سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

سەپەر ئېيى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە

سۇئال

سەپەر ئېيى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

سەپەر ئېيى ھىجىرىيە ھېسابىدىكى 12 ئاينىڭ بىرى بولۇپ مۇھەررەمدىن كېيىنلا كېلىدىغان ئايدۇر. بەزى لۇغەتشۇناس ئالىملار: بۇ ئاينىڭ سەپەر دەپ ئاتىلىشى بۇ ئايدا مەككە خەلقىنىڭ سەپەرگە چىقىپ كېتىپ، شەھەرنىڭ بوش قالغانلىقىدىن دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر: بۇنداق ئاتىلىشى بۇ ئايدا مەككە خەلقى باشقا قەبىلىلەرگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلىناتتى، ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ھەممە مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىپ ئۇلارنى ھېچنېمىسى يوق ھالەتتە تاشلاپ قوياتتى. [ئىبنى مەنزۇرنىڭ لىسانۇل ئەرەب ناملىق ئەسىرى 4- توم 462-463-بەتلەر].

سەپەر ئېيى توغرىسىدىكى بۇ ئەسەر تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1- جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەرنىڭ سەپەر ئېيى توغرىسىدىكى قارىشى.

2-ئىسلام پرىنسىپىنىڭ جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ قارىشىغا بولغان زىتلىقى.

3-بۇ ئايدا ئىسلامغا نىسبەت بېرىلىپ، ئىلىپ بېرىلىدىغان بۇزۇق ئېتىقاد ۋە بىدئەت ئىشلار.

4-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتلىقىداسەپەر ئېيىدا ئىلىپ بېرىلغان ئۇرۇش ۋە يۈزبەرگەن مۇھىم ھادىسىلەر.

5-سەپەر ئېيى توغرىسىدىكى يالغان-توقۇلما ھەدىسلەر.

بىرىنچى: جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەرنىڭ سەپەر ئېيى توغرىسىدىكى قارىشى. جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرەبلەرنىڭبۇ ئايدا ئىلىپ بارىدىغان ئىككى تۈرلۈكچوڭ مۇنكەر ئىشلىرى بار ئىدى.

بىرى: ئاينى ئۆز خاھىشلىرى بويىچە ئىلگىرى-كىيىن قىلىش. (يەنى ئايلارنى ئۆزگەرتىپ ئويناش).

يەنە بىرى: بۇ ئايدىن شۇم پال ئىلىش بولۇپ، بۇنى ئۆز نۆۋىتىدە تەپسىلى بايان قىلىمىز.

1-ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا يىلنى ياراتتى، يىلنىڭ سانىنى 12 ئاي قىلىپ بېكىتتى. ئاللاھ تائالا ئايلار ئىچىدىن تۆت ئاينى، (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم ۋە رەجەب) چەكلەنگەن ئايلاردىن قىلىپ بېكىتتى. يەنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بۇ ئايلارنىڭ ھۆرمىتى چوڭ بولغاچقا،بۇ ئايلار ئىچىدە ئۇرۇش قىلىشنى چەكلىدى.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ عِدَّةَ الشُّهُورِ عِندَ اللَّـهِ اثْنَا عَشَرَ شَهْرًا فِي كِتَابِ اللَّـهِ يَوْمَ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ مِنْهَا أَرْبَعَةٌ حُرُمٌ ،ذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ ، فَلَا تَظْلِمُوا فِيهِنَّ أَنفُسَكُمْ، وَقَاتِلُوا الْمُشْرِكِينَ كَافَّةً كَمَا يُقَاتِلُونَكُمْ كَافَّةً ، وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّـهَ مَعَ الْمُتَّقِينَتەرجىمىسى:شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ (قەمەرى) ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) 12 دۇر، ئۇلاردىن تۆتى (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ) ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ توغرا دىندۇر (يەنى مەزكۇر تۆت ئايدا ئۇرۇشنىڭ ھارام قىلىنىشى ئاللاھنىڭ توغرا دىنىدۇر)، بۇ ئايلاردا (ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار. [تەۋبە سۈرىسى 36-ئايەت].

جاھىلىيەت دەۋرىدىكى مۇشرىكلار شۇنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلى-خاھىشى بويىچە ئايلارنىئۆزبەلگىلىمىسىدىن كېچىكتۈرۈپ ياكى ئىلگىرى سۈرۈپ قوياتتى.ئۇلار بەزى يىللىرى مۇھەررەم ئېيىنى ئارقىغا سۈرۈپ، ئورنىغا سەپەر ئېيىنى ئالماشتۇرۇپ قوياتتى.

ئۇلار ئۆز ئېتىقادىدا ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە قىلىشنى ئەڭ چوڭ گۇناھ دەپ قارايتتى، بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ بەزى سۆزلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

ئا-ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "ئەرەبلەر جاھىلىيەت دەۋرىدە ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە قىلىشنى زېمىندىكى ئەڭ چوڭ گۇناھ دەپ قارايتتى. مۇھەررەم ئېيىنى سەپەر ئېيىغا ئالماشتۇرۇپ قوياتتى ۋە ھەج قىلغۈچىلارنىڭ ئايىغى ئۇزۇلگەندىن كىيىن،مۇساپىرلارنىڭ ئىزلىرى ئۆچكەندە،سەپەر ئېيى چىقىپ كەتكەندە ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلغانلارغا، ئۆمرە قىلىش دۇرۇس بولىدۇ" دەيتتى. [بۇخارى1489-، مۇسلىم 1240- نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان].

ب- ئىبنىئەرەبىي مۇنداق دەيدۇ: ئاينى ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئۈچ تۈرلۈك قاراش مەۋجۇتتۇر.

بىرىنچى: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، جۇنادە ئىبنى ئەۋفئىبنى ئۇمەييە ئەلكىنانىي ھەر يىلى ھەج مەۋسۇمىدا ھازىر بولاتتى ۋە كىشىلەرگە: "ئەبۇ سۇمامە ئەيىبلەنمەيدۇ ۋە جاۋاپ قايتۇرۇلمايدۇ، دىققەت قىلىڭلار! ئۆتكەن يىلى سەپەر ئېيى ھالال قىلىنغان، بۇ يىل ھارام قىلىمىز كېلەر يىلى يەنە ھارام قىلىمىز" دەيتتى. كىنانە قەبىلىسى ھەۋزان، غەتپان ۋە بەنى سەلىم قەبىلىلىرى بىلەن بىللە ئىدى.

يەنە بىر رىۋايەتتە: "بىز بۇ يىلى مۇھەررەمنى ئىلگىرى قىلىپ سەپەرنى كىچىكتۇردۇق دەيتتى، يەنە بىر يىلى: بىز بۇ يىل سەپەرنى ھارام قىلىپ، مۇھەررەمنىكىچىكتۇردۇق" دەيتتى. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئاينى كىچىكتۈرىشىدۇر.

ئىككىنچى:ئاينى زىيادە قىلىش. قەتادە مۇنداق دەيدۇ: "جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئازغۇن بىر جامائەت سەپەر ئېيىنى ئەشھۇرۇل ھۇرۇم يەنى ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئايلارغا قىتىۋېتەتتى. ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى ھەج مەۋسۇمىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ: دىققەت قىلىڭلار! سىلەرنىڭ ئىلاھلىرىڭلار ئۆتكەن يىلى مۇھەررەم ئېيىنى ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئايلارنىڭ جۈملىسىدىن قىلدى، بۇ يىلمۇ شۇنداق قىلىدۇ، دەيدۇ. يەنە بىر يىلى كەلگەندە،دىققەت قىلىڭلار! سىلەرنىڭ ئىلاھلىرىڭلار بۇ يىل سەپەر ئېيىنى ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئايلارنىڭ جۈملىسىدىن قىلدى، سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار دەيدۇ.

ئىبنى ۋەھەب ۋە ئىبنى قاسىم مالىكتىن شۇنىڭ ئوخشىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:جاھىلىيەت ئەھلى "سەپەرەين" يەنى قوش سەپەر دەيتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە: سەپەر يوق دېگەن. ئەشھەبمۇ مالىكتىن شۇنداق بايان قىلغان.

ئۈچىنچى:ھەجنى ئالماشتۇرۇش. مۇجاھىد بۇنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: إِنَّمَا النَّسِيءُ زِيَادَةٌ فِي الْكُفْرِ تەرجىمىسى:ئاينى ئارقىغا سۈرۈش (يەنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينى باشقا بىر ئايغا ئۆزگەرتىپ، يىلنىڭ 12 ئېيىنى 13 ئايغا كۆپەيتىش) كۇفرىنى زىيادە قىلىشتۇر. [سۈرە تەۋبە 37-ئايەتنىڭ بىر قىسمى]. ئۇلارئىككى يىل زۇلھەججە ئېيىدا ھەج قىلاتتى، ئاندىن يەنە ئىككى يىل مۇھەررەم ئېيىدا ھەج قىلاتتى، ئاندىن يەنە ئىككى يىل سەپەر ئېيىدا ھەج قىلاتتى، ئۇلار يىلدا كىلىدىغان ھەر بىر ئايدا ئىككى يىل ھەج قىلاتتى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەج قىلغان يىلى ئەرەبلەرنىڭ زۇلقەئدە ئېيىدا ھەج قىلىدىغانۋاقتىغا توغرا كەلگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىدا ھەج قىلغان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان مەشھۇر خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن زامان يەنى ۋاقىت ئاللاھ تائالا ئاسمان-زېمىننى ياراتقان كۈنىدىكى ئەسلى تەرتىپى بويىچە ئايلىنىدۇ...، ئىبنى ئابباس ۋە باشقىلارنىڭ بايان قىلىشچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئى ئىنسانلار!سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار، مەن بۇ ئورۇندا بۈگۈندىن كېيىن سىلەرگە سۆز قىلالماسلىقىم مۇمكىن، شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈنىڭلار، مۇشۇ ئېيىڭلار ۋە مۇشۇ شەھرىڭلار ھۆرمەتلىك قىلىنغىنىدەك، سىلەرنىڭ قانلىرىڭلارۋە ماللىرىڭلارمۇ ھۆرمەتلىك قىلىندى يەنى ئۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىش چەكلەندى. سىلەر قىسقا ۋاقىتتا پەرۋەردىگارىڭلار بىلەن ئۇچرۇشىسىلەر،دۇنيادا قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىڭلاردىن سۇئال قىلىنىسىلەر. مەن ئاللاھ تائالانىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزدۈم، باشقىلارنىڭ ئامانىتىنى ساقلىغانلار بولسا، ئامانەتنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرسۇن، بارلىق جازانىخورلۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئەسلى ماللىرىڭلار قايتۇرۇلىدۇ، سىلەر گە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، سىلەرمۇ باشقىلارغا زۇلۇم قىلمايسىلەر. ئاللاھ تائالا جازانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بۇيرىدى. ئابباس ئىبنى ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ باشقىلاردىن ئالىدىغان بارلىق جازانىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى يەنى بىكار قىلىندى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى جاھىلىيەتتىكى جان دەۋاسىبىكار قىلىندى، تۇنجى بولۇپ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھۈزەيل قەبىلىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، بەنى لەيس بىلەن ئېمىلداش بولغان ئىبنى رەبىئە بىن ھارىس بىن ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ قان دەۋاسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئىلان قىلىمەن. ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن شەيتان سىلەرنىڭ بۇ زېمىنىڭلاردا ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئۈمىدسىزلەنگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا سىلەر ئېتىبارغا ئالمايدىغانئىش-ھەرىكەتلەردە سىلەرنى ئازدۇرۇشقا قەدەم باستى.دىنىڭلارنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن شەيتاندىن ھەزەر قىلىڭلار.إِنَّمَا النَّسِيءُ زِيَادَةٌ فِي الْكُفْرِ ، يُضَلُّ بِهِ الَّذِينَ كَفَرُوا يُحِلُّونَهُ عَامًا وَيُحَرِّمُونَهُ عَامًا لِّيُوَاطِئُوا عِدَّةَ مَا حَرَّمَ اللَّـهُ فَيُحِلُّوا مَا حَرَّمَ اللَّـهُتەرجىمىسى:ئاينى ئارقىغا سۈرۈش (يەنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينى باشقا بىر ئايغا ئۆزگەرتىپ، يىلنىڭ 12 ئېيىنى 13 ئايغا كۆپەيتىش) كۇفرىنى زىيادە قىلىشتۇر، بۇنىڭ بىلەن كاپىرلار ئازدۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئايلارنىڭ سانىغا مۇۋاپىقلىشىش ئۈچۈن، ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، ئىككىنچى يىل ھارام قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئاينى ھالال قىلىدۇ [سۈرە تەۋبە37-ئايەت]. ھەقىقەتەن زامان يەنى ۋاقىت ئاللاھ تائالا ئاسمان-زېمىننى ياراتقان كۈنىدىكى ئەسلى تەرتىپى بويىچە ئايلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ (قەمەرى) ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) 12 دۇر، ئۇلاردىن تۆتى (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ) ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ ئايلاردىن ئۈچى بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كېلىدۇ، يەنە بىرى مۇزەرنىڭ رەجەپ ئېيى بولۇپ بۇ ئاي جىمادۇل سانى بىلەن شەئباننىڭ ئوتتۇرىسىدا كېلىدۇ».[ئەھكامۇل قۇرئان 2-توم 503-504 -بەتلەر].

2-سەپەر ئېيىدىن شۇم پال ئىلىش. جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرەبلەرنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى مەشھۇر ئىش ئىدى. ئىسلامغا نىسبەت بېرىلگەن بەزى قەبىلىلەردە ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئەسىرى تېپىلىدۇ.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنبايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىسلامدا كېسەلنىڭ يۇقىشىدىن، قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىدىن، زىيانداش ھاشارەتلەر ۋە سەپەر ئېيىدىن شۇم پال ئېلىش يوقتۇر.ماخاۋكېسىلىدىنيولۋاستىن قاچقاندەك قاچقىن.[بۇخارى5387-، مۇسلىم 2220- نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەپسىرشۇناسلار سەپەر دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ: بىرىنچى: سەپەر دېگەن ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان، ئەرەبلەر جاھىلىيەت دەۋرىدە شۇم پال ئالىدىغان ئايدۇر.

ئىككىنچى: بۇ تۆگىنىڭ قورسىقىغا چىقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلدۇر. بۇ كېسەل بىر تۆگىدىن يەنە بىر تۆگىگە كۆچىدۇ.بۇنى كۆچىدىغان كېسەلگە ئۇلاپ كەلتۈرۈش خۇسۇسىي ئىشنى ئومۇمى ئىشقا چاتقانلىق جۈملىسىدىندۇر.

ئۈچىنچى: سەپەر دېگەن سۆزدىن،كاپىرلارنىڭ ئېزىپ كېتىشىدەتۈرتكىلىكرول ئوينىغان، ئاينى ئارقىغا سۈرۈش مەسىلىسى بولۇپ، ئۇلار ئۇرۇش چەكلەنگەن ئاينى سەپەر ئېيىغا كىچىكتۇرەتتى. بۇ ئاينى بىر يىلى ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئاي يەنە بىر يىلى ئۇرۇش قىلىش رۇخسەت قىلىنغان ئاي قىلىپئۆزگەرتەتتى.

كۈچلۈك قاراش: سەپەر دېگەن سۆزدىن ئەرەبلەر جاھىلىيەت دەۋرىدە شۇم پال ئالىدىغانسەپەر ئېيى مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئاللاھنىڭ تەقدىرىدە بەلگىلەنگەن ياخشىلىق-يامانلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە زاماننىڭ ھېچ قانداق تەسىرى بولمايدۇ.

مەسىلەن: بەزى كىشىلەرنىڭ مەلۇم خىزمەتلىرى سەپەر ئېيىنىڭ 25-كۈنلىرىدە ئاخىرلاشسا خۇرسەن بولۇپ، بىزنىڭ ئىشىمىزسەپەر ئېيىنىڭ 25-دە ياخشىلىق بىلەن ئاخىرلاشتى دەپ سۆيۈنىدۇ، مانابۇبىدئەت ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىدئەتنىڭ دەرۋازىسىغا يىقىنلاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. سەپەر ئېيىنى ياخشى ياكى يامان ئاي دېگىلى بولمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ بەزىسى كىشىلەرنىڭ ھۇقۇشنىڭ ھۇۋلىغىنىنى ئاڭلىغاندا: ئاللاھ خالىسا بۇ ياخشىلىقتىن بىشارەتتۇر، دېگەن سۆزىنى ئىنكار قىلغان. ھۇقۇشنىڭ ھۇلىغىنىغا ياخشىلىق-يامانلىق نىسبەت بېرىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇمۇ باشقا ئۇچارلىققا ئوخشاشھۇۋلايدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۇقىردا بايان قىلىنغان ھەدىستە تۆت تۈرلۈك ئىشتىن شۇم پال ئىلىشتىن چەكلىدى، بۇنىڭدىنمۇسۇلمان كىشىنىڭ ئاشۇنداق ئىشلارغا دۇچكەلگەندە قورقۇپ ياكى ئاجىزلىشىپ قالماستىن بەلكى سەمىمى-سادىقلىق بىلەن، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.

يۇقىرىقى تۆت تۈرلۈك ئىش مۇسۇلماننىڭ كۆڭلىگە كەلگەندە، مەزكۇر ئىنسان چوقۇم تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ھالەتتىن خالى بولالمايدۇ:

بىرىنچى: ئەگەر كۆڭلىدىن كەچكەن بۇ ئىشقاقەدەم بېسىش ياكى تەستىقلاش بىلەن جاۋاپ قايتۇرسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ھەقىقىتى بولمىغان مەۋھۇم بىر نەرسىگە ئالاقىدار قىلىپ قويغان بولىدۇ.

ئىككىنچى:كۆڭلىدىن كەچكەن بۇ ئىشقا، قەدەم باسماسلىقىۋەپەرۋا قىلماسلىقى لازىم. لېكىنكۆڭلىدە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەلۇم غەم-ئەندىشىلەرنىڭتەسىرى قالسا، گەرچە بۇ بىرىنچى ھالەتتىكىدىن يەڭگىلرەك بولغان تەقدىردىمۇ، چىن قەلبىدىن ئاللاھ تائالاغا تايانغان-تەۋەككۇل قىلغان كىشى، كۆڭلىدە بۇنداق ئىشلارغا مۇتلەق ئورۇن بەرمەسلىكى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆت تۈرلۈك ئىشتىن چەكلەش دېگەنلىك؛مەزكۇر ئىشلارنى مەۋجۇت ئەمەس دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى بۇ ئىشلارنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا مەۋجۇتلىقى، لېكىن ئۇئىشلارنىڭ ئىنسان ئەقىدىسىگە بولىدىغان تەسىرىنىچەكلەشتۇر.ئىنسان قەلبىگە ھەقىقى تەسىر كۆرسەتكۈچى پەقەت ئاللاھ تائالادۇر.سەۋەبئوچۇق ۋە ساغلام بولىدىكەن بۇ توغرا سەۋەب ھېسابلىنىدۇ، چۈشىنىكسىز ۋە مەۋھۇم سەۋەب بولىدىكەن بۇ توغرا بولمىغان-باتىل سەۋەب دىيىلىدۇ، بۇنداق سەۋەبنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى بىردەك چەكلىنىدۇ". [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 2- توم 113-115-بەتلەر].

ئىككىنچى: ئىسلام پرىنسىپىنىڭ جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ قارىشىغا بولغان زىتلىقى.

بىز يۇقىردا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەرنىڭ سەپەر ئېيى توغرىسىدىكى بۇزۇق ئېتىقادىنىسۆزلەپ ئۆتتۇق،سەپەر ئېيىمۇ ئاللاھ ياراتقان ئايلاردىن بىر ئاي بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت يەنى ياخشىلىق ياكى يامانلىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان رولى يوق بەلكى ئاللاھنىڭ بويسۇندۇرۇشى بىلەن ئۆز رولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئۈچىنچى: مۇشۇ ئايدا ئىسلامغا نىسبەت بېرىلىپ ئىلىپ بېرىلىدىغان بۇزۇق ئېتىقاد ۋە بىدئەت ئىشلار.

1-سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىن: بىز ياشاۋاتقان دىياردىكى بەزى ئاتالمىش ئۆلىمالار، ئۆز قارىشىدا ئىسلام دىنىدا سەپەر ئېيىنىڭ ئاخىرقى چارشەنبە كۈنى چاشكا ۋاقتىدا ئوقۇيدىغان بىر سالام بىلەن ئادا قىلىنىدىغان تۆت رەكەت نەپلە ناماز بار دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ نامازنىڭ ھەر بىر رەكئىتىدە پاتىھە ۋە كەۋسەر سۈرىسى 17 قېتىمدىن ئوقۇلىدۇ، ئىخلاس سۈرىسى 50 قېتىمدىن ئوقۇلىدۇ، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرى بىر قېتىمدىن ئوقۇلىدۇ، بۇ سۈرىلەر ھەر بىر رەكئەتتە يۇقىرىقىدەك ئوقۇلىدۇ، تەشەھھۇدتىن كىيىن سالام بېرىلىدۇ، سالام بەرگەن ۋاقىتتا، وَاللَّـهُ غَالِبٌ عَلَىٰ أَمْرِهِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: ئاللاھ (خالىغان) ئىشىنى ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ دېگەن ئايەتنى 360 قېتىم ئوقۇيدۇ، ۋەسوپىلارنىڭ تىيجانىي قارىشىدىكى "كامالەتجەۋھەرى" دەپ ئاتىلىدىغان دۇئانى ئۈچ قېتىم ئۇقۇيدۇ ۋە سۇبھانە رەببۇكە رەببۇل ئىززەتى ئەمما يەسىپۇن ۋە سالامۇن ئەلەل مۇرسەلىين ۋەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين دەپ نامازنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. مۇشۇ ئايەتنىڭ خاسىيىتى بىلەن، سەپەر ئېيىنىڭ ئاخىرقى چارشەنبە كۈنى چۈشىدىغان بالا-مۇسىبەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كەمبەغەللەرگە يىمەكلىك سەدىقە بېرىش كېرەك دەپ قارايدۇ.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە: ھەر يىلىدا زېمىنغا 320مىڭ بالا-مۇسىبەت چۈشىدىكەن، بۇنىڭ ھەممىسى سەپەر ئېيىنىڭ ئاخىرقى چارشەنبە كۈنىدە بولىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۈن يىلنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قېيىن كۈن ھېسابلىنىدىكەن، ھەر كىشى بۇ كۈندە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە تۆت رەكەت نەپلە نامازنى ئادا قىلسا ،ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن، ئۇ كىشىنى شۇ كۈندە چۈشىدىغان بارلىق بالا-مۇسىيبەتلەردىن ساقلايدىكەن. ئۇ كىشىنىڭ ئەتراپىدىكىلەر بۇنىڭدىن ساقلىنالمايدىكەن، ئۇ كىشى بۇ شەكىلدە نامازنى ئادا قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان كىشىلەرنىڭھاجىتىنى قاندۇرۇش مەنبىيى بولىدىكەن، بۇ توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.دېگەن سۇئال سورالغاندا: دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىكى ئالىملار بۇ سوئالغا تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن:

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن. يۇقىرىقى سوئالدا بايان قىلىنغان نەپلە نامازنىڭ، قۇرئان-ھەدىستىن ئاساسى بارلىقىنى بىلمەيمىز. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكەن ياخشى كىشىلىرىدىن ياكى ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭغان كىيىنكى كىشىلەردىن بىرەرسىنىڭ بۇ شەكىلدە نەپلە ناماز ئوقۇغانلىقى قەيت قىلىنمىغان. بۇ كەسكىن ئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەت ئىشتۇر.ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە: كىمىكى دىنىمىزدا يوق ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: كىمىكى دىنىمىزدا يوق ئەمەللەرنى ئىبادەت دەپ قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ، دېيىلگەن.

كىمكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدىكى نامازنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ياكى ساھابىلاردىن بىرىگە نىسبەت بېرىدىكەن، ئۇلارغا چوڭ بوھتاننى توقۇغان بولىدۇ. ئۇ كىشى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يالغانچىلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ چوڭ جازاغا لايىق بولىدۇ. دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى (2354).

2-شەيخ مۇھەممەد ئابدۇسسالام ئەششۇقەيرى مۇنداق دەيدۇ: "جاھىللارسەپەر ئىيىنىڭ ئاخىرقى چارشەنبە كۈنىدە، تىنچلىق ئايىتى دەپ، ﴿سَلَامٌ عَلَىٰ نُوحٍ فِي الْعَالَمِينَ﴾تەرجىمىسى: خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ دېگەن ئايەتكە ئوخشاش ئايەتلەرنى يېزىپ ئۇنى قاچىغا سىلىپ، ئۇ قاچىدا ئۇسسۇزلۇق ئىچىشىدۇۋە ئۇنىڭدىن بەرىكەت ھاسىل بولىدۇۋە يامانلىقنى كەتكۈزۈۋېتىدۇ دەپ بىر-بىرىگە ھەدىيە قىلىشىدۇ. بۇ بۇزۇق ئېتىقاد، شۇم پال ئىلىش ۋە دىندا يوق بىدئەتلەردىن بولۇپ، بۇنداقئەسلى يوق بىدئەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگەن ھەرقانداق مۇسۇلمان،ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان بىدئەتلىرىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە چەكلىشى كېرەك". [ئەسسۈنەن ۋەلمۇبتەدىئات 111-112-بەتلەرگە قارالسۇن].

تۆتىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا سەپەر ئېيىدا ئىلىپ بېرىلغان ئۇرۇش ۋە يۈزبەرگەن مۇھىم ھادىسىلەرناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن بەزىسىنى تاللاپ بايان قىلىمىز.

1- ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىپ 12 ئايدىن كېيىن سەپەر ئېيىدا تۇنجى قېتىم ئۆزى بىۋاستە قاتناشقان غازات ئەبۋا ياكى ۋەددان غازىتى ئىدى، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا بايراقنى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب كۆتۈرگەن، بايراق ئاق رەڭلىك ئىدى.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىدەئۆز ئورنىغا سەئەد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇئەنھۇنى ئورۇنباسار قىلىپ قويغان ئىدى. بۇ قېتىم قۇرەيشنىڭ سودا كارۋانلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن چىققان بولسىمۇ،ئەمما ئۇلار بىلەن ئۇچرىشالمىدى.

بۇ قېتىمقى ئۇرۇش جەريانىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەنى زەمرە قەبىلىسىنىڭ باشلىقى مەخشىي ئىبنى ئەمرۇلزەمەرىي بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۇلار مۇسۇلمانلارغا ، مۇسۇلمانلار ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغانبولۇپ قايتىپ كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى 15 كۈن داۋام قىلغان ئىدى. [زادۇل مەئاد 3- توم 164-165-بەتلەرگە قارالسۇن].

2- ھىجرىيىنىڭ 3-يىلى سەپەر ئېيىدا ئەزەل ۋە قارە قەبىلىسىدىن بىر نەچچە كىشى بىز مۇسۇلمان بولدۇق دەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىدۇ ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزلىرىگە دىنى تەلىم بېرىدىغان، قۇرئان كەرىم ئۆگىتىدىغان يېتەكچى ئۇستازلارنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى ھىيلە ئىدى. ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىدە ئۇلار بىلەن بىللە ساھابىلاردىن ئالتە كىشىنى ئەۋەتكەن. ئىمام بۇخارى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلار بىلەن ئون ساھابىنى ئەۋەتكەن، ئۇلارغا مەرسەد ئىبنى ئەبى مەرسەد ئەلغەنەۋىينى باشلىق قىلغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خۇبەيب ئىبنى ئۇدەي رەزىيەللاھۇئەنھۇمۇ بار ئىدى. ئۇلار بىرلىكتە مەدىينىدىن يولغا چىقىپ، ھىجاز تەرەپتىكى ھۈزەيل قەبىلىسىنىڭ سۇ مەنبىيى بولغان رەجىئ دېگەن جايغا كەلگەندە، ئۇلار ساھابىلارغا خىيانەت قىلىپ، دات-پەريات قىلىپ ھۈزەيل قەبىلىسىنى ساھابىلارغا قارشى ياردەمگە چاقىردى، ئۇلار كېلىپ ساھابىلارنى قورشاپ خۇبەيب ئىبنى ئۇدەي بىلەن زەيد ئىبنى دەسىنەنى ئەسىرگە ئىلىپ، باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋىتىدۇ. ئۇلار ئەسىرگە ئالغان ئىككەيلەننى مەككىگە ئىلىپ بېرىپ قۇرەشنىڭ چوڭلىرىغا ساتىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككەيلەن بەدىر ئۇرۇشىدا قۇرەيشنىڭ بەزى باشلىقلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى. [زادۇل مەئاد 3- توم 244-بەت].

3- ھىجىرىيىنىڭ 4-يىلى يەنە سەپەر ئېيىدا "بىئرى مەئۇنە ۋەقەسى" يۈزبەرگەن، بۇ ۋەقەنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك: شۇ يىلى سەپەر ئېيىدا بەنى ئامىرنىڭ كاتتىلىرىدىن ياش سەيلىچى دەپ مەشھۇر بولغان ئامىر ئىبنى مالىك پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كەلگەن چىغىدا، پەيغەمبىرىمىز ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ، ئۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، تامامەن رەت قىلمىدى، بەلكى: «ئى مۇھەممەد! سەن دەۋەت قىلغان ئىش بەك ياخشى ئىش، سەن مەن بىلەن بىرگە نەجدى ئەھلىگە بىرقانچە كىشىنى ئەۋەتكىن، ئۇلار ئۇ يەردە دىنى دەۋەتتە بولسۇن، نەجدى ئەھلى بۇ دىننى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن» دەپ جاۋاپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: نەجدى ئەھلىنىڭ ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورقىمەن دېدى. ئامىر پەيغەمبىرىمىزگە:«ئەگەر سەن ئۇلارنى ئەۋەتىشتىن ئەنسىرسەڭ، مەن ئۇلارنى ھىمايەمگە ئالىمەن» دېدى. ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلەن 40 ساھابىنى ئەۋەتكەن دىيىلىدۇ. ئەمما سەھىھ رىۋايەتتە ساھابىلارنىڭ سانى 70 كىشى دېيىلگەن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا بەنى سائىدەدىن بولغان مۇنزىر ئىبنى ئەمىرۇنى باشلىق قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇلار ساھابە كىراملار ئىچىدەكۆزگە كۆرۈنگەن، تەقۋادار كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇلار قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇغانلىقلىرى ئۈچۈنقارىيلار دەپ ئاتىلاتتى.

ئۇلار مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى بەنى ئامىر بىلەن بەنى سەلىم ئارىسىدكى "بىئرى مەئۇنە" دېگەن يەرگە كەلگەندە، ئارىلىرىدىكى ھىرام ئىبنى مىلھان ئىسىملىك كىشىدىن بەنى ئامىرنىڭ كاتتىسى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بولغان ئامىر ئىبنى تۈپەيلگە بىر پارچە خەتنى ئەۋەتتى، ئۇ مەلئۇن خەتكە قاراپمۇ قويماي، قول ئاستىدىكى بىر ئادىمىنى بۇيرۇپ ھىرام ئىبنى مىلھاننى ئارقىسىدىن نەيزە ئۇرغۇزدى، ئۇ كىشى بەدىنىدىن ئاققان قاننى كۆرۈپ: كەبىنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇتۇق قازاندىم دېگىنىچە شەھىد بولدى. ئاندىن ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بۇ مەلئۇن يەنى ئامىر ئىبنى تۇپەيل قالغان ساھابىلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قەۋمى بەنىي ئامىر خەلقىنى ئۇرۇشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما ساھابىلار ئامىر ئىبنى مالىكنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇش قىلىشقا ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامىر ئىبنى تۇپەيل بەنى سەلىم قەبىلىلىرىدىن بولغان رەئل، زەكۋان، ئۇسەييە قاتارلىقلاردىن ياردەم سورىدى، ئۇلار ئامىر ئىبنى تۇپەيلنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ بىرلىكتە ساھابىلارنى قورشاپ ئۇرۇش قىلىپ، ساھابىلەرنىڭ ھەممىسىنى شەھىد قىلدى، شەھىد بولغانلارنىڭ ئارىسىدا كەئەب ئىبنى زەيد ئىبنى نەججار بولۇپ، ئۇ ئېغر يارىدار بولغان، دۈشمەنلەر ئۇنى ئۆلدى دەپ قارىغانلىقى سەۋەبىدىن ھايات قالغان، كېيىن ئۇ خەندەك ئۇرۇشىدا شەھىد بولغان.ساھابىلاردىن ئەمىر ئىبنى ئۇمەييە زەمەرىي ۋە مۇنزىر ئىبنى ئۇقبە ئىبنى ئامىر بۇ ئىككەيلەن قوشۇننىڭ ئارقىسىدا قالغان بولۇپ، ساھابىلار چۈشكەن ئورۇننىڭ ئۈستىدە يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ يەرگە كەلدى، مۇنزىر ئىبنى ئۇقبە مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ شېھىت بولدى، ئەمىر ئىبنى ئۇمەييە زەمەرىينى ئەسىرگە ئالدى، ئۇنىڭ مۇزىر قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغاندا، ئامىر ئىبنى تۇپەيل ئۇنىڭ كوكۇلا چېچىنى كېسىۋېتىپ، ئورنىغا ئانىسىنىڭ بىر قۇلىنى ئازات قىلىپ، ئەمىر ئىبنى ئۇمەييەنى قويۇپ بەردى. ئەمىر ئىبنى ئۇمەييە قايتىپ يولدا قەرقۇرە دېگەن جايدا بىر دەرەخنىڭ سايىسىدا ئارام ئالىدۇ، شۇ ۋاقىتتا بۇ يەرگە بەنى كىلاب قەبىلىسىدىن بولغان ئىككى كىشىمۇ چۈشۈپ ئارام ئالىدۇ، بۇ ئىككى كىشى ئۇخلاپ قالغاندا، ئەمىر ئىبنى ئۇمەييە بۇلارنى دۈشمەنلەر دەپ ئويلاپ ھەمراھلىرىنىڭ قىساسىنى ئىلىش ئۈچۈن،بۇلار بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئارىسىدا كېلىشىم بارلىقىنى بىلمەستىن، بۇ ئىككىسىنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. مەدىنىگەكېلىپ بۇ ۋەقەنىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەرگەن ۋاقتىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سەن كېلىشىم تۈزۈشكەن كىشىلەردىن ئىككىنى ئۆلتۈرۈپسەن، مەن ئۇلار ئۈچۈن پىديە بىرىمەن دەيدۇ. [زادۇل مەئاد 3- توم 246-248-بەتلەر].

4- ئىبنىل قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەيبەر ئۇرۇشىغا مۇھەررەم ئىيىنىڭ ئاخىرىدا چىققان، سەپەر ئېيىدا خەيبەرنى پەتىھ قىلغان. [زادۇل مەئاد 3- توم 339- 340-بەتلەر].

5- ئىبنىل قەييۇم: قۇتبەتە ئىبنى ئامىر ئىبنى ھەدىدنىڭ خەسئەمگە قوشۇن تارتىپ چىققانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ ۋەقە ھىجىرىيىنىڭ 9-يىلى سەپەر ئېيىدا بولغان دەيدۇ.ئىبنى سەئەد مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇتبەتە ئىبنى ئامىرنى 20 نەپەر كىشى بىلەن تۇبالە دېگەن جايدىكى بەنى خەسئەم مەھەللىسىگە ئەۋەتىپ،ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشنى بۇيرۇيدۇ. ئۇلار ئون تۆگىگە نۆۋەتلىشىپ مىنىپ يولغا چىقىدۇ، ئۇلار بىر ئادەمنى تۇتۇپ سوراق قىلىدۇ، ئۇ كىشى مەھەللىگە ئاز قالغاندا ۋارقىراپ-جاقىراپ توۋلاپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرماقچى بولغاندا، قۇتبەتە ئىبنى ئامىر ئۇنى قىلىچ بىلەن چىپىۋىتىدۇ، ئاندىن مەھەللىدىكىلەر ئۇخلىغان ۋاقىتتا، ساھابىلار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئىككى تەرەپ قاتتىق ئۇرۇش قىلىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن كىشىلەر يارىدار بولىدۇ. قۇتبەتە ئىبنى ئامىر ئۇلاردىن ئۆلتۈرگەنلەرنى ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇن چارۋا مال-قويلارنى ۋە ئاياللارنى ئەسىر قىلىپ مەدىنىگە ئىلىپ ماڭىدۇ، ۋەقەلىكتە بايان قىلىنىشچە: بەنى خەسئەم مەھەللىسىدىكىلەر توپلىنىپ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئۇستىگە سەل ئەۋەتىدۇ، ئۇ سەل مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توساق بولىدۇ، مۇسۇلمانلارنى ئۇلاردىن غەنىمەت ئالغان چارۋا-ماللار، قوي-كالىلار، تۆگىلەر ۋە ئاياللارنى ئىلىپ كېتىدۇ، ئۇلار سەلدىن ئۆتەلمەستىن مۇسۇلمانلار ئۇزاقلاپ كەتكۈچە قاراپ تۇرۇپ قالىدۇ. [زادۇل مەئاد 3- توم 514- بەت].

5-ئىبنىل قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھىجىرىيىنىڭ 9- يىلى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئۈزرە دېگەن قەبىلىدىن 12 نەپەر ئەلچى كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جەمرەتە ئىبنى نۇئمان دېگەن كىشىمۇ بار ئىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن: سىلەر كىم بولىسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلاردىن بىرى جاۋاپ بېرىپ: بىزنى ھەممە كىشى تونۇيدۇ، بىز قۇسەينىڭ ئانا بىر قېرىندىشىئەزۈرەنىڭ ئەۋلادلىرى، بىزنىڭ ئەجدادىمىز قۇسەيگە ياردەم بەرگەن، مەككىدىن بەنى بەكىر بىلەن خۇزائەنى چىقىرىۋەتكەن، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋەت بار دەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: خوش كەپسىلەر، سىلەرنىڭ مېنى تونىغىنىڭلارغا رەھمەت دەيدۇ. ئاندىن ئۇلار مۇسۇلمان بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: شامنىڭ پەتھى قىلىنىدىغانلىقى،ھىرەقلىنىڭ ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا خوش-خەۋەر بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامئۇلارنى رەمبال-پىرىخۇنلاردىن سۇئال سوراشتىن، ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرگەن نەرسىلىرىنى يېيىشتىن چەكلەيدۇ، قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلار بىرقانچە كۈن رەملىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى بويۇنچە ھاياتىنى باشلايدۇ.[زادۇل مەئاد 3- توم 657 -بەت].

5-سەپەر ئېيى توغرىسىدا ئېقىپ يۈرگەن يالغان-توقۇلما ھەدىسلەر:

ئىبنىل قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: كەلگۈسى تارىخ توغرىسىدا سۆزلەنگەن ھەدىسلەر بولۇپ، مەسىلەن: مۇنداق يىلدا مۇنداق-مۇنداق ئىش بولىدۇ، مۇنداق ئايدا مۇنداق-مۇنداق ئىش بولىدۇ دېگەنگە ئوخشاش.

بۇ خۇددى يالغانچى-كاززاپلارنىڭ: مۇھەررەم ئېيىدا ئاي تۇتۇلسا، مال باھاسى قىممەتلىشىدۇ، ئۇرۇش-جېدەل كۆپ بولىدۇ، پادىشاھنىڭ بېشى ۋالىۋاش بولىدۇ. سەپەر ئېيىدا ئاي تۇتۇلسا مۇنداق-مۇنداق بولىدۇ، دېگىنىگە ئوخشاش.

ھەممە ئايلار توغرىسىدا يالغانچىلىق داۋاملاشقان، بۇ ھەقتە سۆزلەنگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى يالغان-توقۇلمىدۇر. [ئەلمەنار ئەلمۇنىيف 64-بەت].

توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى