىڭ خاراكتېرى.

5- ئىبادەتنىڭ ۋاقتى.

6- ئىبادەتنىڭ ئورنى.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى