پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قىز-خانىملارنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشتىكى ئورنى

سۇئال

قىز-خانىملارنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشى توغرىسىدا قانداق قارايسىلەر؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

قىز-خانىملارنىڭمۇئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن چەكلەشتىن ئىبارەت بۇ پەزىلەتلىك ئەمەلدە ئەرلەرگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ تېكىستلىرى ئىسپاتلايدۇ. شۇنداقلادىنى ئالىملارنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى قارىشى روشەندۇر.

قىز-خانىملارنىڭمۇ ئەرلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغان شەرئى ئەدەپلەر بىلەن ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىشى قاتارلىق ئىشلار زۆرۈر بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرت ئۇنى باشقىلار ئايال دەپ كۆزگە ئىلمىسىمۇ، مەسخىرە قىلسىمۇ، زاڭلىق قىلسىمۇ، دەشنام قىلسىمۇ سەۋىرسىزلەنمەستىن، ئارتۇق بىئارام بولماستىن، دەۋەتتىن سۇسلىشىپ قالماسلىقى كېرەك، بەلكى بۇ ئازار-كۈلپەتلەرگە چىداپ سەۋر قىلىپ دەۋەتتى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. شۇنداقلا دەۋەتچىلىك يولىغا ئاتلانغان ھەرقانداق ئايال، ئىپپەتلىك ۋە ھىجابلىق بولۇشتا باشقىلارغا ئۈلگە بولىشى، يات ئەرلەردىن ۋە ئۇلارغا ئارىلىشىشتىن يىراق بولىشى لازىم. ئومۇمەن دەۋەت جەريانىدا باشقىلار تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ ئۆزىدەسادىر بولۇپ قىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ئەگەر ئەرلەرگە دەۋەت يەتكۈزۇش زۆرۈر بولۇپ قالسا، ئۇلاردىن بىرەر كىشى بىلەن خالى تۇرماستىن بەلكى تولۇق ھىجاب بىلەن ئومۇمغا دەۋەت قىلىش لازىم. ئاياللارغا دەۋەت قىلغاندا ئۇلارغا ھېكمەت بىلەن سۆز قىلىش، ئېسىل-ئەدەپ، گۈزەل ئەخلاقتا ئۇلارغا ئۈلگە بولىشى لازىم. ئۆزىنىڭ ئابرۇيىغا زىت كىلىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولىشى ئىنتايىن مۇھىم.شۇنداقلا كىشىلەرنى پىتنىگە تاشلايدىغان كېيىم - كېچەكلەردىن ساقلىنىش، گۈزەللىكىنى ئاشكارا قىلىش، نازلىنىپ سۆزلەش قاتارلىق ئۆزىگە ئىنكار قىلىنىدىغان ۋە پىتنىگە سەۋەپ بولىدىغان بارلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. بەلكى ئۆزىنىڭ دىنى ۋە يۈز ئابرۇيىغا زىيىنى يەتمەيدىغان يوللار بىلەن ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

مەنبە: شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى بازنىڭ "مۇسلىمىلەر ئۈچۈن پەتىۋالار" ناملىق ئەسىرى 1010-بەت