جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

بىئاراملىقنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى قايسى؟

سۇئال

بىر كىشى نەپسى تەرەپتىن بەك بىئارام بولۇپ، ئىچكى بېسىم ۋە بىئاراملىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا باشلىدى، ئۇ كىشىنىڭ مۇسۇلمان پىسخىكا دوختۇرىدىن ياردەم سورىشى توغرا بولامدۇ؟ ئەگەر توغرا بولسا، ئۇ دوختۇرنىڭ ئەقىدىسىنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش كېرەك بولامدۇ؟ ئۇ كىشىنىڭ نېرۋىسىنى تىنچلاندۇرىدىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلىشى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىنسان ئۆزىگە يەتكەن كېسەللىكنىڭ چارىسىنى قىلسا گۇناھ بولمايدۇ، بۇ چەكلەنمەيدۇ، لېكىن قىلىنغان داۋانىڭ ئۇ كىشىنىڭ ھالىتىنىڭ دەسلەپكىدىنمۇ زىيادە ۋە خەتەرلىك بولىشىغا سەۋەپ بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ.

    كېسەللەرگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز، ئۇلار مەيلى  ئېچى سىقىلىپ، بىئارام بولىدىغان روھى كېسەللىك ياكى تۈرلۈك شەكىلدىكى جىسمانىي كېسەللىكلەر بولسۇن، ئۇلار دەسلەپتە شەرىئەتتە كېسەللەرنىڭ ئىلاجىنى قېلىشقا تەۋسىيە قىلىنغان ئايەت-ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان رۇقىيە ئايەتلىرى بىلەن داۋالىنىشى كېرەك.

    ئاندىن ئاللاھ تائالا ياراتقان ھەسەل ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش تەبىئىي ماددىلار بىلەن داۋالىنىشىغا نەسىھەت قىلىمىز، چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ نەرسىلەردە نۇرغۇن كېسەللەرگە شىپا بولىدىغان خۇسۇسىيەتلەرنى قىلدى، ئۇنى ئىستىمال قىلغاندا ھېچ قانداق ئەكىس تەسىر كۆرۈلمەيدۇ.

    بىئاراملىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ خىمىيىلىك ماددىلاردىن ياسالغان دورىلارنى ئىستىمال قىلمىغانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا، بۇ كېسەلگە دۇچ كەلگەن كىشىنىڭ خىمىيىلىك دورىدىنمۇ بەكرەك روھى ئىلاج قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.

    ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئىمانىنى زىيادە قىلىش، پەرۋەردىگارىغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش، دۇئا ۋە نامازنى كۆپ قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ،  شۇنداق قىلغاندا ئۇ كىشىدىكى بىئاراملىق يوق بولىدۇ، ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۇ كىشىنىڭ قەلبى ۋە كۆڭلى ئېچىلىدۇ، بۇنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىرى نەپسىدىكى نۇرغۇن كېسەللەرنى يوق قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن روھى كېسەل بولغان كىشىلەرنىڭ كاپىر ئەمەس بەلكى ئېتىقادى ساغلام بولمىغان دوختۇرلارنىڭ قېشىغىمۇ بارمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. دوختۇر ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى بىلىدىغان بولسا، كېسەلگىمۇ بەك كۆيۈنىدىغان بولىدۇ.  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً ۖ وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُم بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ  تەرجىمىسى: ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق ، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز. [سۈرە نەھل 97-ئايەت].

    سۇھەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۆمىننىڭ ئىشى ھەيران قالارلىق، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى خەيرىلىكتۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق كەلسە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خەيرىلىكتۇر. ئەگەر مۇسىبەتكە ئۇچرىسا سەبىر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە خەيرىلىكتۇر. بۇنداق بولۇش پەقەت مۆمىن كىشىگىلا نەسىب بولىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2999-ھەدىس].

     مۇسۇلماننىڭ ئەڭ چوڭ غېمى دۇنيا بولىشى توغرا بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ رىزقىغا بىئارام بولماسلىقى كېرەك، بۇ ئارامسىزلىق يۈرىكى ۋە ئەقلىگە يەتمەسلىكى كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا ئۇنىڭ كېسىلى ۋە ئارامسىزلىقى زىيادە بولىدۇ.

    ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمنىڭ غىمى ئاخىرەت بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قەلبىدە بىھاجەتلىكنى قىلىدۇ، ئۇنىڭ چېچىلغان ئىشلىرىنى جۇغلايدۇ، ئۇ كىشى خالىمىسىمۇ دۇنيا ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ، بىر كىشىنىڭ غىمى دۇنيا بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا پىقىرلىقنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قىلىدۇ، جۇغلانغان ئىشلىرىنى چېچىۋىتىدۇ، دۇنيادىن پەقەت تەقدىر قىلىنغان نەرسىگىلا ئېرىشەلەيدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 2389-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" ناملىق ئەسەرنىڭ 6510 – نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنساننىڭ تاڭ ئاتقۇزغان ۋە كەچ قىلغان ۋاقىتتىكى ئەندىشىسى پەقەت بىر ئاللاھ بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ پۈتۈن ھاجەتلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، غەم-قايغۇلىرىنى كۆتۈرىدۇ، قەلبىنى ئۆزىنىڭ سۆيگۈسىگە ھازىرلايدۇ، تىلىنى زىكىرغا ۋە ئەزالىرىنى ئۆزىنىڭ تائەت-ئىبادىتىگە لايىق قىلىدۇ، ئەگەر تاڭ ئاتقۇزغان ۋە كەچ قىلغان ۋاقىتتىكى ئەندىشىسى مال-دۇنيا بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بارلىق غەم-قايغۇ، قېيىنچىلىقلىرىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە مەسئۇل قىلىدۇ، ئۆز نەپسىگە تاپشۇرىدۇ، قەلبىنى ئۆز سۆيگۈسىدىن مەخلۇقنىڭ سۆيگۈسىگە مەشغۇل قىلىدۇ، تىلىنى ئۆزىنىڭ زىكرىدىن ئۇلارنى زىكىر قىلىشقا، ئەزالىرىنى ئۆزىگە تائەت-ئىبادەت قىلىشتىن ئۇلارغا خىزمەت قىلىشقا مەشغۇل قىلىدۇ، ئۇ كىشى خۇددى باشقىلارنىڭ خىزمىتىدە بولغان ۋەھشى ھايۋاندەك ھېرىپ-چارچايدۇ، ئاللاھ تائالاغا بەندىچىلىك قىلىش، تائەت-ئىبادەت قىلىش ۋە ياخشى كۆرۈشتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنى ئاللاھ تائالا مەخلۇققا قۇلچىلىق قىلىش، مەخلۇقنى ياخشى كۆرۈش ۋە مەخلۇققا خىزمەت قىلىش بىلەن ھالاك قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يَعْشُ عَن ذِكْرِ الرَّحْمَـٰنِ نُقَيِّضْ لَهُ شَيْطَانًا فَهُوَ لَهُ قَرِينٌ  تەرجىمىسى: كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن (يەنى قۇرئاندىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى ھۆكۈمران قىلىمىز (شەيتان ئۇنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ)، شەيتان ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ. [سۈرە زۇخرۇپ 36-ئايەت]. "ئەلفەۋائىد" ناملىق ئەسەر 159 -بەت.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "مۆمىن روھى كېسەل بولامدۇ؟ بۇنى داۋالاشنىڭ يولى شەرىئەتتە قانداق بولىدۇ؟ مەلۇم بولۇشىچە تېبابەتتە بۇ كېسەللەرنى يېڭى زامان دورىلىرى بىلەن داۋالايدىكەن؟ دەپ سوئال قىلىنغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن ئىنسان روھى كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ، كەلگۈسى ئۈچۈن غەم قىلىش، ئۆتكەن ۋاقىتقا قايغۇرۇش، روھى كېسەلنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرى ھېسسى كېسەلنىڭ تەسىرىدىن كۆپ بولىدۇ، بۇ كېسەللىكنىڭ دورىسى شەرئى ئىشلار بىلەن يەنى رۇقىيە ئوقۇش بىلەن بولىدۇ، بۇ ھېسسى دورىلار بىلەن داۋالانغاندىن مەنپەئەتلىك بولىدۇ".

    روھى كېسەللىكنى داۋالايدىغان رۇقىيە شەرئىلەردىن: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان سەھى ھەدىستە، ھەرقانداق بىر مۇسۇلمانغا غەم-قايغۇ، بىئاراملىق يەتكەندە، ئۇ كىشى: ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ بەندەڭ، بەندەڭنىڭ ۋە دېدىكىڭنىڭ بالىسى، كۇكۇلام سېنىڭ قولۇڭدا، ماڭا ھۆكمىڭ يۈرگۈزۈلگۈچى، ئادالىتىڭ ئىجرا قىلىنغۇچى، سەن ئۆزۇڭنى ئاتىغان ياكى خەلقىڭدىن بىر كىشىگە بىلدۈرگەن ياكى كىتابىڭدا نازىل قىلغان ياكى ھوزۇرۇڭدىكى غەيبى ئىلمىدە تاللىغان ئىسىملىرىڭ بىلەن سورايمەن، قۇرئان كەرىمنى قەلبىمنىڭ باھارى، كۆڭلۈمنىڭ نۇرى، ئارامسىزلىقىمنى يوق قىلغۇچى ۋە غەم-قايغۇلىرىمنى كەتكۈزىۋەتكۈچى قىلغىن دەپ دۇئا قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. مانا بۇ شەرئى داۋالاشتىن ئىبارەتتۇر.

    شۇنىڭدەك ئىنسان: سەندىن باشقا ئىلاھى مەبۇد يوق، سەن پاكتۇرسەن، مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن دىسىمۇ بولىدۇ.

    بۇنىڭدىن ئارتۇقراق مەلۇمات ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ئۆلىمالارنىڭ زىكىر توغرىسىدىكى كىتابلىرىغا مۇراجىئەت قىلسۇن. ئۇ كىتابلاردىن: ئىبنى قەييىمنىڭ "ۋابىلىس سەييىب" ناملىق ئەسىرى،   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ "كەلىمىتتەييىب"، ئىمام نەۋەۋىينىڭ"ئەلئەزكار" ۋە ئىبنى قەييىمنىڭ "زادىل مىئاد" ناملىق ئەسەرلىرى تەۋسيە قىلىنىدۇ.

    لېكىن ئىنساننىڭ ئىمانى زەئىپلەشكەندە، نەپسىنىڭ شەرئى دورىلارنى قوبۇل قىلىشىمۇ ئاجىزلىشىدۇ، ھازىر ئىنسانلار شەرئى دورىدىن كۆرە ھېسسى دورىلارغا بەكرەك تايىنىدۇ، ئەمما ئىمانى كۈچلۈك بولغاندا، شەرئى دورىلار تولۇق تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەلكى ئۇنىڭ تەسىرى ھېسسى دورىلاردىن تىز بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەۋەتكەن قۇشۇندىكى بىر كىشىنىڭ ۋەقەلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، ئۇلار ئەرەپلەرنىڭ بىر مەھەللىسىگە چۈشىدۇ، مەھەللىدىكىلەر چۈشكەن ساھابىلارنى مېھمان قىلمايدۇ، ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەن ئۇ مەھەللىنىڭ بېگىنى يىلان چېقىۋالىدۇ، مەھەللىدىكىلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىگە: مەھەللىمىزگە چۈشكەن كىشىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ بېقىڭلار بەلكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رۇقىيە ئوقۇپ قويىدىغانلار تېپىلىپ قالار دەيدۇ، ساھابىلار ئۇلارغا: ئەگەر سىلەر بىزگە مانچە دانە قوي بەرسەڭلار سىلەرنىڭ بېگىڭلارغا رۇقىيە ئوقۇپ قويىمىز دەيدۇ، ئۇلار: بولىدۇ، دەيدۇ، ساھابىلاردىن بىرى بېرىپ يىلان چېقىۋالغان كىشىگە پەقەت پاتىھە سۈرىسى بىلەنلا رۇقىيە ئوقۇپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ يىلان چېقىۋالغان كىشى ساقىيىپ تۇرۇپ كېتىدۇ.

    پاتىھە سۈرىسى ئۇ كىشىگە مۇشۇنداق تەسىر قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىمانغا تولغان قەلبدىن سادىر بولغان ئىدى، ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: پاتىھە سۈرىسىنىڭ رۇقىيە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟ دەيدۇ. لېكىن بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدە دىن، ئىمان ئاجىزلاشتى، كىشىلەر ھېسسى نەرسىلەرگە بەك تايىنىدىغان بولغاچقا مۇشۇنداق ئىشلارغا دۇچار بولدى.

    لېكىن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قارشىسىدا سېھرىگەرلەر، كىشىلەرنىڭ ئەقلى، ئىقتىدارى ۋە سۆزلىرى بىلەن ئوينىشىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى ياخشى كىشىلەر دەپ ئويلايدۇ، لېكىن ئۇلار كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى باتىل يول ئارقىلىق يەيدۇ، ئىنسانلار ئىككى زىت نەرسىنىڭ ئارىسىدىدۇر: بەزىلەر چېكىدىن ئېشىپ رۇقىيە ئوقۇغاننىڭ ھېچ قانداق تەسىرى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى چېكىدىن ئېشىپ يالغان قىرائەت ۋە ساختىپەزلىك قىلىش بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەقىللىرى بىلەن ئوينىشىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇراھال يول تۇتىدۇ". ["ئىسلام پەتىۋالىرى"4-توم 465-466-بەت]. ئاللاھ تائالادىن، بىزنى ۋە سىزنى غەم-قايغۇنىڭ يامانلىقىدىن ساقلاشنى، قەلبىمىزنى ئىمان، ھىدايەت ۋە خاتىرجەملىككە ئېچىۋىتىشىنى سورايمىز.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى