سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئىسلام دىنىنىڭ ئالاھىدىلىكى

سۇئال

نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى ھەق دىن دەپ ئىشەنچ قىلىدۇ؟، ئۇلارنىڭ قانائەتلەنگۈدەك سەۋەبلىرى بارمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

سوئال سورىغۇچىغا ھۆرمەت ۋە سالاملار بولسۇن.

سىزنىڭ سوئالىڭىز ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن، لېكىن بۇ دىنغا كۆپ ئارىلاشقان، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى توغرا دەپ ئىتىقاد قىلغان، ئۆزى ياشاۋاتقان نېمەتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلىدىغان، شۇنداقلا ھاياتىدا ئىسلام دىننىڭ سايىسىدىن نەسىۋىسىنى ئالغان بىر كىشىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قارىشىدۇر. بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولۇپ مۇھىملىرىنى تۆۋەندە بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

1- مۇسۇلمان ھېچقانداق شېرىكى يوق يەككە-يىگانە، گۈزەل ئىسىم ۋە ئالى سۈپەتكە ئىگە بولغان ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدۇ. مۇسۇلماننىڭ يۆلىنىشى ۋە مەقسىتى بىر ئاللاھنىڭ تەرىپىگە بولىدۇ. ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ئىشەنچ قىلىدۇ، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىدۇ. شۇنداقلا ياراتقۇچى رەببىدىن كۈچ، غەلىبە، نۇسرەت، ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ ھەممىگە قادىرلىقىغا، ئۇنىڭ ھەمراھقا، پەرزەنتكە ھاجىتى بولمايدىغانلىقىغا، ئاسمان-زېمىننى ئىز-نىشانسىز پەيدا قىلغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇ ئاللاھ تائالا ياراتقۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى، قەبزى روھ قىلغۇچى ۋە ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلدۇرگۈچىدۇر. بەندە ئاللاھ تائالادىن رىزىق تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئاڭلىغۇچى ۋە دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر. بەندە ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ، ناھايىتى مېھرىبان، كەچۈرۈم قىلغۇچى ئەپۇچان ئاللاھتىن دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشنى ئۈمىت قىلىدۇ، بەندە خاتالىق سادىر قىلغاندا ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ ئىبادەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلالمىغاندا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلگۈچى، خەۋەردار بولغۇچى، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. بەندىلەرنىڭ نىيەتلىرى، يوشۇرۇن سىرلىرى ۋە قەلبىنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىنى كۆرۈپ، بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى كۈزىتىپ تۇرغاچقا، بەندە ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلىپ بىرەر گۇناھ سادىر قىلىش ياكىباشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن ھايا قىلىدۇ. بەندە پەرۋەردىگارىنىڭ ھىكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقى ۋە غەيبنى بىلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنىڭغا مۇناسىپ نەرسىلەرنى ئىختىيار ۋە تەقدىر قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىدۇ. بەندە پەرۋەردىگارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ھېكمەتنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن، ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ ھەممىسى بەندە ئۈچۈن ياخشىلىقتۇر. كائىناتنى ياراتقۇچىسى ئاللاھ مەخلۇقاتلارغا زۇلۇم قىلمايدۇ.

2- ئىسلامدا ئىبادەتلەرنىڭ مۇسۇلماننىڭ نەپسىگە بولغان تەسىرى: ناماز بەندە بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىدۇر، بەندە خۇشۇئ بىلەن ناماز باشلىغان ۋاقىتتا روھى راھەت، ئارامدىللىق ۋە خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىنسان ئاللاھ تائالادىن ئىبارەت كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك بىر زات تەرىپىگە يۈزلەنگەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىرەر ئىشتا قايغۇرۇپ ياكى ئارامسىزلىق ھېس قىلسا: ئى بىلال بىزنى ناماز بىلەن راھەتلەندۈرگىن دەپ مۇئەززىنگە بۇيرۇيتتى. بالا-مۇسىبەتكە گىرىپتار بولغان ھەر قانداق كىشى ناماز ئوقۇش ئارقىلىق تەجرىبە قىلىپ باقسۇن، شۇ ۋاقىتتا ئۆزىگە يەتكەن مۇسىبەتكە سەۋر قىلىشتا زور بىر ياردەمگە ئېرىشىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ناماز ئارىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى يەنى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ كالامىنى تىلاۋەت قىلىشنىڭ تەسىرىنىباشقا مەخلۇقاتنىڭ سۆزىنى ئوقۇشنىڭ تەسىرىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. بەزى پىسخولوگىيە دوختۇرلىرىنىڭ سۆزى بىلەن بىمارنىڭ كۆڭلى ئىچىلىپ، راھەتلەنگەن يەردە، مەزكۇر پىسخولوگىيە دوختۇرلىرىنى ياراتقان ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدىن قانداقمۇ دىل راھەتلەنمىسۇن؟!.

زاكاتقا كىلىدىغان بولساق: ئۇ ئىسلامنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ نەپسى بېخىللىق ۋە ئاچكۆزلۈكتىن پاكىزلىنىپ، پېقىر-مىسكىن، كەمبەغەل-يوقسۇللارغا ئىقتىسادى ياردەم بېرىش ۋە شەپقەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئېسىل خىسلەتكە ئادەتلىنىدۇ. بۇمۇ باشقا ئىبادەتلەردەك مەنپەئەتى قىيامەت كۈنى كۆرىلىدۇ.زاكات دېگەن ئىنسانلار ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى باشقىلاردىن ئالىدىغان يۇقىرى نىسبەتلىك ئۆسۈم ياكى باجغا ئوخشىمايدۇ. پەقەت ھەر مىڭ يۈئەندىن (1000) يىگىرمە بەش (25) يۈئەن ئېلىنىدۇ. سەمىمى تەقۋادار مۇسۇلمان بۇ ھەقنى چىن كۆڭلىدىن رازىمەنلىك بىلەن ئادا قىلىدۇ. ھەتتا بىرسى ئۇنى كۆزىتىپ تۇرمىغان ئەھۋالدىمۇ بۇ ھەقنى ئادا قىلىشتىن باش تارتمايدۇ.

روزىغا كەلسەك: ئۇ يېمەك-ئىچمەك ۋە نىكاھ ئىشلىرىدىن بەلگىلىك ۋاقىت چەكلىنىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئارقىلىق يېمەك-ئىچمەكتىن مەھرۇم بولغان، ئاچ-يالىڭاچلارنىڭ ھاجىتىنى ھېس قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق مەخلۇقاتلارغا بەرگەن بۈيۈك نېمەتلىرىنى ئەسلەس ۋە ئۇنىڭغا ئاتا قىلىدىغان چەكسىز مۇكاپاتلارنى ئويلىغان ھالدا ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ھەج قىلىش بولسا: ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىنا قىلغان بەيتۇللاھ ھەرەمنى زىيارەت قىلىش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش، دۇئا قىلسا ئىجابەت قىلىنىدىغان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار بىلەن ئۆز-ئارا تونۇشۇش پۇرسىتى ھاسىل بولىدىغان ئىبادەتتۇر.

3- ئىسلام ئىنساننى بارلىق ياخشىلىققا بۇيرۇپ، ھەممە يامانلىقتىن چەكلىدى. شۇنداقلا راستچىللىق، كەڭ قورساقلىق، مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق، كەمتەرلىك، ھايالىق، ۋاپادارلىق، ۋەدىدە تۇرۇش، ئېغىر-بېسىقلىق، رەھىمدىللىق، ئادىللىق، قەيسەرلىك، سەۋرچانلىق، بىر-بىرى بىلەن چىقىشىش، قانائەتچانلىق، ئىپپەتلىك، خەيرى-ئېھسان قىلىش، كەچۈرۈمچانلىق، ئامانەتدارلىق، ياخشىلىققا رەھمەت ئېيتىش، ئاچچىقىنى يۇتۇش قاتارلىق ئېسىل ئەدەپ ۋە گۈزەل-ئەخلاقلارغا بۇيرىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى يەتكۈزۇش، قىينچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىش، خولۇم-خوشنىلارغا خەيرى-ئېھسان قىلىش، يېتىمنىڭ مېلىنى ساقلاش، ئۇنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلىش، كىچىكلەرگە كۆيۈنۈش، چوڭلارنى ئېھتىرام قىلىش، خىزمەتچىلەرگە ھايۋانلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىش، يول ئۇستىدىن كىشىلەرگە ئازار يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى يىراق قىلىش، چىرايلىق سۆزلەش، قۇدرىتى يەتسە باشقىلارنى كەچۈرۈش-ئەپۇ قىلىش، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا نەسىھەت قىلىش، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجەتلىرىنى ئورۇنداش، قىسىلىپ قالغانلارغا مۆھلەت بېرىش، ئۆز نەپسىدىن باشقىلارنى ئەلا بىلىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىش، مۇسىبەتكە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە ۋە تەسەللى بېرىش، كىشىلەرگە تەبەسسۇم قىلىپ ئوچۇق چىراي بولۇش، قىينچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىش، كىسەل يوقلاش، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ياردەم بېرىش، دوست-بۇرادەرلەر بىر-بىرىگە ھەدىيە يەنى سوۋغا تەقدىم قىلىش، مېھماننى ئىكرام قىلىش، ئەر-ئاياللار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، ئاياللىرى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئىلىش، سالامنى ئاشكارا قىلىش، بىرەرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن بۇرۇن ئۆي ساھىبنىڭ ئەۋرەتلىرىنى يەنى نامەھرەم بولىدىغان كىشىلىرىنى كۆرۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن رۇخسەت سوراپ ئاندىن كىرىشگە ئوخشىغان پەزىلەتلىك ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ.

مۇسۇلمان بولمىغان بەزى كىشىلەرنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ بەزىسىنى ئادا قىلىشى، ھەقىقەتەن ئومۇمى ئەدەپ-ئەخلاق جۈملىسىدىندۇر. ئەمما ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ساۋاپ-مۇكاپات ئۈمىت قىلىنمايدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئۇ سەۋەبلىك نىجاتلىق ۋە قۇتۇلۇش بولمايدۇ.

ئىسلام دىنى چەكلىگەن نەرسىلەرگە كەلسەك، ئۇنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن چەكلىگەنلىكىنى كۆرىمىز، ھەر قانداق چەكلىمە بەندىنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن بولغان، باشقا ئىنسانلار ياكى ئۆزى، شۇنداقلا ئۆز مىللىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قوغداش-ھىمايە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدىكى مەقسەتنى روشەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ توغرىدا تۆۋەندىكىدەك مىساللارنى بايان قىلىمىز:

ئىسلام دىنى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشتىن چەكلىدى. ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىش بەندە ئۈچۈن ئېچىنىشلىق بەختسىزلىكتۇر. ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى رەمبال ۋە جىنكەش، پېرىخۇن ۋە باخشىلارنىڭ يېنىغا بېرىش، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىشتىن چەكلىدى. كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىدىغان ياكى بىرگە يېقىن قىلىدىغان سېھرىگەرلىك قىلمىشلىرىدىن توسۇپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە تۈرلۈك ھادىسىلەرگە يۇلتۇزلار تەسىر كۆرسىتىدۇ دېگەندەك كۆزقاراش ۋە خاتا ئېتىقادلاردىن چەكلىدى. زامان ۋە ۋاقىتنى تىللاشتىن چەكلىدى چۈنكى زاماننىڭ ئىشلىرىنى تەسەررۇپ قىلغۇچى ئاللاھ تائالادۇر. قۇشلارنىڭ سايرىشى ۋە ئۇچۇشىدىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلاردىن شۇم پال ئىلىشتىن توستى.

ياخشى ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدىغان رىياكارلىق، شۆھرەت پەرەسلىك ۋە مىننەتخورلۇق قىلمىشلاردىن چەكلىدى.

ئاللاھنىڭ غەيرىگە سەجدە قىلىش ياكى ھەددىدىن زىيادە ئېگىلىپ تەزىم قىلىشتىن چەكلىدى.

مۇناپىقلار ياكى پاسىق-پاجىرلار بىلەن ئۈنسە-ئۈلپەت بولۇپ بىرگە ئولتۇرۇشتىن چەكلىدى. باشقىلارنى ساڭا ئاللاھ تائالانىڭ لەنىتى بولسۇن، ياكى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپى بولسۇن، ياكى ئاللاھ سېنى دوزاخقا كىرگۈزسۇن، دىگەندەك ئىبارەتلەر بىلەن لەنەت قىلىشتىن چەكلىدى. توختاپ قالغان سۇغا كىچىك تەرەت قىلىشتىن، يولنىڭ ئوتتۇرىغا، كىشىلەرنىڭ سايىدايدىغان جايلىرىغا ۋە سۇ كىلىدىغان ئورۇنلارغا چوڭ تەرەت قىلىشتىن چەكلىدى. شۇنداقلا چوڭ-كىچىك تەرەت قىلغاندا قىبلىگە ئالدىنى-كەينىنى قىلىشتىن، كىچىك تەرەت قىلغاندا ئەۋرىتىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇشتىن چەكلىدى. ھاجىتىنى ئادا قىلىۋاتقان كىشىگە سالام قىلىشتىن چەكلىدى. ئۇيقۇدىن ئويغانغان كىشىنى قولىنى يۇماستىن سۇ قاچىسىغا قولىنى كىرگۈزۈشتىن چەكلىدى. كۈن چىقىۋاتقان، تىكلەشكەن ۋە ئولتۇرۇۋاتقان ۋاقىتلاردا نەپلە ناماز ئوقۇشتىن چەكلىدى چۈنكى كۈن شەيتاننىڭ ئىككى مۈڭگۈزى ئارىسىدىن چىقىدۇ ۋە كىرىپ كېتىدۇ. تاماق ھازىر بولۇپ ئىشتىھاسى قوزغالغاندا، چوڭ-كىچىك تاھارەت ۋە يەل قىستىغاندا ناماز ئوقۇشتىن چەكلىدى، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ناماز ئوقۇغۇچىنى راھەتسىزلەندۈرىدۇ، نامازدا تەلەپ قىلىنغان خۇشۇدىن چەكلەپ قويىدۇ. ناماز ئوقۇغۇچىنى باشقىلارغا ئازار يەتكۈزىدىغان دەرىجىدە ئۈنلۈك ئاۋازدا ناماز ئوقۇشتىن چەكلىدى، ھېرىپ-چارچاپ مۈگدەپ-ئۇيقۇسى كەلگەندە كېچىلىك نامازنى داۋاملاشتۇرماستىن ئۇخلاشقا، ئۇيقۇسىغا قانغاندا قوپۇپ ئوقۇشقا، نامازدا تاھارىتى بار-يوقلىغىدا شەك بولۇپ قالسا، پۇراقنى پۇرىغىچە ياكى ئاۋازنى ئاڭلىغۇچە نامازنى بۇزۇشتىن چەكلىدى. مەسچىتلەردە ئالماق-ساتماق ۋە يوقاپ كەتكەن نەرسىلەرنى سۈرۈشتۈرۈشتىن چەكلىدى، چۈنكى مەسچىت دېگەن ئىبادەت قىلىدىغان، ئاللاھنى ياد ئېتىدىغان ئورۇن بولۇپ، بۇ ئورۇندا دۇنيالىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش توغرا ئەمەس.

نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا مەسچىتكە ئالدىراپ تىز مېڭىشتىن چەكلەپ بەلكى ئالدىرىماي تىنچ مېڭىشقا بۇيرىدى. مەسچىتلەرنى ناماز ئوقۇغۇچىلارنى مەشغۇل قىلىدىغان قىزىل، سېرىق رەڭلەر ۋە تۈرلۈك نەقىشلەر بىلەن زىننەتلەپ، ئۆز-ئارا پەخىرلىنىشتىن چەكلىدى. ئىپتار قىلماستىن بىر قانچە كۈن ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن چەكلىدى، ئايال كىشىنىڭ يولدىشى يېنىدا بار ۋاقتىدا رۇخسەتسىز نەپلە روزا تۇتىشىشنى چەكلىدى. قەبىرلەرنىڭ ئۈستىگە گۈمبەز قاتۇرۇش، تۇغ-شەددە ئېسىش، قەبرە ئۈستىدە ئولتۇرۇش، قاتتىق ئاۋاز بىلەن قەبرىلەر ئارىسىدا مېڭىپ يۈرۈش، قەبرىستانلىقتا چىراق يورۇتۇش، قەبرە ئۈستىگە خەت ئويغان تاشلارنى تىكلەش، قەبرىنى كولاپ كېپەن ئوغرلاش، قەبرىستانلىقنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىۋېلىشتىن ئىبارەت بىر تۈرلۈك ئىشلاردىن چەكلىدى. ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن ئۆزىنى كاچاتلاپ، ياقىلىرىنى يىرتىپ، ۋارقىراپ-جارقىراپ يىغلاشتىن، مېيىت ھەققىدە مەرسىيە ئوقۇشتىن چەكلىدى. جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ يەنى ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىگە ئەھمىيەت بېرىشتىن چەكلىدى. ئەمما پەقەت ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويسا بولىدۇ.

ئىسلام دىنى مۇسۇلماننى جازانە يېيىشتىن چەكلىدى، مەقسىتى بىلىنمەيدىغان ۋە تۈرلۈك ھىلى-مىكىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودىلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىشنى چەكلىدى. قان، چوشقا گۆشى، ھاراق ۋە بۇتلارنى سېتىشتىن چەكلىدى. بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە ھارام قىلغان نەرسىلەردۇر. ئۇ نەرسىلەرنى ساتسۇن-سېتىۋالسۇن ئۇنىڭ تىجارىتى ھارامدۇر. ساختا سودىلاردىن يەنى ئۆزى ئالمايدىغان نەرسىنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىپ قويۇشتىن چەكلىدى، بۇ ئىش نۇرغۇن سودىلاردا ئۇچرايدۇ. تاۋارلارنى ساتقاندا ئۇنىڭ ئەيىبىنى يورۇشتىن چەكلىدى. ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان نەرسىلەرنى سېتىشتىن ۋە ئۆز ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان بىر نەرسىنى قولىغا ئىلىشتىن بۇرۇن سېتىشتىن، قېرىندىشى سېتىۋاتقاننەرسىنى سودىنى بۇزۇپ سېتىش ياكى سېتىۋالماقچى بولغان نەرسىنى سودىنى بۇزۇپ سىتىۋىلىشتىن، قېرىندىشى قويغان باھانى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئەخلاقسىزلىقلاردىن چەكلىدى.

باغدىكى مېۋە-چېۋىلەرنىڭ دان تۇتۇپ، تۈرلۈك ئاپەتلەردىن ساقلانغانلىقى بىلىنمىگىچە ئۇنى سېتىشتىن چەكلىدى. جىڭ-تارازىلاردا ئېغىر ئىلىپ، يېنىك سېتىشتىن، بازارنى مونوپول قىلىۋېلىشتىن، زېمىن ياكى خورما ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەرسىلەردە شېرىك بولغان بولسا، شېرىكىگە بىلدۈرمەستىن ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى سېتىۋىتىشتىن چەكلىدى.

زۇلۇم قىلىپ يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىشتىن چەكلىدى، قىمار ئويناش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، قىمارۋازلارغا سورۇن ھازىرلاپ بېرىش ئارقىلىق جان بېقىشتىن چەكلىدى. پارا بېرىش ۋە ئىلىشتىن چەكلىدى، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاش ۋە يولسىز يېۋىلىشتىن چەكلىدى. شۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى يوق قىلىۋېتىش مەقسىتىدە ئىلىشتىن چەكلىدى. باشقىلارنىڭ ماللىرىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۋىتىشتىن چەكلىدى.

تېپىۋالغان نەرسىلەرنى ئىگىسىگە تونۇتۇشنى مەقسەت قىلماستىن يوشۇرۇش، يوق قىلىۋېتىش مەقسىتىدە ئىلىشتىن چەكلىدى، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئالدامچىلىقلاردىن چەكلىدى. قايتۇرماسلىق نىيىتى بىلەن قەرز ئىلىشتىن چەكلىدى. مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ بىر نەرسىسىنى قېرىندىشى رازى بولمىغان ھالەتتە ئىلىۋىلىشتىن چەكلىدى. باشقىلارغا قورال تەڭلەپ بىر نەرسە ئىلىشتىن چەكلىدى. باشقىلارنىڭ ياخشى ياكى ساخاۋەتچى ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى سۈيئىستىمال قىلىش يولى بىلەن باشقىلاردىن ھەدىيە-سوۋغا ئىلىشتىن چەكلىدى.

توي قىلىشنى تەرك قىلىپ يىگانە ياشاشتىن، ئۆزىنى پىچتۇرۇپ ئاختا قىلىۋېلىشتىن چەكلىدى. بىر نىكاھتا ئىككى ئاچا-سىڭلىنىڭ ئارىسىنى جۇغلاشتىن، ئايال بىلەن ھاممىسى ياكى خالىسىنى بىر نىكاھتا ساقلاشتىن چەكلىدى. چۈنكى ئۇلار بىر كىشىنىڭ نىكاھىدا بولغاندا ئارىدىكى تۇغقانچىلىقنىڭ ئۈزۈلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. شىغار شەكىلدە نىكاھ قىلىشتىن يەنى بىرنىڭ ئوغلىغا قىزى ياكى ھەمشىرىسىنىتويلۇق مېھرى ئالماستىن نىكاھلاپ بېرىپ، ئۇنىڭ قىزى ياكى ھەمشىرىسىنى تويلۇق بەرمەستىن ئوغلىغا نىكاھلاپ بېرىشتىن چەكلىدى. بۇ ئوچۇق ئاشكارا زۇلۇم ۋە چەكلەنگەن ئىشتۇر. ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىشىپ مەلۇم مۇددەتلىك نىكاھ ئەھدىسى قىلىشتىن يەنى مۇتئە نىكاھدىن چەكلىدى.

ئاياللار ئايلىق ئادەت كۆرۈپ قالغاندا، ئۇلار پاك بولۇشتىن ئىلگىرى ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بولۇشتىن چەكلىدى. ئاياللارنىڭ ئارقا تەرىپىگە كېلىشتىن چەكلىدى. ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشى توي قىلىش تەكلىپى قويغان قىزغا ئۇ كىشى چىكىنگەن ياكى رۇخسەت قىلمىغان شارائىتتا توي قىلىش تەكلىپىنى قويۇشتىن چەكلىدى. چوكان ئۆزى تەلەپ قىلمىغۇچە، قىز بالا ماقۇل بولمىغىچە ئۇلارنىڭ نىكاھىنى قىلىشتىن چەكلىدى. توي قىلغۇچىلارنى "بەك ماسلىشىپتۇ، كۆپ ئوغۇللۇق بولۇڭلار" دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەبرىكلەشتىن چەكلىدى، چۈنكى بۇ جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ تەبرىك سۆزى بولۇپ، ئۇلار قىزلارنى ياخشى كۆرمەيتتى. تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ھامىلە ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇشتىن چەكلىدى. ئەر-ئاياللارجىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا بولغان ئىشلارنى باشقىلارغا سۆزلەشتىن، ئايال كىشى ئېرىگە بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن، تۇرمۇشتا تالاق ئىشلىرىنى ئويۇنغا ئايلاندۇرۇۋېلىشتىن، ئايال كىشى ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنىڭ تالاق قىلىنىشى ياكى نىكاھلىنىش ئالدىدا تۇرغان بولسا توي قىلىش تەكلىپىنى قايتۇرۋىتىشنى تەلەپ قىلىشتىن يەنى ئايالى بار ئەر كىشىگە: ئايالىڭىزنى تالاق قىلىڭ مەن سىز بىلەن توي قىلاي دېگەن سۆزلەرنى قىلىشى چەكلەنگەن. ئايالنىڭ ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز مال-مۈلكىنى نەپىقە قىلىشى چەكلەنگەن. ئايالنىڭ شەرئى ئۆزرسى بولمىغان ئەھۋالدا ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە يېتىشتىن باش تارتىشى چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇنداق قىلسا پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا ئېرى رازى بولغانغا قەدەر لەنەت ئېيتىدۇ.

ئەر كىشىنىڭ ئۆگەي ئانىسى بىلەن توي قىلىشىنى چەكلىدى. باشقىلاردىن ھامىلدار بولغان ئايال بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى، ئۆزىنىڭ ھور ئايالىدىن ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ئەزلى قىلىشى (يەنى جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىا سپېرمىنى تېشىغا تۆكۈش)، ئەر كىشىنىڭ ئۇزۇن سەپەردىن ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋەر قىلماستىن كېچىدە تۇيۇقسىز ئۆيىگە كېلىشى چەكلەنگەن بولۇپ، ئەگەر ئالدىن خەۋەر بېرىپ قويغان بولسا بولىدۇ. ئايال رازى بولمىغان ئەھۋالدا ئەر ئايالىنىڭ تويلۇق مېھرىنى مەجبۇرى ياكى ئالداپ ئىلىپ خىراجەت قىلىشى چەكلەنگەن. ئەر ئايالنىڭ مېلىدىن ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتى بىلەن ئىلىش چەكلەنگەن.

ئاياللارنىڭ يىرىم-يالىڭاچ كىيىنىشىنى چەكلىدى. ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئۆيىگە ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز يات ئەرنى باشلىشى چەكلەنگەن بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتىگە زىت كەلمىگەن ئاساستىكى ئومۇمى رۇخسىتى بولسا بولىدۇ. ئانا بىلەن بالىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋىتىشتىن چەكلىگەن. دەيۈزلىكتىن (يەنى ئايالى، ھەمشىرىلىرى ۋە قىزلىرىنىڭ يات ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرىشىگە پەرۋا قىلماسلىقتىن رۇخسەت قىلىشى) چەكلەيدۇ. دىنىمىز ئەرلەرنىڭ يات ئاياللارغا تىكىلىپ كۆزىنى ئۈزمەي قارىشىدىن چەكلەيدۇ.

ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ يەنى سۇدا غەرق بولسۇن ياكى بوغۇلۇپ ئۆلسۇن ياكى توكقا سوقۇلۇپ ئۆلسۇن ياكى ئېگىز جايدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلسۇن ئۇنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن چەكلىدى. ئېتىلىپ چىققان قاننى، چوشقا گۆشىنى، ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ نامى بىلەن بوغۇزلىغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى ۋە بۇتلار ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن چارۋىلارنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن چەكلىگەن.

نىجاسەت يېيىشكە ئادەتلەنگەن چارۋىلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ۋە سۈتىنى ئىچىشتىن چەكلىگەن. ۋەھشى ھايۋانلارنىڭ ۋە ۋەھشى قۇشلارنىڭ، يەرلىك ئېشەكنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن چەكلىگەن. ھايۋانلارنى باغلاپ قويۇپ بىر نەرسە بەرمەستىن ئاچ قويۇپ ياكى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋىتىشتىن چەكلىگەن. چارۋىلارنى چىش بىلەن سۆڭەك بىلەن ئۆلتۈرۈشتىن، باشقا ھايۋانلارنى قارىتىپ تۇرۇپ پىچاقنى بىلەش ۋەيەنە بىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن چەكلىگەن.

كىيىم-كېچەك توغرىسىدا: دىنىمىزدا كىيىم-كېچەكنى ھەددىدىن زىيادە ئىسراپ قىلىپ كىيىشتىن، ئەرلەرنىڭ ئالتۇن بۇيۇملارنى ئىشلىتىشىدىن، كىيىم-كېچەكلىرىنى سىلىۋېتىپ يالىڭاچ يۈرۈشتىن، كىشىلەر بار يەردە يوتىسىنى ئىچىپ قويۇشتىن، كىيىم-كېچەكنى ئۇزۇن سۆرىتىپ كىيىپ چوڭچىلىق قىلىشتىن، شۆھرەت پەرەسلىك قىلىشتىن، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن، ئىپپەتلىك پاك ئاياللارغا بۆھتان چاپلاشتىن، پاك ئىنسانغا تۆھمەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلىدى.

ئىسلام دىنىمىز باشقىلارنى كەمسىتىشكە چەك قويغان بولۇپ، كۆز-قاشلىرىنى قىسىپ باشقىلارنى زاڭلىق ۋە مەسخىرە قىلىشتىن، باشقىلارنى ياقتۇرمايدىغان لەقەملەر بىلەن ئاتاشتىن، غەيۋەت قىلىش، گەپ توشۇش، مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلىش، يۈز-ئابرۇيى بىلەن پەخىرلىنىش، باشقىلارنىڭ نەسىلگە تىل ئۇزۇتىش، باشقىلارنى تىللاش، دەشنام قىلىش، سەت گەپ قىلىش، پايدىسىز سۆزلەرنى كۆپ قىلىش، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ناچار سۆزلەرنى ئاشكارا قىلىشتىن چەكلىگەن.

يالغان سۆزلەشتىن، بولۇپمۇ ئۆزى بىلەن ئارىسىدا ئاداۋىتى بولغان كىشىلەرنى قورقۇتۇش ياكى ماددى بىرنەرسىلەرگە ئېرىشىش ياكى ئالاھىدە بىر پەزىلەت ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يالغاننى توقۇپ چىقىپ، كۆرمىگەن چۈشنى كۆردۈم دېيىشتەك ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئەڭ چوڭ يالغانچىلىقتۇر.

ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئۆزى مەدھىيىلىشىدىن، ئۈچ كىشى بار يەردە بىرىنى ئايرىپ قويۇپ ئىككى كىشىنىڭ بىر-بىرى بىلەن پىچىرلىشىپ سۆزلىشىشتىن چەكلەيدۇ. چۈنكى ئۇنداق قىلىش ئۈچىنچى كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. مۆمىنلەرگە لەنەت ئېيتىش ياكى لەنەتكە لايىق بولمىغان كىشىلەرگە لەنەت ئېيتىشتىن، ئۆلۈپ قالغان كىشىلەرنى تىللاش ۋە ئاھانەت قىلىشتىن، بىر قىيىنچىلىققا دۇچكەلگەندە ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەشتىن ياكى ئۆز نەپسىگە، ئەۋلادلىرىغا، خىزمەتچىلىرى ۋە مال-مۈلكىنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلىشتىن چەكلىگەن.

باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى تائاملارنى ئىلىپ يېيىشتىن، تائامنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىلىپ يېيىشتىن چەكلىگەن، چۈنكى بەرىكەت تائامنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشكەنلىكتىن تائام يېگەندە لېگەننىڭ ئەتراپىدىن يېيىشكە بۇيرۇلغان. بىر نەرسە ئىچكەندە قاچىنىڭ سۇنۇپ كەتكەن ياكى دەز كەتكەن يېرىدىن ئىچىپ ئۆز نەپسىگە ئازار يەتكۈزمەسلىك، ئۇسسۇزلۇق ئىچكەن قاچىغا تىنىپ قويماسلىق، دۈم يىتىپ تۇرۇپ بىر نەرسە يېيىشتىن، ھاراق-شاراپ ئىچىلىدىغان سورۇنلاردا بىرگە ئولتۇرۇشتىن چەكلىگەن.

ئۆيدە مەش-ئوچاقلارغا ئوت يېقىغلىق ھالەتتە ئۇخلاشتىن، ئىنسان قولىدا ئۆزىنى ھالاك قىلىپ سالىدىغان نەرسىلەرنى تۇتۇپ ياكى بەدبۇي شەيئىلەرنى ئىستىمال قىلىپ ئۇخلاشتىن چەكلىگەن. دۈم يىتىپ ئۇخلاشتىن چەكلەيدۇ. قاباھەتلىك چۈشلىرىنى باشقىلارغا ئۆرۈش ياكى ئۇنى چۈشەندۈرۈشتىن چەكلىگەن. چۈنكى ئۇ شەيتاننىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىدىن ئىبارەتتۇر. ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن، نامراتلىقتىن قورقۇپ پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشتىن چەكلىگەن.

دىنىمىز ئىنسانلارنى زىنا قىلىشتىن ۋە زىناغا ئىلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن، بەچچىۋازلىقتىن ھاراق ئىچىش، ھاراق تەييار قىلىش، ھاراقنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ بېرىش، سېتىش قاتارلىقلاردىن چەكلىگەن. ئاللاھ تائالانى غەزەپلەندۈرۈپ كىشىلەرنى رازى قىلىشتىن، ئاتا-ئانىلارغا دەشنام قىلىش، ئىشقا بۇيرىسا ئۇھ تارتىش، بالىنى ئۆز دادىسىنىڭ غەيرىگە نىسبەت بېرىش، جانلىقلارنى ئوت بىلەن ئازابلاش، تىرىك ياكى ئۆلۈكلەرنى ئۆت بىلەن كۆيدۈرۋىتىشتىن، ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرىنى كېسىپ، كۆزلىرىنى ئويۇش قاتارلىق ۋەھشىلىكتىن چەكلىگەن. شۇنداقلا ھەقسىزلىق ۋە باتىلغا ياردەم بېرىش، دۈشمەنلىك، گۇناھ-مەسىيەتكە ھەمكارلىشىش، باشقىلارغا بويسۇنۇپ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشتىن، يالغان قەسەم ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن، باشقىلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاشتىن، نېمەتلەرنى بۇزۇپ-چىچىپ ئىسراپخورلۇق قىلىشتىن، باشقىلارنىڭ ئەۋرەتلىرىگە قاراشتىن، ئۆزىنىڭ بولمىغان نەرسىنى مېنىڭ دەپ دەۋا قىلىشتىن، بېرىلمىگەن نەرسىنى ماڭا بىرىلگەن دەپ پەخىرلىنىشتىن، قىلمىغاننى قىلدىم دەپ ماختىنىشتىن، رۇخسەتسىز باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوغۇرلۇقچە قاراشتىن ، بۇزۇپ-چىچىش، ئىسراپخورلۇق قىلىشتىن، يالغان قەسەم قىلىش، جاسۇسلۇق قىلىش، ياخشى ئەر-ئاياللاردىن يامان گۇمان قىلىش، ھەسەتخورلۇق قىلىش، باشقىلارنى ئۆچ كۆرۈش، باشقىلارنىڭ زىيىنىغا چارە-تەدبىر قىلىش، باتىلدا ھەددىدىن ئېشىش، تەكەببۇرلۇق قىلىش، پەخىرلىنىش ۋە چوڭچىلىق قىلىش، ئۆزىدىن پەخىرلىنىش، ھەددىدىن ئاشقان ئويۇن چاقچاق-كۆڭۈل ئىچىشلاردىن چەكلىگەن.

دىنىمىز ئىشلەمچىنى تولۇق ئىشلىتىپ ئۇنىڭ ھەققىنى تولۇق بەرمەسلىكتىن، ئەۋلادلىرىغا قىلغان خەيرى-ئېھساندا ئادىل بولماسلىقتىن، مىراسخورلىرىنى نامرات ھالەتتە قويۇپ ماللىرىنىڭ ھەممىسىنى باشقىلارغا ۋەسىيەت قىلىشتىن چەكلىگەن. (ئەگەر ئۇنداق قىلغاندا ئۇ كىشىنىڭ ۋەسىيىتى ئومۇمى مالنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ غەيرىدە ئىجرا قىلىنمايدۇ).

خوشنىلارغا ناچارلىق قىلىشتىن، ۋەسىيەتتە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشتىن، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى شەرئى سەۋەبسىز ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋىتىشتىن، تاشنى تىرناقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئېتىشتىن چەكلىگەن. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا باشقىلارنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋېتىش ياكى چىشىنى سۇندۇرۋىتىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.

ئىسلام دىنىدا ئىنساننىڭ مىراسخورلىرىغا مال ۋەسىيەت قىلىشىدىن چەكلىگەن. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مىراسخورلارنىڭ ھەققىنى تولۇق بايان قىلىپ بەردى. خوشنىلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىن چەكلەپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا قورال بىلەن ئىشارەت قىلىشتىن چەكلىدى. يالىڭاچلانغان قىلىچنى بىسىدىن باشقىلارغا سۇنۇپ بېرىشتىن چەكلىگەن چۈنكى بۇنىڭدا باشقىلارغا ئازار يىتىپ قىلىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.

بىراۋنىڭ ئىزنىسىز ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئولتۇرۇشتىن چەكلىدى. شەرىئەتتە چەكلەنمىگەن نەرسىلەرنى ھەدىيە-سوۋغا قىلسا ئۇنى رەت قىلىشتىن چەكلىدى. ئەقىلسىز كىشىلەرگە مال-دۇنيا بېرىشتىن چەكلىدى. ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمان ئەر-ئاياللارغا ئاتا قىلغان پەزلىگە ھەسەت قىلىشتىن چەكلىدى. باشقىلارغا قىلغان سەدىقىسىنى مىننەت قىلىش ۋە ئازار يەتكۈزۈش ئارقىلىق بىكار قىلىۋېتىشتىن چەكلىدى. گۇۋاھلىقىنى يوشۇرۇش، يىتىمگە بىسىم قىلىش، بىر نەرسە سورىغۇچىنى سىلكىشلەشتىن چەكلىدى. نىجىس-پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن داۋالىنىشتىن چەكلىدى چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەتكە ھارام نەرسىلەرنى شىپالىق قىلمىدى.

ئۇرۇشتا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرۈشتىن چەكلىدى. ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، ھاجەتسىز كىشىلەردىن بىر نەرسە سوراش، مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى قورقۇتۇش، ياكى ئويۇن-چاقچاق قىلىپ مال-مۈلكىنى ئىلىۋىلىشتىن چەكلىدى. باشقىلارغا بەرگەن سوۋغىلىرىنى قايتۇرۋېلىشتىن (پەقەت دادىسى بالىسىغا بەرگەن نەرسە بولسا قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ)، تىبابەتتىن خەۋىرى يوق كىشىنىڭ دوختۇرلۇق قىلىشىدىن چەكلىدى. چۈمۈلىنى، ھەسەل ھەرىسىنى، ھۆپۈپنى ئۆلتۈرۈشتىن چەكلىدى. ئەر كىشى ئەر كىشىنىڭ ئەۋرىتىگە، ئايال ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قاراشتىن چەكلىدى.

سالامنى پەقەت تونۇش-بىلىشلىرىگىلا قىلماستىن، تونۇغان-تونۇمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىردەك سالام قىلىش، قەسەم قىلىش ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ياخشى ئەمەلنىڭ ئارىسىنى توسۇپ قويماسلىق، بەلكى ئۇنىڭدىن ياخشىراق ئىش بولسا قىلغان قەسىمىگە كاپارەت بېرىپ يەنە بىر ياخشى ئىشنى قىلىش كېرەك. غەزەپلەنگەن ھالەتتە ئىككى داۋاگەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلماسلىق ياكى ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سىلپ يەنە بىرىگە ئېتىبار قىلماستىن ھۆكۈم قىلماسلىق، بىسى ئىتتىك نەرسىلەرنى ئوچۇق كۆتۈرۈپ جامائەت سورۇنلىرى، بازار-رەستىلەردىن ئۆتمەسلىك، باشقىلارنى ئولتۇرغان يىرىدىن ئۆزى ئولتۇرۇش ئۈچۈن تۇرغۇزماسلىق، رۇخسەتسىز باشقىلارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋالماسلىق، ئۇنىڭدىن باشقا ئىنسانلار ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن نۇرغۇن بۇيرۇق-چەكلىمىلەر كەلگەن.

سۇئال سورىغۇچى قېرىندىشىم! سىز مۇشۇنداق بىر دىننى ئاڭلىغانمۇ ياكى كۆرگەنمۇ؟!. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان جاۋابلارنى قايتا-قايتا تەكرار ئوقۇپ ئاندىن ئۆز نەپسىڭىزدىن سوراڭ: مۇشۇ دىننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بىرى بولماسلىق ئەڭ چوڭ زىيان تارتىش ئەمەسمۇ؟!. ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە مۇنداق دەيدۇ:وَمَن يَبْتَغِ غَيْرَ الْإِسْلَامِ دِينًا فَلَن يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَتەرجىمىسى:كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر. [سۈرە ئال-ئىمران 85-ئايەت].

سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا سىزگە ۋە باشقا مۇشۇ جاۋابنى ئوقۇغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن ھەقىقەتكە ئەگىشىش، توغرا يولدا مېڭىشقا تەۋپىق-ھىدايەت قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئاللاھ تائالا سىزنى ۋە بىزنى بارلىق يامانلىقلاردىن ساقلىسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد