سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

خاتالىق سادىر قىلىش بىلەن ئۆزىگە ئازار يەتكۈزگەن كىشىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

مەلۇم بىر شەخس خاتالىق سادىر قىلىش ئارقىلىق ماڭا ئازار بەردى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

خاتالىق سادىر قىلغۇچى مەيلى سىزگە ئازار يەتكۈزسۇن ياكى باشقىلارغا ئازار يەتكۈزسۇن ئۇنداق كىشىگە سەمىمى نەسىھەت قىلىش كېرەك. چۈنكى ياخشىلىققا بۇيرۇپ-يامانلىقتىن چەكلەش دىندا كۆرسىتىلگەن مۇھىم كۆرسەتمىلەردىن بىرى بولۇپ، بۇنى ئىسلامدا تەلەپ قىلىنغان شەكىلدە تۇرغۇزۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذْ قَالَتْ أُمَّةٌ مِّنْهُمْ لِمَ تَعِظُونَ قَوْمًا ۙ اللَّـهُ مُهْلِكُهُمْ أَوْ مُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا ۖ قَالُوا مَعْذِرَةً إِلَىٰ رَبِّكُمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ تەرجىمىسى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جامائە ئادەملەر:ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان قەۋمگە نېمە ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەت قىلىسىلەر؟، دېدى. ئۇلار (يەنى ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىلار): پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئالدىدا گۇناھقا سۈكۈت قىلىپ تۇردۇق دەپ ئۆزرە ئېيتماسلىقىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن قورقۇپ گۇناھتىن چەكلىنىشلىرىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق، دېدى. [سۈرە ئەراپ 164-ئايەت].

ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۈچ تۈرگە بۆلۈنگەن بىر كەنت ئەھلىدىن خەۋەر بېرىدۇ، بىر تۈركۈم كىشىلەر چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلدى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى شەنبە كۈنىدە بىلىم تۇتۇشتىن چەكلىگەن بولسىمۇ، ئۇلار ھىيلە ئىشلىتىپ شەنبە كۈنلۈكتە بىلىق تۇتقان.ئىككىنچى تۈركۈم كىشىلەر، ئۇلارنى بۇ خاتالىقتىن ساقلىنىشقا بۇيرۇپ چەكلەنگەن كۈندە بىلىق تۇتماسلىققا تەۋسىيە قىلغان. ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى كىشلەر بولسا چەكلەنگەن كۈندە بىلىق تۇتقۇنلارنى توسماستىن بەلكى ئۇلارنى توسقان ئىككىنچى تۈركۈمدىكى كىشىلەرگە: "نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن ھالاك قىلىنىدىغان، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىپ ئاۋارە بولماڭلار، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغاننىڭ ھېچ پايدىسى يوق دېدى. ئىككىنچى تۈركۈمدىكى كىشىلەر ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: "بىز ئۇلارنى چەكلەنگەن ئىشلاردىن توسۇش ئارقىلىق، ئۈستىمىزگە يۈكلەنگەن ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشتىن ئىبارەت بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلالمىغانلىقنىڭ خىجىللىقىدىن چىقىمىز، ئۇلارنىڭ خاتالىقتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ-يامانلىقتىن توسىمىز، بەلكىم ئۇلار نەسىھەت قوبۇل قىلىپ، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ھەقىقەتكە قايتىپ قىلىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشى مۇمكىن" دەيدۇ.

مۆمىن-مۇسۇلمان مۇنكەرنى ئىنكار قىلىش ۋە ۋەز-نەسىھەت قىلىشتا مۇناسىپ ئۇسۇلنى قوللىنىشى كېرەك. بەزى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۇلارغا بېرىلىدىغان ساۋاپ-مۇكاپاتقا رىغبەتلەندۈرسە، بەزى ئاللاھ تائالانىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئىبرەتلىك ۋەقەلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، بەزى ۋاقىتتا گۇناھ-مەسىيەتنىڭ شۇملۇقىنى ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى يامان تەسىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. نەسىھەت قىلغۇچى گۇناھكار كىشىگە نەسىھەت قىلىپ ئۇنىڭدىن بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەي، ئەكسىچە ئازار-كۈلپەتكە ئۇچرىسا ئۇ كىشىدىن يىراقلىشىپ، ئايرىلىشى كېرەك بولىدۇ.

جانابى ئاللاھ توغرا يولغا ھىدايەت ۋە مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد