پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

"سبحان الملك القدوس" دېگەن بۇ زىكىر تەراۋىھ نامىزى ئارىسىدا ئەمەس بەلكى ۋىتىر نامىزىدىن كېيىن ئېيتىلىدۇ

سۇئال

"سبحان الملك القدوس" دېگەن بۇ زىكىر تەراۋىھ نامىزى ئارىسىدا ئەمەس بەلكى ۋىتىر نامىزىدىن كېيىن ئېيتىلىدۇ

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋىتىر نامىزىدىن كېيىن سبحان الملك القدوس دەپ زىكىر ئېيتاتتى. ناماز ئوقۇغۇچىلار ۋىتىر نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇسۇن ياكى مەسچىتتە ئوقۇسۇن، يالغۇز ئوقۇسۇن ياكى جامائەت بولۇپ ئوقۇسۇن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۈننىتىگە ئەگىشىشى كېرەك. بۇ زىكىرنى كېچىلىك ناماز ئارىسىدا ياكى تەراۋىھ نامىزىنىڭ رەكئەتلىرى ئارىسىدا دېيىش يولغا قويۇلمىغان، چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ياكى ساھابىلارنىڭ بىرىدىن تەراۋىھ نامىزى ئارىسىدا بۇ زىكىرنى دېگەنلىكى توغرىسىدا دەلىل بايان قىلىنمىغان، مۇسۇلمان كىشى بىر ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىقتا سۈننەتكە ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولۇپ، ئارتۇق ياكى كەم قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەبزا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋىتىر نامىزىدا ﴿سَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الْأَعْلَى﴾ ۋە ﴿قُلْ يَا أَيُّهَا الْكَافِرُونَ﴾ ۋە قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ سۈرىلىرىنى ئوقۇپ نامازدىن سالام بېرىپ: سبحان الملك القدوس دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ تەكرارلايتتى.» [ئەبۇ داۋۇد تەيالىسى "ئەلمۇسنەد" 1-توم 441-بەتتە كەلتۈرگەن، ئىبنى جەئەد "ئەلمۇسنەد" 1-توم 86-بەتتە كەلتۈرگەن. ئىبنى ئەبىي شەيبە "ئەلمۇسەننىپ" 2-توم 93-بەتتە كەلتۈرگەن. ئىمام ئەھمەد "ئەلمۇسنەد" 24 -توم 72-بەتتە كەلتۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئالىملار كۆپ ئىسنادلار بىلەن كىتابلىرىدا كەلتۈرگەن. ئىبنى مۇلەققىن، ئەلبانى ۋە شەيخ مۇقبىل ئەلۋادىي قاتارلىق ھەدىس تەتقىقاتچى ئۆلىمالار سەھىھ دەپ بايان قىلغان. مۇسنەد ئەھمەد ۋە باشقا كىتابلاردا نەشىر قىلىنغان.

ھەدىس تەتقىقاتچى ئالىملىرى ۋىتىر نامىزىدىن كېيىنلا مۇشۇ زىكىرنى ئېيتىشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ كىتابلىرىدا ئايرىم باب كەلتۈردى. ئىبنى ئەبى شەيبە "ئىنسان ۋىتىر نامىزىنىڭ ئاخىرىدا نېمە دەيدۇ ۋە قايسى دۇئانى قىلىدۇ" دېگەن بابتا كەلتۈردى. ئەبۇ داۋۇد رەھىمەھۇللاھ "ۋىتىردىن كېيىنكى دۇئا" دەپ باب كەلتۈردى. ئىمام نەسائى رەھىمەھۇللاھ "ۋىتىرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنكى تەسبىھ" دەپ باب كەلتۈردى. ئىبنى ھىببان ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابى 6-توم 202-بەتتە "ئىنسان ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا تەسبىھ ئېيتىش مۇستەھەپ بولغان زىكىر" دەپ باب كەلتۈردى.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ: "ۋىتىر نامىزىدىن كېيىن سبحان الملك القدوس دەپ ئۈچ قېتىم دېيىش مۇستەھەپدەيدۇ". ["ئەلمەجمۇ شەرھىل مۇھەززەب" 4-توم 16-بەت، ۋە "تۆھپەتۇل مۇھتاج"2-توم 227-بەت].

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ: "ۋىتىر نامىزىدىن كېيىن سبحان الملك القدوس نى ئۈچ قېتىم دېيىش ۋە ئۈچىنچى قېتىمدا ئاۋازنى سوزۇپ ئېيتىش مۇستەھەپ بولىدۇ، دەيدۇ." ["ئەل مۇغنىي" 2-توم 122-بەت].

بۇ سۆزىنىڭ ئوخشىشى دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى ئىككىنچى قىسىم 6-توم 60-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ۋىتىر نامىزىدىن سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن سبحان الملك القدوس نى ئۈچ قېتىم دەيدۇ".

شۇنىڭدەك باشقا ھېچقانداق ئۆلىمالارنىڭ بىرى سبحان الملك القدوس نى ۋىتىر نامىزىدىن باشقا نامازدا ئېيتىشنى مۇستەھەپ دەپ قارىمايدۇ.

بىز ئىلگىرى تور بەتتە بەزى مەسچىتلەردە كىشىلەرنىڭ تەراۋىھ نامىزى ئارىسىدا ئادەتلىنىپ قالغان ئىستىغپار ئېيتىش ياكى تەسبىھ ئېيتىش قاتارلىق جامائەت شەكىلدە زىكىر ئېيتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدۇق. دەلىل-پاكىتسىز جامائەت بولۇپ زىكىر ئېيتىش ئىنساننى بىدئەتكە يېقىنلاشتۇرىدۇ، سۈننەتتىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەراۋىھ نامىزىنىڭ رەكئەتلىرى ئارىسىدا سبحان الملك القدوسنى جامائەت شەكىلدە ئېيتىش يولغا قويۇلمىغان بەلكى ۋىتىر نامىزىدىن كېيىن دېيىش يولغا قويۇلغان. شۇنىڭدەك تەراۋىھ نامىزى رەكئەتلىرى ئارىسىدا جامائەت شەكىلدە ئەمەس بەلكى يەككە ھالدا ئىستىغپار، تەسبىھ ئېيتىش دۇرۇس بولىدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 37753-50718-10718-108506-121270-190881- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى