سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

شەرئېي ۋىردلار(دۇرۇدلار) ھەققىدە كۆرسەتمىلەر

21902

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 9462

سۇئال

دۇرۇد تاج ، دۇرۇد لاخىي ۋە دۇرۇد تۇناجىينا قاتارلىقلارغا ئوخشاش دۇرۇدلارنى ئوقۇش بىدئەتمۇ ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بۇ دۇرۇدلاردىكى نەرسىلەر ھەققىدە بىر نەرسە بىلمەيمىز ، بىراق بىز سىزگە نىمىنىڭ ئىسلامدا بەلگىلەنگەن نەرسە ۋە نىمىنىڭ بىدئەتلىكىنى بىلىشىڭىز ئۈچۈن سىز ئەگىشىدىغان بىر قىسىم كۆرسەتمىلەرنى سىزگە ئېيتىپ بىرەلەيمىز :
1- ئەڭ ياخشى ۋىردلار بولسا پەيغەمبەردىن نەقىل قىلىنغان سۆزلەر ، چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭغا پەقەت ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ ياخشىسىنى تاللىغان ، ھەمدە پەيغەمبەرمۇ ئۇممىتىگە پەقەت شۇنى تاللىغان .
2- كىشى پەيغەمبەرگە شەرىئەتتە نەقىل قىلىنمىغان سۆزلەر ئارقىلىق ، ئەگەر ئۇ سۆزلەر پەيغەمبەر ھەققىدە ئاشۇرۋىتىش ، ياكى پەيغەمبەرنى شىپى قىلىپ ئاللاھقا دۇئا قىلىش ، ياكى ئاللاھنى قويۇپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش قاتارلىق چەكلەنگەن ھەرقانداق بىر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلا بولسا ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ تەرىپلىشىنى سورىسا بولىدۇ .
3- ئاللاھنى ياد ئەتكۈچى(زىكرى قىلغۇچى) سەھىيھ دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغانلىرىدىن سىرىت ، زىكرى قىلىشقا مۇئەييەن ۋاقىت ، سان ياكى شەكىل بەلگىلىمەسلىكى كىرەك ، چۈنكى ئاللاھقا ، ئۇ كىتابىدا ياكى پەيغەمبىرىنىڭ تىلىدا بەلگىلىگەن شەكىلدىن باشقىسىدا ئىبادەت قىلىنمايدۇ .
4- ئىبادەت چوقۇم ئىبادەتنىڭ ئۆزى ، شەكلى ، ۋاقتى ۋە مىقدارى جەھەتتە شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن بولۇشى كىرەك . كىمكى تېكىستى پەيغەمبەردىن نەقىل قىلىنمىغان ۋىردنى قوللىنىدىكەن ھەمدە ئۇنىڭغا مۇئەييەن سان بىكىتىدىكەن، ياكى ئۇنى قىلىشقا مۇئەييەن ۋاقىت بىكىتىدىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ بىدئەتنى سادىر قىلغان بولىدۇ .
ئالىملار بۇ بىدئەتنى بىدئەتۇ ئىزافە( قوشۇلما بىدئەت) دەپ ئاتىدى ، چۈنكى بۇ ئىبادەتنىڭ ئۆزى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئۇنىڭغا شەكىل ، قىتىم سانى ياكى قاچان قىلىنىشى جەھەتتە بىر قىسىم يىڭى نەرسىلەر قېتىلغان بولىدۇ .
سىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭىز كىرەككى ، بارلىق ياخشىلىق پەيغەمبەردىن نەقىل قىلىنغان نەرسىگە ئەگىشىشتە بولىدۇ . كىمكى بۇ سۈنئىي ۋىردلارنى ئوقۇيدىغانلارنى تەتقىق قىلسا ئۇلارنىڭ ئادەتتە پەيغەمبەردىن نەقىل قىلىنغان ئەتتىگەن ۋە كەچلىك زىكرىلەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ۋىردلارنى قىلىشقا توغرا كەلگەندە سەل قارايدىغانلىقىنى بايقايدۇ ، بۇ بەزى پىشقەدەملەردىن(سەلەفلەردىن) نەقىل قىلىنغان نەرسىنى ، يەنى كىشى بىر بىدئەتنى پەيدا قىلسىلا ، شۇنىڭغا ئوخشاش بىر سۈننەتنى تاشلايدۇ .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى