جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇسۇلمان يوقىتىپ قويغان نەرسىسى ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشەمدۇ؟ تېپىۋالغان كىشى ئۈچۈن سەدىقىنى نىيەت قىلسا توغرا بولامدۇ؟

225079

تارقاتقان ۋاقىت : 25-03-2015

كۆرگۈچىلەر : 3100

سۇئال

مۇسۇلمان يوقىتىپ قويغان نەرسىسى ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشەمدۇ؟ تېپىۋالغان كىشى ئۈچۈن سەدىقىنى نىيەت قىلسا توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

مۇسۇلماننىڭ مالغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى داۋاملىشىدۇ، گەرچە مىلى يوقاپ كېتىپ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئىز-دېرىكى بولمىسىمۇ، قاچان مىلى تېپىلسا، ئۇ كىشى يۇتتۇرۇپ قويغان نەرسىسىگە ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنىدا بىر نەرسە تېپىۋالغان كىشىنى بىر يىلغىچە تېپىۋالغان نەرسىنى تونۇتۇپ ئىگىسى كەلسە قايتۇرۇشى، ئىگىسى كەلمىسە ئۆزى مەنپەئەتلىنىشكە بۇيرىيدۇ. بىرنەرسە تىپىۋالغۇچىدا تىپىۋىلىنغان نەرسە خۇددى ئامانەتكە ئوخشاش بولۇپ، قاچانكى ساھىبى چىقسا ئەگەر ئۇ نەرسىنىڭ ئەسلى بولسا ئۆزىنى بولمىسا ئۇنىڭ قىممىتىنى قايتۇرىدۇ.

زەيد ئىبىنى خالىد ئەلجۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن تېپىۋالغان نەرسىنى قانداق قىلىش توغرىسىدا سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: ئۇنى بىر يىلغىچە تونۇتقىن، ئەگەر ئىگىسى چىقمىسا، تېپىۋالغان نەرسىنىڭسۈپەتلىرىنى تولۇق بايان قىلغىن، ئاندىن ئۇنى ئىستىمال قىلغىن، ئەگەر ئىگىسى كەلسە، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگىن، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 2372-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1722-ھەدىس].

مال يوقاپ كېتىپ تېپىلمىسا، مال ئىگىسى ئۇ مالنى تېپىۋالغان كىشى ئۈچۈن مەنپەئەت بولسۇن دەپ سەدىقە قىلىۋەتسە، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ساۋاپ ئۈمىت قىلسا، ئاللاھ خالىسا ئۇ كىشىنىڭ نىيەت-مەقسىتىگە ئاساسەن ئەجىر-ساۋاپ بېرىدۇ.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمان بىرەر كۆچەت تىكسە، كۆچەتنىڭ مېۋىسىدىن يېيىلگەن نەرسە ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئوغرىلانغان نەرسىمۇ سەدىقە بولىدۇ، ھايۋاناتلار، ئۇچار قۇشلارنىڭ يىگىنىمۇ سەدىقە بولىدۇ، كىمكى بۇ مىۋىدىن بىرنەرسە ئالسا ساھىبى ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 1552-ھەدىس].

موللا ئەلى قارى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "مېۋىلىك دەرەختىن ياكى تېرىلغان زىرائەتتىن ئىنسان ياكى ئۇچار قۇش، ھايۋاناتلار ئىختىيارى ياكى ئىختىيارسىز يېسە بۇ زىرائەت تېرىغۇچى ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ". [مىرقات ئەلمەفاتىھ 4-توم 1339-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئۇ مېۋە ياكى زىرائەتتىن قۇچقاچ ياكى كەپتەر ياكى توخۇ قاتارلىق ئۇچارلىقلار بىر دانە يېسىمۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ، گەرچە بۇنى ئۇ كىشى خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن ئوخشاش. ھەتتا ئىنسان كۆچەت تىكىپ ياكى زىرائەت تېرىغاندا بۇنى مەقسەت قىلمىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ. كىم يېسە ساھىبى ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ، بۇنىڭدىنمۇ ئەجەبلىنەرلىكى، بىرسى كېلىپ باغدىن ياكى زىرائەتتىن بىر نەرسە ئوغۇرلاپ كەتسە، باغ ئىگىسى ئوغرىنى تۇتۇپ سوتقا تاپشۇرسىمۇ يەنىلا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن قىيامەتكىچە مۇشۇ ئوغرىلانغان نەرسىنىڭ ساۋابنى يازىدۇ. بۇ ھەدىس ياخشىلىق يوللىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. كىشىلەر قانداق نەرسىدىن پايدىلىنىدىكەن بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نەرسىنىڭ ساھىبىغا ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ، گەرچە ئۇ كىشى بۇنى مەقسەت قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن ئوخشاش. ئەگەر بۇنى مەقسەت قىلىپ قالسا ياخشىلىققا ياخشىلىق قېتىلىپ، ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى تېخىمۇ زىيادە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز پەزلى بىلەن چەكسىز ئەجىر-ساۋاپ بېرىدۇ". [ياخشىلار باغچىسىنىڭ شەرھى 2-توم 195-196-بەت].

ئىنساننىڭ بىر نەرسىسى يوقاپ كەتسە، بۇ شۇ ئىنسانغا يەتكەن مۇسىبەتكە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرى ئۈچۈن كاپارەت بولىدۇ، ئەگەر بۇنىڭغا سەبىر قىلسا، ئەجىر-ساۋابى تېخىمۇ زىيادە بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُم بِغَيْرِ حِسَابٍ تەرجىمىسى: پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ. [سۈرە زۇمەر 10-ئايەت].

يوقىتىپ قويغان نەرسىنى تېپىۋالغان كىشى ئۈچۈن سەدىقە قىلىۋېتىشنى نىيەت قىلسا، (ئاللاھ خالىسا) بۇنىڭ ساۋابىمۇ كاتتا بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى