جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

بامداتقا ئەزان ئوقۇلىشى بىلەن قازا روزىسىنى تۇتۇشنى نىيەت قىلسام، تۇتقان روزا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

بىر كۈنى بامداتقا ئەزان چىقىش بىلەن رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتۇشنى نىيەت قىلىپ، روزا تۇتتۇم، بۇ روزا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

1- ئىسلام ئالىملىرىنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا كۆرە ھەرقانداق تۇتۇش ۋاجىپ بولغان روزا ئۈچۈن كېچىدە نىيەت قىلىش شەرت بولىدۇ، قازا روزا بولسۇن ياكى ئادا روزا بولسۇن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا شۇنداق بولىدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام مالىك ۋە ئىمام شافىئى رەھىمەھۇمۇللاھنىڭ قارىشىدا رامىزان روزىسىدەك پەرز روزا بولسۇن يەنى ئادا ياكى قازا بولسۇن، نەزىر، كاپارەت روزىسى بولسۇن نىيەتنى كېچىدە قىلىش شەرت قىلىنىدۇ. ئەمما ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ: رامىزان روزىسى ۋە باشقا ھەرقانداق تەيىن قىلىنغان روزىدا كۈندۈزدە نىيەت قىلسىمۇ دۇرۇس بولىدۇدەيدۇ. ["ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسەر 3-توم 109-بەت].

نىيەتنى كېچىدە قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: بامداتتىن بۇرۇن روزىنى نىيەت قىلمىغان كىشىنىڭ روزىسى روزا بولمايدۇ، دېيىلگەن. تىرمىزى رىۋايىتى730-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسكە ئەگەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا: رامزاننىڭ پەرز روزىسىنى ياكى قازا روزىنى ياكى نەزر قىلىنغان روزىنى بامداتنىڭ ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن نىيەت قىلىپ تۇتمىسا ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى روزا بولمايدۇ دېگەن بولىدۇ. ئەمما باشقا نەپلە روزا بولسا تاڭ يورۇغاندىن كىيىن نىيەت قىلىپ تۇتسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، بۇ ئىمام شافىئى، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشى.

2-پەرز روزا تۇتقۇچى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن تۇتىدىغان روزىنى نىيەت قىلىۋېلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ تەرجىمىسى: تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار. [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

بۇ يەردە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغىنى: بامداتنىڭ ئەزىنى ئەمەس بەلكى تاڭنىڭ يورۇشى، تاڭنىڭ يورىغانلىقى ئېنىق بولسا رامزاننىڭ ئادا روزىسى ياكى قازا روزىسىنى تۇتىدىغان كىشى، روزىنى نىيەت قىلمىغان بولسا ئۇ كىشىنىڭ تاڭ يورۇغاندىن كىيىن نىيەت قىلىپ تۇتقان روزىسى توغرا بولمايدۇ.

ئەمما تاڭنىڭ يورىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىغان بولسا روزىنىڭ نىيىتى تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرىكى ئاخىرىقى مىنۇتقا قەدەر كېچىكتۈرسە بولىدۇ. شۇنىڭدەك مۇئەززىننىڭ تاڭ يورۇشتىن بۇرۇنراق ئەزەن ئېيتىدىغانلىقىنى بىلسە ياكى بۇرۇن ئەزەن ئوقۇدى دەپ شەكلىنىپ قالسا، بۇ ۋاقىتتا نىيەت قىلسىمۇ بولىدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىراق مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 66202- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

3-ھازىرقى ۋاقىتتا مۇئەززىنلەرنىڭ كۆپچىلىكى تاڭنىڭ يورىغانلىقىغا قارىماستىن كالېندار ۋە سائەتكە قاراپ ئەزان ئوقۇيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى تاڭ تولۇق يورۇغاندا ئەزەن ئوقۇدى دەپ ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ۋاقىتتا ئەزان ئوقۇلغاندا بىر نەرسە يېگەن ياكى روزىنى نىيەت قىلغان كىشىنىڭ روزىسى توغرا بولىدۇ. بولۇپمۇ سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، تاڭنىڭ يورىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىغان كىشى ئەزەن باشلانغاندا بىر نەرسە يېيىشتىن توختاپ روزىنى نىيەت قىلسا توغرا بولىدۇ.

پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ئىسلام شەرىئىتىدە، بامداتنىڭ ئەزىنىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ يېمەك-ئىچمەكنى داۋاملاشتۇرغان كىشىنىڭ تۇتقان روزىسىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "مۆمىن كىشى رامزاننىڭ پەرز روزىسى ياكى نەزىر قىلغان روزا ياكى كاپارەت روزىسىدا بولسۇن تاڭنىڭ يورىغانلىقى ئېنىق بولىدىكەن يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا روزىنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن دەرھال توختىشى زۆرۈر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ تەرجىمىسى: تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار. [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

بامداتنىڭ ئەزىنىنى ئاڭلىغاندا تاڭ يورىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلسا يېمەك-ئىچمەكتىن دەرھال توختاش كېرەك، ئەمما مۇئەززىن تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئەزان ئوقۇيدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تاڭنىڭ يورىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغانغا قەدەر يېمەك-ئىچمەكنى داۋاملاشتۇرسا دۇرۇس بولىدۇ.

ئەگەر مۇئەززىننىڭ ئەھۋالنى تولۇق بىلمەيدىكەن، يەنى تاڭ يورۇغاندىن كىيىن ئەزەن ئوقۇمدۇ ياكى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئەزەن ئوقۇمدۇ بۇنى بىلمىسە، ئېھتىيات قىلىپ ئەزان ئاڭلىغاندا يېمەك-ئىچمەكتىن توختاش كېرەك، ئەمما تاڭنىڭ يورىغانلىقىنى بىلمەي ئەزەن ئوقۇغاندا يەپ-ئېچىۋاتقان بولسا بۇنىڭ روزىغا زىيىنى بولمايدۇ.

ھەممەيلەنگە مەلۇم، شەھەر رايۇنلىرىدا ياشاۋاتقان كىشىلەر توك چىراغلارنىڭ كۆپلۈكىدىن تاڭ يورىغان ۋاقىتتا تاڭنىڭ يورىغانلىقىنى كۆزى بىلەن كۆرەلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىپ مۇئەززىننىڭ ئەزىنىگە ۋە تاڭنىڭ يورىغانلىقىنى سائەت-مىنۇتلىرى بىلەن بېكىتىدىغان كالېندارغا قاراپ ئىش كۆرسە بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: شەكلىك ئىشنى قويۇپ، شەك بولمىغان ئىشنى قىلغىن.[تىرمىزى رىۋايىتى].

يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: شەكلىك ئىشتىن ساقلانغان ئادەم ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە ئابرويىنى ساقلاپ قالىدۇ.[بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئەشرەپ ئەبدۇ مەقسۇدنىڭ: "رامىزان پەتىۋالىرى" ناملىق ئەسىرى 201- بەتتىن نەقىل قىلىندى.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: روزا تۇتىدىغان كىشى يېمەك-ئىچمەكتىن قاچان چەكلىنىدۇ؟، بەزى كىشىلەر ئەزان ئاخىرلاشقاندا دەيدۇ، بۇ توغرىمۇ؟، ئەزاندىن كېيىن قەستەن سۇ ئىچسە قانداق بولىدۇ؟، بۇ ئەسىردىن كېيىن سۇ ئىچكەنگە ئوخشاشمۇ ياكى روزا توغرا بولامدۇ؟، بەزى كىشىلەر تاڭ دېگەن چىراغدەك تىز يورىمايدۇ، بۇنىڭدا كەڭرىچىلىك بار دەيدىكەن بۇ سۆز توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "مۇئەززىن تاڭ يورۇغاندا ئەزان ئوقۇسا ۋە مەن تاڭنىڭ يورىغانلىقىنى كۆرمىسەم ئەزان ئوقۇمايمەن دېسە، بۇنداق ھالەتتە ئەزاننى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال يېمەك-ئىچمەكتىن توختاش كېرەك ۋە بۇ ۋاقىتتا قولىدا سۇ ياكى يېمەك بولسا ئۇنى يەۋەتسە بولىدۇ، ئەمما باشقا نەرسىلەرنى ئىلىپ يېمەيدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەزەن ئوقۇغۇچە يەڭلار-ئېچىڭلار، چۈنكى ئۇ تاڭ يورىدى دېگەندىن كېيىن ئەزەن ئوقۇيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى].

ئەمما كالېندار بويىچە ئەزان ئوقۇيدىغان بولسا، ھەقىقەتتە كالىندارلار كۆز بىلەن كۆرۈلىدىغان ۋاقىتقا ئالاقىدار ئەمەس، لېكىن ھېساب بىلەن بېكىتىلگەن، ھازىر بىز كۆپ قوللىنىۋاتقان ئۇممۇل قۇرا كالىندارى ۋە باشقىلارمۇ ھېساب بىلەن تۈزۈلگەن، ئۇلار تاڭ يورىغاننىمۇ، كۈن چىققاننىمۇ، كۈن تىكلەشكەننىمۇ، ئەسىرنىڭ ۋاقتى كىرگەننىمۇ ۋە كۇن ئولتۇرغاننىمۇ كۆرمەيدۇ." ["ئايلىق ئۇچرىشىش" 1-سان 214-بەت].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىراق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 124608-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئاساسەن ئاللاھ خالىسا سىزنىڭ تۇتقان روزىڭىز توغرا بولىدۇ، چۈنكى بىز مۇئەززىن تاڭ يورىشىلا ئەزەن ئوقۇيدۇ دەپ ئىشەنچ قىلالمايمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى