پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

ئارىيەتنىڭ ھۆكۈملىرى

سۇئال

   ئارىيەت دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     پىقھىشۇناس ئالىملار-ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن-ئارىيەتگە مۇنداق ئېنىقلىما بەردى: ئارىيەت دېگەن: ئۆزىدىن پايدىلىنىش دۇرۇس بولغان نەرسە بولۇپ، تولۇق پايدىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئەسلى ئېگىسىگە قايتۇرىدۇ.

      بۇ ئېنىقلىمىغا كۆرە، يېمەك-ئىچمەككە ئوخشاش ئەسلىنى يوق قىلىپ پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر ئارىيەتنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ. 

     ئارىيەت قۇرئان، ھەدىستە بايان قىلىنغاندۇر. شۇنداقلا ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن يولغا قويۇلغان ياخشى ئەخلاقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَيَمْنَعُونَ الْمَاعُونَ﴾‏ تەرجىمىسى: «كىشىلەر بىر-بىرىگە ئارىيەت بېرىلىدىغان نەرسىلەرنى ئارىيەت بەرمەيدۇ». كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى ئارىيەت بېرىشتىن باش تارتقان كىشىلەرنى ئەيىبلىدى، ئۆلىمالار بۇ ئايەتنى ئارىيەت بېرىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلدى، مال ئىگىسى باي بولسا ئۇ كىشىنىڭ باشقىلارغا ئارىيەت بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇشۇ قاراشنى تاللىغان.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ تەلھەنىڭ ئېتىنى ئارىيەتكە ئالغان. سەپۋان بىن ئۇمەييىدىن ئۇرۇش كىيىمى ئارىيەت ئالغان.

    ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئۆزىدە بار بولغان نەرسىنى ئارىيەت بەرگۈچى كۆپ ساۋابقا ئېرىشىدۇ، چۈنكى بۇ ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىققا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمى ئايەتنىڭ ھۆكمىگە كېرىدۇ.

    ئارىيەتنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن تۆت تۈرلۈك شەرت تولۇق بولىشى كېرەك:

    بىرىنچى: ئارىيەت بەرگۈچىدە ئارىيەت بېرىش سالاھىيىتى بولىشى كېرەك، چۈنكى ئارىيەت ئىئانە قىلىشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، كېچىك بالىنىڭ، ھۇشىنى بىلمەيدىغان ساراڭنىڭ ۋە ئەقىلسىزنىڭ ئارىيەت بېرىشى توغرا بولمايدۇ.

     ئىككىنچى: ئارىيەت ئىئانە بولغانلىقى ئۈچۈن ئارىيەت ئالغۇچىدىمۇ ئارىيەت ئېلىش ۋە ئارىيەت بېرىش سالاھىيىتى بولىشى كېرەك.

    ئۈچىنچى: ئارىيەت ئالغان نەرسىنىڭ ئۆزىدىن پايدىلىنىش دۇرۇس بولىشى كېرەك، كاپىرغا ۋە ئوۋ ئوۋلاشقا مۇسۇلمان قۇلنى ئارىيەت بېرىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ھارام بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

    تۆتىنچى: ئارىيەت ئېلىنغان نەرسە يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئەسلىنى ساقلاپ قىلىش بىلەن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش مۇمكىن بولىدىغان بولىشى كېرەك.

     ئارىيەت بەرگۈچى خالىغان ۋاقىتتا ئارىيەتنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ، لېكىن ئارىيەتنى قايتۇرۇۋالسا ئارىيەت ئالغۇچىغا زەرەر يېتىدىغان ئەھۋال بولسا، ئۇ ۋاقىتتا مەلۇم ۋاقىت ساقلايدۇ. مەسىلەن: يۈك توشۇش ئۈچۈن كېمە ئارىيەت ئالغان بولسا، كېمە يۈك بىلەن دېڭىزدا كېتىۋاتقاندا ئۇنى قايتۇرۇۋالمايدۇ. خوشنىسىغا ياغاچلىرىنى قويۇۋېلىش ئۈچۈن تېمىنى ئارىيەت بەرگەن بولسا، ئەگەر تامنىڭ ئەتراپىدا ياغاچ بولغان ۋاقىتتا ئارىيەتتىن يېنىۋالالمايدۇ.

    ئارىيەت ئالغۇچى ئالغان ئارىيەتنى ئىگىسىگە ساق-سالامەت تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئارىيەتنى ئۆزىنىڭ مېلىنى مۇھاپىزەت قىلغاندىنمۇ بەكرەك مۇھاپىزەت قىلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَن تُؤَدُّوا الْأَمَانَاتِ إِلَىٰ أَهْلِهَا تەرجىمىسى: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئامانەتنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا بۇيرىدۇ».

    يۇقىرىدىكى ئايەت ئامانەتنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئارىيەتمۇ ئامانەتنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئامانەتنى ساڭا ئامانەت قويغان كىشىگە تاپشۇرغىن».

    ئايەت-ھەدىسلەر قويۇلغان ئامانەتنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئۇنى ئىگىسىگە ساق قايتۇرۇشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئارىيەتمۇ بۇ ئومۇمى ھۆكۈمنىڭ ئىچىگە كېرىدۇ، چۈنكى ئارىيەت ئالغۇچىغا ئارىيەت ئامانەت قويۇلغان بولۇپ، ئۇ كىشىدىن قانداق تاپشۇرۇپ ئالغان بولسا شۇنداق قايتۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەقىقەتەن ئارىيەتتىن ئۆرپ-ئادەت دائىرىسىدە پايدىلىنىش دۇرۇس بولىدۇ، ئارىيەتنى بۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان شەكىلدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئۇنى ئىشلىتىش دۇرۇس بولمايدىغان ئىشقا ئىشلىتىشمۇ توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئارىيەتنىڭ ئىگىسى بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمىغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: هَلْ جَزَاءُ الْإِحْسَانِ إِلَّا الْإِحْسَانُ  تەرجىمىسى: «ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى پەقەت ياخشىلىق بولىدۇ».

     ئارىيەت ئالغان نەرسىنى ئارىيەت ئىلىنغان ئىشنىڭ غەيرىگە ئىشلىتىپ بۇزۇلغان بولسا، ئۇنى تۆلەش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالغان كىشى ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرغۇچە مەسئۇل بولىدۇ» [بۇخارى ۋە مۇسلىمدىن باشقا بەش ھەدىس كىتابىدا بايان قىلىنغان. ھاكىم سەھىھ دېگەن. بۇ ھەدىس بىر نەرسىنى ئارىيەت ئالغان كىشىنىڭ ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنى ئىگىسىگە ياكى شۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان كىشىگە يەتكۈزمىسە مەسئۇلىيىتى ئادا بولمايدۇ.

    ئارىيەت ئېلىنغان نەرسە نورمال ئىشلىتىۋاتقاندا بۇزۇلۇپ كەتكەن بولسا، ئارىيەت ئالغۇچى ئۇنى تۆلىمەيدۇ، چۈنكى ئارىيەت بەرگۈچى بۇنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلغان، رۇخسەت بېرىلگەن دائىرىدە ئىشلىتىپ بۇزۇلسا بۇنىڭغا تۆلەم كەلمەيدۇ.

    ئۆلىمالار ئارىيەت ئالغۇچى ئارىيەتنى ئارىيەت ئېلىنغان ئىشنىڭ غەيرىگە ئىشلىتىپ بۇزۇلسا تۆلەمدۇ ياكى تۆلىمەمدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە پەرقلىق قاراشتا بولدى. بىر قىسىم ئۆلىمالار: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئالغان كىشى ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرغۇچە مەسئۇل بولىدۇ» دېگەن ھەدىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بويۇنچە قەستەن بۇزۇۋەتكەن بولسۇن ياكى سەھۋەن بۇزۇۋەتكەن بولسۇن ئۇنى تۆلەش ۋاجىپ بولىدۇ دەيدۇ. بۇنىڭ مىسالى: ئارىيەت ئېلىنغان ھايۋاننىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، يۇغىلى بەرگەن كىيىمنىڭ كۆيۈپ كېتىشى ۋە ئارىيەت ئېلىنغان نەرسىنىڭ ئوغۇرلىنىشىغا ئوخشاشتۇر. يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار: قەستەن بۇزۇۋەتمىسە تۆلىمەيدۇ، تۆلەش دېگەن قەستەن بۇزۇۋەتكەندە بولىدۇ دەيدۇ. بەلكى بۇ قاراش كۈچلۈكتۇر، چۈنكى ئارىيەت ئالغۇچى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئالدى، خۇددى باشقىلار ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا ئامانەت قويغاندەك ئامانەت بولدى.

    ئارىيەت ئالغۇچى ئالغان ئارىيەتنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىش، ئاسىراش، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك، ئۇنىڭغا سەل قارىماسلىق ياكى بۇزۇلۇشقا سەۋەپ بولماسلىق كېرەك، چۈنكى ئۇ نەرسە، ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا ئامانەتتۇر، ئۇنىڭ ئىگىسى ئۇنى ياخشى ساقلىغۇچىدۇر. «ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى پەقەت ياخشىلىق بولىدۇ».

     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئەلپەۋزاننىڭ: "ئىخچام پىقھى مەجمۇئەسى" ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى