سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئەر-ئايالچىلىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ سپېرما چىقمىغان بولسا قانداق قىلىدۇ؟

سۇئال

رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىپ سپېرما چىقمىغان بولسا قانداق بولىدۇ؟ ئايال بىلمەستىن ئەرنىڭ تەلىپىگە ماقۇل دېگەن بولسا بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

رامزاندا روزا تۇتۇپ، سەپەر قىلمىغان كىشى كۈندۈزىدە ئايالى بىلەن بىرگە بولغان بولسا، ئۇ كىشىگە ئېغىر كاپارەت كېلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ. قۇل ئازات قىلىش ئەگەر بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، ئىككى ئاي ئۇلاپ روزا تۇتۇش ئەگەر بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا ئاتمىش مىسكىنگە تائام بېرىش كېرەك.

ئەگەر ئايال كىشىمۇ ئۆز رازىلىقى بىلەن ئېرىگە ماسلاشقان بولسا ئۇ ئايالغىمۇ شۇنداق كاپارەت كېلىدۇ. ئەمما ئايال ئېرى تەرىپىدىن مەجبۇرلانغان بولسا ئايالغا كاپارەت كەلمەستىن بەلكى شۇ كۈننىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. ئەگەر ئەر-ئايال ئىككەيلەن سەپەردە بولۇپ، كۈندۈزدە جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ، كاپارەتمۇ كەلمەيدۇ ۋە كۈننىڭ قالغان قىسمىدا يەپ-ئىچسە بولىۋېرىدۇ. ئۇلارغا پەقەت شۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار مۇساپىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا روزا تۇتۇش كېرەك ئەمەس. شۇنىڭدەك باشقىلارنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددى ئەھۋالدا روزىسىنى بۇزغان بولسا، ئاندىن كۈننىڭ قالغان قىسمىدا ئايالى بىلەن بىرگە بولغان بولسا، جىددى ئەھۋالدا روزىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى پەرز روزىنى قەستەن بۇزىۋەتمىدى.

سەپەر قىلماستىن ئۆز يۇرتىدا تۇرۇپ رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئەر-ئايالچىلىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇ كىشىگە تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك جىنايەت يۈكلىنىدۇ: 1- گۇناھ،2- روزىسى بۇزۇلىدۇ. 3- كۈننىڭ قالغان قىسمىدا يەپ-ئىچمەسلىك. 4-شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش.5- تولۇق كاپارەت ئادا قىلىش.

كاپارەت بېرىشنىڭ دەلىلى: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، بىر كىشى رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئايالى بىلەن بىرگە بولۇپ، كاپارەت ئۈچۈن قۇل ئازات قىلىشقا، روزا تۇتۇشقا ۋە كەمبەغەلگە يېمەك بېرىشكە قادىر بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشىدىن كاپارەت بېرىش ساقىت بولغان. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنساننى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ، ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشىگە كاپارەت پەرز بولمايدۇ. ئەگەر جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ سپېرما چىقسۇن ياكى چىقارمىسۇن بۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق. ئەمما جىما قىلماي ئوينىشىش جەريانىدا سپېرما چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۇ ۋاقتىدا كاپارەت كەلمەيدۇ بەلكى گۇناھكار بولىدۇ. شۇنداقلا روزام بۇزۇلدى دەپ كۈننىڭ قالغان قىسمىدا يەپ-ئىچمەستىن ئىپتارنى ساقلايدۇ ۋە شۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.

مەنبە: [مۇسلىمىلەر ئۈچۈن پەتىۋالار توپلىمى ناملىق ئەسەر 1-توم -348-بەت]