سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

مۇسۇلماننىڭ ئۆز نەپسىنى قانداق تەربىيىلەش كېرەكلىكى توغرىسىدا

سۇئال

دىنى جەھەتتە مەلۇم كەمچىللىكلەر بولغان كىشى ئۆزىنى قانداق قىلغاندا ئىسلام تەربىيىسىدە يېتىشتۈرەلەيدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ئىنسان ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى دەسلەپكى تەربىينىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدىن كۆرۈۋالالايدۇ. ئۆزىدە دىنى يېتەرسىزلىكنى ھېس قىلغان ھەرقانداق كىشى، ئۆز نەپسىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن تېرىشىدۇ. بۇ بىز سىلەرنى يېتەكلەۋاتقان ۋە ئۆز نەپسىمىزنى تەربىيىلەشكە تىرىشىۋاتقان پرىنسىپتۇر. بۇ پرىنسىپ ئاللاھ تائالانىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن، ئىنسان ئۆز نەپسىنى تەربىيىلەش، ئۆزگەرتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:إِنَّ اللَّـهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُوا مَا بِأَنفُسِهِمْ تەرجىمىسى: ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئاللاھ نىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۈممىگىچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەتـھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ). [سۈرە رەئدە 11-ئايەت].

ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ نەپسىنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشقان كىشىنى، ئاللاھ ئىسلاھ قىلىنىشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ.

ھەر كىشى ئۆزىگە ئۆزى مەسئۇل بولۇپ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۇئال قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا يَنبَغِي لِلرَّحْمَـٰنِ أَن يَتَّخِذَ وَلَدًا .إِن كُلُّ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ إِلَّا آتِي الرَّحْمَـٰنِ عَبْدًا . لَّقَدْ أَحْصَاهُمْ وَعَدَّهُمْ عَدًّا. وَكُلُّهُمْ آتِيهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فَرْدًا تەرجىمىسى: ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا بەندە بولۇپ بويسۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق ئىگەللىدى ۋە سانىنى مۇكەممەل بىلدى. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا تەنھا كېلىدۇ. [سۈرە مەريەم 93-94-95-ئايەتلەر].

ئىنساننىڭ ھەرقانداق ئىشتا ئۆز ئىچىدىن قىزىقىشى بولمىسا، باشقىلارنىڭبېغىشلىغان ياخشىلىقلىرىدىن مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ. مىسال ئۈچۈن؛ نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا قاراپ باقايلى، ئۇ ئىككىسى ئىككى پەيغەمبەرنىڭ خانىدانىدا، بىرى "ئۇلۇلئەزم" (يەنى كەسكىنۋە قاتتىق مەسئۇلىيەتچان) پەيغەمبەردۇر، ئۇلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بولۇپمۇ ئاياللىرى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاياللاردا ئۆز ئىچىدىن بولغان ئىنتىلىش ۋە تەربىيەنى قوبۇل قىلىش بولمىغانلىقتىن، مەزكۇر پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىنى تەربىيىلەش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ پايدىسى بولمىدى.ئۇلارغا:وَقِيلَ ادْخُلَا النَّارَ مَعَ الدَّاخِلِينَ تەرجىمىسى: (ئۇ ئىككىسىگە) دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرىڭلار دېيىلدى [سۈرە تەھرىم 10-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئەمما پىرئەۋىننىڭ ئايالىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ ئايالدۇنيادا ئىلاھلىق دەۋاسى قىلغان ئەڭ چوڭ جىنايەتچى بەد-بەختنىڭ خانىدانىدىن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزىدە ھەقىقەتكە بولغان ئىنتىلىش بولغاچقا، ئاللاھ تائالا ئۇنى قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئىلىپ، ئۆزلىكىدىن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە ئۈلگە قىلىپ بايان قىلدى.

مۇسۇلمان ئۆز نەپسىنى ساغلام ئېتىقاد ۋە ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تۇرۇشى ئۈچۈن، ياردەمچە بولىدىغان ۋەسىلىلەردىن بىر نەچچىنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز:

1- ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلىش، ئاللاھ بېكىتكەن پەرز ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، قەلبنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە باغلىنىپ قىلىشتىن پاكىزلاش لازىم.

2- قۇرئان كەرىمنى كۆپ تىلاۋەت قىلىش، ئۇنىڭ مەنىلىرىنى ئويلىنىش ۋە ئۇنىڭدىكى سىر ھېكمەتلەر توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىش كېرەك.

3- قەلبىنى پاكىزلاشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان، مەنىۋىي كېسەللەرگە شىپا بولىدىغان، مەنپەئەتلىك ئەسەرلەردىن پايدىلىنىش، ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئوقۇپ چىقىش، ئۇلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈش لازىم.

4- تەربىيە تۈسى ئالغان پىروگىراملارغا ئاكتىپ قاتنىشىش، تۈرلۈك لېكسىيە، ۋەز-نەسىھەت ۋە دەرىسلەرگە ئىشتىراك قىلىش لازىم.

5- ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلىش كېرەك.

6- قىلسىمۇ-قىلمىسىمۇ بولىدىغان (مۇباھ) ئىشلارغا بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەسلىك لازىم.

7- ياخشى-سالىھ كىشىلەر بىلەن ھەم-سۆھبەت بولۇش كېرەك. ئەمما يالغۇزياشايمەن دېگەن كىشى،دىنى قېرىنداشلىقنىڭ، سەبرە قىلىش، ئۆتۈنۈشگە ئوخشىغان نۇرغۇن پەزىلەتلىك تەرەپلىرىدىن بەھرىمان بولالمايدۇ.

8- بىلگىنىگە ئەمەلىيىتىدە ئەمەل قىلىش، مەلۇم ئىلمى تەرجىمە ئەسەرلەردىن پايدىلىنىش كېرەك.

9- دائىم ئۆز نەپسىدىن ئىنچىكە ھېساب ئىلىپ تۇرۇش.

10- ئاللاھ تائالاغا تايىنىش بىلەن بىرگە ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىش كېرەك، ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالمىغان كىشى ھېچقانداق بىر ئىشنى روياپقا چىقىرالمايدۇ.

11- ئاللاھ ئۈچۈن ئۆز نەپسىنى تۆۋەن كۆرۈش، بۇ يۇقىرىدىكى كۆرسەتمىلەرگە زىت كەلمەيدۇ، ئۆزىدە كەمچىلىك بار دەپ قارىغانكىشىنىڭ بۇنداق قىلىشى توغرا بولىدۇ.

12- شەرئى كۆرسەتمە بويىچە خالى تۇرۇش، يەنى ھەممە ۋاقتىنى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتكۈزىۋەتمەستىن بەلكى، ئۆزى ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت ئاجرىتىپ، بۇ ۋاقىتنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا سەرپ قىلىش دېمەكتۇر، مانا بۇ شەرئى خالى تۇرۇش دېگەنلىكتۇر.

ئاللاھ ھەممەيلەنگە ئۆز نەپسىمىزنى بويسۇندۇرۇشقا ياردەم بەرسۇن، نەپسىمىزنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا بويسۇنىدىغان قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد