Tue 27 DhH 1435 - 21 October 2014
23296
روزىدار ئېغىز ئاچسا دۇرۇس بولىدىغان ئۆزۈرلەر
سوئال: رامزاندا كۈندۈزدە ئېغىز ئاچسا دۇرۇس بولىدىغان ئۆزۈرلەر قايسىلار، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلگەن بولسا؟ .


جاۋاپ:
ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە ئاسانلىق يارىتىپ رامزاندا روزا تۇتۇشقا قادىر بولالايدىغانلارغا روزىنى پەرز قىلدى، شەرىئەتتە ئۆزۈرلۈك كىشىلەرنىڭ رامزاندا روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت قىلدى، شەرىئەت بېكىتكەن ئۆزۈرلەر بىلەن روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدىغانلار تۆۋەندىكىچە:
1 - كىسەل -بىمار كىشىلەر.
كىسەل دېمەك: ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەن ھەرقانداق ئامىل كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئىبنى قۇدامە مۇنداق دەيدۇ: دىنى ئالىملار ھەرقانداق كىسەل ئېغىز ئاچسا توغرا بولىدۇ دېگەن قاراشتا بىرلىككە كەلدى. (يەنى روزا تۇتسا سالامەتلىكىگە تەسىرى بولىدىغان كېسەللەر، ئەمما ئادەتتىكى باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى ۋە باشقا يەڭگىل كېسەللەر بۇنىڭ سىرتىدا) بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ :« سىلەردىن كىمكى كىسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەرنى يەنى قازاسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن» دېگەن سۆزى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ.
سەلەمەتە ئىبنى ئەكۋە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دېگەن:« روزىنى قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، كۈنلىكى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق پىدىيە بېرىشى لازىم» دېگەن ئايەت چۈشكەندە، ئىپتار قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەر ئىپتار قىلىپ پىدىيە بېرەتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتتۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن، كىمكى كىسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن» دېگەن ئايەت چۈشكەندىن كىيىن يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئەمما كىسەل كىشى روزا تۇتۇش بىلەن كېسىلى ئەدەپ كەتسە ياكى كىسەل مۇددىتى ئۇزىراپ كەتسە ياكى بىرەر ئەزالىرى بۇزۇلۇشقا سەۋەپ بولسا ئۇ كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقى مۇھىم بولۇپ روزىنى تولۇقلىشى ياخشى كۆرۈلمەيدۇ، چۈنكى بۇنداق ھالەتتە روزىنى تولۇق تۇتسا سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدۇ، بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. يەنە كىسەل كىشى روزا تۇتۇپ كېسىلى ئېغىرلىىشىپ قالغىدەك بولسا دەرھال ئىپتار قىلىشى كېرەك، ئەمما ساق ئادەمنىڭ ئۇسسۇزلۇق ياكى ھېرىپ - چارچاشتىن قورقۇپ روزا تۇتماسلىقى ياكى ئىپتار قىلىشى توغرا ئەمەس، چۈنكى ئىنسان روزا تۇتقاندا ئۇسسۇزلۇق ياكى ھېرىپ - چارچاشنىڭ بولىشى تەبىئىي ئىشتۇر.
2- سەپەر:
ئىپتار قىلىش دۇرۇس بولىدىغان سەپەرلەر بىرقانچە شەرتلەر بىلەن بولىدۇ:
ئا- نامازنى قەسىر ئوقۇسا دۇرۇس بولىدىغان ئۇزۇن سەپەر بولۇش كېرەك.(80 كم ئەتراپىدا).
ب - سەپەر قىلغۇچى سەپەر جەريانىدا بىر يەردە مۇقىم تۇرۇشنى مەقسەت قىلماسلىقى كېرەك.
ج - سەپەر گۇناھ - مەسىيەت ئۈچۈن قىلىنغان بولماسلىقى كېرەك، بەلكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا توغرا مەقسەت بىلەن قىلىنغان بولىشى كېرەك دېيىلگەن، چۈنكى رامزاندا روزا تۇتماسلىق دېگەن سەپەرنىڭ مۇشەققىتىنى يەڭگىللىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ گۇناھ - مەسىيەت ئۈچۈن سەپەر قىلغان ئادەم بۇنىڭغا لايىق ئەمەس. شۇنىڭدەك يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىش ياكى باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ھەر تۈرلۈك ئەيشى - ئىشرەت ۋە بۇزۇقچىلىقنى مەقسەت قىلغان كىشىلەرنىڭ سەپەردە ئىپتار قىلىشى توغرا ئەمەس.
سەپەردە ئىپتار قىلىش ئىككى تۈرلۈك ئىش بىلەن ئەمەلدىن قالىدۇ:
بىرىنچى: سەپەر قىلغۇچى سەپەرنى تۈگىتىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلسە روزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئىككىنچى: سەپەر قىلغۇچى بىرەر يۇرتتا تۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ تۇرۇپ قالسا نامازنى تولۇق ئوقۇيدۇ ۋە روزىنىمۇ تولۇق تۇتىدۇ، سەپەردىكى ھۆكۈم ئاخىرلىشىدۇ .
3 - بالا ئېمىتىۋاتقان ۋە ھامىلدار ئاياللار.
پىقھى ئالىملىرىنىڭ بىردەك قارىشىدا: بالا ئېمىتىۋاتقان ۋە ھامىلدار ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ قالسا ئۇلارنىڭ ئىپتار قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان، بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ:« سىلەردىن كىمكى كىسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەرنى يەنى قازاسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن» دېگەن ئايەت بولۇپ، بالا ئېمىتىۋاتقان ۋە ھامىلدار ئاياللار ئايەتتە رۇخسەت قىلىنغان كېسەلنىڭ ئۆزى بولمىسىمۇ لېكىن مەنە جەھەتتە كېسەلنىڭ ھۆكمىدە، چۈنكى ئايەتتە بايان قىلىنغان كېسەللىكتىن روزا تۇتسا سالامەتلىككە تەسىر يېتىدىغان ھەممە كىشىلەر مەقسەت قىلىنىدۇ.
بالا ئېمىتىۋاتقان ۋە ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئىپتار قىلسا بولىدىغانلىقىنىڭ ھەدىستە بايان قىلىنغان دەلىلى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئاللاھ تائالا مۇساپىردىن روزىنى ۋە نامازنىڭ يېرىمىنى ئەپۇ قىلدى، ھامىلدار ياكى بالا ئېمىتىدىغان ئاياللاردىن روزىنى ئەپۇ قىلدى» ( يەنى ئىپتار قىلىپ كىيىن قازاسىنى تۇتۇشقا رۇخسەت قىلدى).
4 - ياشىنىپ قالغان ئاجىز كىشىلەر.
ياشىنىپ قالغان ئاجىز كىشىلەردىن مەقسەت قىلىنىدىغىنى: بەدىنىنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى كەتكەن، كۈنسىرى ئاجىزلاپ ھاياتى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كېلىپ قالغان كىشىلەر، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق ساقىيىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن كېسەللەر ۋە ياشىنىپ قالغان بوۋاي-مومايلاردىن ئىبارەت، مۇشۇ ھالەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىپتار قىلىشىنىڭ شەرئى دەلىلى: ئاللاھ تائالانىڭ:« روزىنى قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، كۈنلىگى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق پىدىيە بېرىشى لازىم» دېگەن سۆزى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان، ياشانغان بوۋاي- مومايلار روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىسا ئىپتار قىلىپ كۈنلىكى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق پىدىيە بېرىشى كېرەك.
5- ھەددىدىن زىيادە ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ھالىتىدىكى كىشىلەر:
ھەددىدىن زىيادە ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ھالىتىدىكى كىشىلەر ئىپتار قىلىپ ۋە ئاچلىقتىن ساقلانغىدەك بىر نەرسە يەپ كۈننىڭ قالغىنىنى روزىداردەك ئۆتكۈزۈشى، كىيىن بۇ كۈننىڭ قازاسىنى قىلىشى لازىم.
شۇنىڭدەك سەپەر مۇساپىسىدە بولمىسىمۇ، جىھادتا بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقى ياخشىدۇر، سەۋەبى ئاجىزلاپ قالماسلىق، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتا كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈندۇر، ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئىپتار قىلىۋېتىشى كېرەك.
6 - مەجبۇرلانغۇچى:
يەنى باشقىلارنىڭ قورقۇتۇشى سەۋەبىدىن ئۆزى قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلانغان ياكى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىشتىن چەكلەنگەن كىشىدىن ئىبارەت.
(فىقھى توپلاملار 28 73-بەتلەر).
( يەنى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆزى خالىمىغان ھالدا ھەر خىل تەھدىت ۋە جازا ئاستىدا روزا تۇتماسلىققا مەجبۇرلانغۇچى. -م- )

www.islamqa.com