سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

تاملارغا ئايەت يېزىلغان رامكا-جازىلارنى ئېسىشنىڭ ھۆكمى؟

254

تارقاتقان ۋاقىت : 24-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 8700

سۇئال

بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمدا تاملىرىغا قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئېسىم-سۈپەتلىرى ياكى باشقا دۇئا-زىكىرلار يېزىلغان رامكا-جازىلارنى ئېسىۋالغانلىقىنى كۆردۈم؟، بۇنداق قىلىشنىڭ شەرىئەتتە دەلىلى بارمۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
قۇرئان ئايەتلىرى يېزىلغان رامكا-جازىلارنى ئۆينىڭ، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ، مەكتەپلەر ۋە كۇلۇپلارنىڭ تاملىرىغا ئېسىپ قويۇش بىرقانچە تەرەپتىن شەرىئەت چەكلىگەن مۇنكەر ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ:
1- كۆپىنچە ھالدا قۇرئان ئايەتلىرى ۋە زىكىر-دۇئالار بىلەن چىرايلىق نەقىشلەنگەن رامكا-جازىلارنى تاملارغا ئېسىش زىننەت ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ تىلاۋەت قىلىنىش، تەدەببۇر قىلىش ۋە كىشىلەرگە ھىدايەت، ۋەز-نەسىھەت قىلىشتىن ئىبارەت ئالى مەقسىتىگە توغرا كەلمەيدۇ. قۇرئان كەرىم ئەسلىدە تاملارنى زىننەتلەش ئۈچۈن چۈشۈرۈلمىگەن بەلكى كىشىلەرنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان.
2-بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا ئوخشاش رامكا-جازىلارنى بەرىكەت تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە ئاسىدۇ. بۇ بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. بەرىكەت تەلەپ قىلىش، قۇرئان ئايەتلىرىنى چىرايلىق ھۆسنىخەتلەر بىلەن يېزىپ تاملارغا ئېسىپ قويۇش بىلەن بولماستىن، بەلكى قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش، ئۇنىڭدىكى ھېكمەتلەرنى تەپەككۇر قىلىش بىلەن بولىدۇ.
3- بۇنداق قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەر ئاللاھ رازى بولغان ساھابىلارنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچبىرى بۇنداق ئىشلارنى قىلمىغان. ئۇلارغا ئەگىشىش دىندا بىدئەت پەيدا قىلىش بىلەن بولماستىن، بەلكى ياخشىلىقتا ئۇلارنى ئۆرنەك قىلىش بىلەن روياپقا چىقىدۇ. تارىخى ماتىرياللاردىمۇ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى نەقىشلىك رامكا-جازىلارغا ئېلىپ زىننەتلەپ ئۆينىڭ ۋە مەسچىتنىڭ تاملىرىغا ئېسىپ قويۇش تۈركىيە ۋە ئەندەلۇس دۆلەتلىرىدە مۇسۇلمانلار ئاجىزلىشىپ دىنى ئەقىدىسى سۇسلاشقاندا پەيدا بولغان ئىشلاردىن ئىبارەت دېيىلگەن.
4-ئايەتلەر بىلەن زىننەتلەنگەن جازىلارنى ئېسىش شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان ۋەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇنى تامغا ئاسقان كىشىلەر بۇ ئايەتلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئائىلىمىز ھەر تۈرلۈك خېيىم-خەتەر، مۇسىبەتتىن ساقلىنىپ قالىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ شېركى قاراش ھېسابلىنىدۇ. ھەقىقى ھىمايە قىلغۇچى ئاللاھ تائالادۇر. ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن؛ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن زىكىر-دۇئالارنى ئىخلاس-ئىشەنچىدە ئوقۇش بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.
5-تۈرلۈك جازا ۋە رامكىلارغا ئايەت يېزىشنى تىجارەت شەكلىگە كىرگۈزۈپ، كۆپلەپ پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. قۇرئان ئايەتلىرىنى تىجارەت شەكلىگە ئايلاندۇرۇش مۇسۇلمانغا لايىق ئىش ئەمەس. بەلكى بۇ شەكىلدىكى رامكا-جازىلارنى سېتىۋېلىش مالنى ئىسراپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
6- بۇ شەكىلدىكى رامكا-جازىلارنىڭ تولىسى ئالتۇندىن ھەل بىرىلگەن بولۇپ، بۇنى تامغا ئېسىپ قويۇش ھارام بولىدۇ.
7- بەزى جازىلارنىڭ خەتلىرى يۆگىمەچ ھۆسنخەت شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، بۇ شەكىلدىكى خەتلەرنى ئوقۇش قېيىن بولغاچقا، ھېچقانداق مەنپەئەتى بولمايدۇ. بەلكى بەزىلىرى قۇشلارنىڭ ياكى سەجدە قىلىپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ سۈرىتى شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، بۇنداق قىلغانلىق ئايەت بىلەن ئويناشقانلىق ھەم چەكلەنگەن سۈرەتلەرنى ئاسقانلىق ھېسابلىنىدۇ.
8-بۇنداق قىلىش قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى تۆۋەن كۆرۈپ خارلىغانلىقتىن ئىبارەت، بولۇپمۇ ئۆيدىن ئۆيگە يۆتكەلگەندە ياكى تاملارنى يېڭىدىن بويىغاندا، بۇ ئايەتلەر پۈتۈلگەن جازىلار باشقا ئۆي جاھازىلىرىغا ئارلىشىپ قالايمىقان تاشلىنىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا نەرسىلەر قويۇلىدۇ.
9-بەزى دىنى چۈشەنچىسى تۆۋەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشلىرىنى دىنى شۇئارلارنى تۇرغۇزغانلىق دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ ھېچقانداق بىر دىنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ.
10-بەزى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا چاي چەينىكى ياكى پىيالە قاتارلىق ئىستىمال بۇيۇملىرىغا ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى، سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنگە ئوخشىغان ئۇلۇغ سۆزلۈكلەر يېزىلغان بولۇپ، بۇنداق قىلىش ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئېھتىرامسىزلىق قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرسە بۇ يولسىز ئۇسۇل بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ھەقىقى رەۋىش بىلەن ئەگىشىش ئارقىلىق سۆيگۈسىنى ئىپادىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
گەپنىڭ خۇلاسىسى: بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردىن يىراق بولۇپ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى رازى بولغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇلار ئەقىدە، ئەدەپ-ئەخلاقتا، دىننى چۈشىنىشتە باشقىلارغا ئۈلگە بولىدۇ دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىش لازىم.
بەزىلەر بىز بۇنى زىننەتلەش ياكى ئىسراپ قىلىش ياكى كەمسىتىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى كىشىلەر توپلانغاندا ئاللاھنى ئەسلەپ ئايەتلەردىن ئىبرەت ئالامدىكىن دەپ قىلدۇق دېيىشى مۇمكىن. ئۇنداق دېگۈچىلەرگە بىزنىڭ جاۋابىمىز: ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى رېئاللىقتىن يىراق بولۇپ، كىشىلەر بىر جايغا توپلاشقاندا باشلىرىنى كۆتۈرۈپ تامغا ئىسىلغان جازىدىكى ئايەت ۋە زىكىر-دۇئالارنى ئوقۇمدۇ؟!، بۇنىڭ ئەكسىچە بەزى كىشىلەر بىر جايغا توپلاشقاندا باشلىرى ئۈستىگە ئىسىلغان ئايەت-زىكىرلەردىن ئەيمەنمەستىن ئۆز-ئارا غەيۋەت -شىكايەت قىلىش، يالغان سۆزلەش ۋە بىر-بىرىنى مەسخىرە قىلىش، ئويۇن-چاقچاق بىلەن بولىدۇ، گەرچە بۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان كىشىلەر بار دېيىلسىمۇ ئۇلار ناھايتى ئاز ساندىكى كىشىلەر بولۇپ ئۇلار بۇ ھۆكۈمگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
مۇسۇلمانلاردىن ئاللاھنىڭ كىتابىغا يۈزلىنىپ ئىخلاس بىلەن تىلاۋەت قىلىپ ھۆكمىگە ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالادىن قۇرئان -كەرىمنى دىلىمىزنىڭ باھارى، قەلبىمىزنىڭ نۇرى، غەم-قايغۇلىرىمىزنى كەتكۈزۈۋېتىدىغان دىل راھىتى قىلىشىنى سورايمىز. جانابى پەيغەمبىرىمىزگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.


 

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد