سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قىز-خانىملارنىڭ جامائەت بولۇپ ناماز ئادا قىلىشى توغرىسىدا

258

تارقاتقان ۋاقىت : 02-03-2013

كۆرگۈچىلەر : 5027

سۇئال

ئاياللار توپلانغان سورۇندا ئەرلەر بولمىسا، ئاياللار نامازنى جامائەت بولۇپ ئادا قىلامدۇ ياكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئادا قىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

قىز-خانىملارنىڭ جامائەت بولۇپ ناماز قىلىشى جايىزدۇر. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىمام بولغۇچى سەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشقىلار بىلەن باراۋەر تۇرىدۇ.

بەزى ئەسەرلەردە، ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئاياللارغا ئىمام بولۇپ، ئۇلارنىڭ سېپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەنلىكىبايان قىلىنىدۇ. [ئابدۇراززاق "ئەلمۇسەننىف" ناملىق ئەسەر 3- توم 141-بەتتە، دارىي قۇتنىي 1- توم 404- بەتتە، باشقىلارمۇمۇشۇ مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى بايان قىلغان]. بۇ ئەسەر باشقا يوللار بىلەن كۈچلىنىپسەھىھلىك دەرىجىسىگە يەتكەن.

ئۇممۇ ھەسەن، ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئاياللارنىڭ سېپىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇلارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان. [ئىبنى ئەبۇ شەيبە"ئەلمۇسەننىف" 2- توم 88- بەتتە بايان قىلغان].

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ، "ئاياللارنىڭ جامائەتكە چىقىشى ياخشى كۆرۈلەمدۇ ياكى كۆرەلمەمدۇ" دېگەن تېمىدىكى تالاش-تارتىشلارنى بايان قىلغاندىن كېيىن، "ئاياللارنىڭ ئىمام بولىشى توغرىسىدا" دېگەن ماۋزۇدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "ئاياللار جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغاندا، ئاياللاردىن بىرى ئىمام بولۇپ ئۇلار بىلەن بىر سەپتە، يەنى سەپنىڭ ئوتتۇرىسىداتۇرۇپ ناماز ئوقۇيدۇ. ئاياللارنىڭ قىز-خانىملار ئارىسىدا ئىمام بولىشى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق. ئاياللارنىڭ نامازدىمۇ ھىجابلىنىشى ۋاجىپ بولغاچقا، سەپنىڭ ئالدىغا چىقماستىن بەلكى ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ، ئەتراپىدىكىلەر ئىمامنى ئىككىلى تەرەپتىن ئوراپ تۇرىدۇ. [ئەلمۇغنىي 2-توم 202- بەت].

"ئەلمۇھەززەپ" ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى مۇنداق دەيدۇ: "سۈننەت بويىچە قىز-خانىملارغا ئىمام بولغان ئايال ئۇلارنىڭ سېپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ، چۈنكى ئائىشە ئانىمىز ۋە ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالارنىڭ سەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ئاياللارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان". [4-توم 295- بەت].

بۇ ھەقتە كۆپرەك مەلۇمات ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغۇچىلار، ئىمام ئەدەۋىينىڭ "ئاياللار توغرىسىدا ھۆكۈملەر" ناملىق ئەسىرى 1- توم 351- بەتكە مۇراجىئەت قىلسۇن].

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد