سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

يىڭى مۇسۇلمان ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىركى ئۆتۈپ كەتكەن ئىسلامى مەسئۇلىيەتلەرنى(پەرىزلەرنى)تولۇقلىمايدۇ .

سۇئال

بىر ئادەم ئىسلامنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە ئۇ 40 ياشتا. ئۇنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن نامازلىرىنى تولۇقلىشى لازىممۇ ؟بىر ئادەم ئىسلامنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە ئۇ 40 ياشتا. ئۇنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن نامازلىرىنى تولۇقلىشى لازىممۇ ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئىسلامنى قوبۇل قىلغۇچى كاپىرلىق مەزگىللىرىدە ئۆتۈپ كەتكەن نامازلار ،روزا ، زاكاتنى تولۇقلىمايدۇ ، ئايەتتە كۆرسىتىگەندەك :
(ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ (ﻛﯘﻓﺮﯨﺪﯨﻦ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ) ﻳﺎﻧﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﮔﯘﻧﺎﻫﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ..
[ غەنىمەتلەر : 38 ]
ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)مۇنۇ سۆزى بار : ئىسلام ئىلگىركى كىلىنگەن نەرسىلەرنى بىكار قىلىدۇ .( مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 121 ) ، شۇنىڭدەك ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)ئىسلامنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ھىچقايسىسىنى ئىلگىرى كاپىرلىق مەزگىللىرىدە ئۆتكۈزىۋەتكەن ئىسلام قائىدە-يۇسۇنلىرىنى تولۇقلاشقا بۇيرىمىغان ، ھەمدە ئىسلام ئالىملىرى بۇ ھەقتە بىردەك .
دائىمىي كومىتىت فەتىۋالىرىدىن (6400 ).

مەنبە: www.islamqa.com