سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قۇربانلىق مال بوغۇزلانغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ قۇربانلىقىنى كۆرەلمىسە قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

قۇربانلىق مالنى بوغۇزلىغاننى كۆرەلمىسە قانداق بولىدۇ؟ چۈنكى بۇنى كۆرسە ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن قىلىنغان ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىش بىلەن بىرگە مەنىۋىيىتىگە تەسىرى بولىشى مۇمكىن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئەڭ ئەۋزىلى مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ قۇربانلىقىنى ئۆز قولى بىلەن قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئۆزى قىلالمىسا، قۇربانلىق قىلىشقا باشقا بىر كىشىنى بۇيرۇپ، ئۆزى ئۇنىڭغا شاھىت بولسا بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغىمۇ ئىمكانىيىتى بولمىسا باشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلىپ ئۆزى قۇربانلىق قىلغان جايدا تۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

قۇربانلىققا ۋەكىل قىلىش مەسىلىسىدە ئالىملار ئارىسىدا ھىچ ئىختىلاپ يوق، قۇربانلىق قىلىنغان جايدا تۇرۇش پەرز بولماستىن بەلكى مۇستەھەبتۇر.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىقنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىسا ياخشى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ مۇگڭۇزلۇق سېمىز ئىككى قوچقارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ۋە تەكبىر ئېيتىپ، قوينىڭ گەردىنىگە پۇتىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىغان، ھەج قىلغان ۋاقتىدا 63 تۆگىنى ئۆز قولى بىلەن قۇربانلىق قىلغان.

ئەگەر قۇربانلىقنى ئۆزى قىلالمىسا ئورنىغا باشقىلارنى ۋەكىل قىلسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ 63 تۆگىنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىغاندىن كىيىن قالغان تۆگىلەرنى بوغۇزلاشقا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ۋەكىل قىلغان، بۇنىڭدا ھېچ ئىختىلاپ يوق. ئەگەر مۇمكىن بولسا قۇربانلىقنىڭ ئۈستىدە تۇرسا ياخشى بولىدۇ." تۈگىدى. ["ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسەر 13-توم 389-390-بەتلەردىن قىسقارتىپ ئىلىندى].

دائىمى كومىتېتى پەتىۋاسىدا (10/441) مۇنداق بايان قىلىنغان: "قۇربانلىق ھەدىيە قىلىنسا بۇنىڭ ساۋابى قۇربانلىقنى نىيەت قىلغان ھەممە كىشىگە يېتىدۇ، گەرچە قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆزى بۇ جايدا بولمىسىمۇ ئوخشاش، چۈنكى بۇ توغرىداپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: شۈبھىسىزكى، ئەمەللەر نىيەتكەباغلىقتۇر، ھەر بىر كىشى نىيەت قىلغان نەرسىگە ئېرىشىدۇ، دېگەن". تۈگىدى.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 175475- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى