Sun 1 Saf 1436 - 23 November 2014
26304
ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەتمۇ؟
ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت دېگەن سۆز توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

      ئاياللارنىڭ ئاۋازى شەرتسىز ئەۋرەت ئەمەس. ئايال ساھابىلار بەزى ئىشلار توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلىشاتتى ۋە ئىسلام دىنى توغرىسىدا دۇچ كەلگەن ئىشلىرى توغرىسىدا بىلمىگەنلىرىنى ئۇنىڭدىن سورىشاتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش پەيغەمبەرئەليھىسسالامدىن كېيىنكى ئىز باسار خەلىپىلەردىن ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى رەھبەرلەردىنمۇ شۇنداق قىلاتتى.

     ئاياللار يات كىشىلەرگە سالام قىلاتتى ۋە ئۇلارنىڭ سالاملىرىغا جاۋاپ قايتۇراتتى. بۇ ئىشنى ئىسلام ئالىملىرىدىن ھېچ بىر كىشى ئىنكار قىلمىغان. لېكىن ئاياللار زۆرۈرىيەت بولۇپ يات ئەركىشىگە سۆز قىلغاندا ياكى بىرەر نەرسە سۆرىغاندا سۆزنىڭ ئۇسلۇبنى بۇزۇپ، نازلىنىپ سۆزلىمەسلىكى كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ لَسْتُنَّ كَأَحَدٍ مِّنَ النِّسَاءِ ۚ إِنِ اتَّقَيْتُنَّ فَلَا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَيَطْمَعَ الَّذِي فِي قَلْبِهِ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلًا مَّعْرُوفًا﴾ تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار، (نازاكەت بىلەن سۆز قىلساڭلار) دىلىدا نىپاق بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (گۇماندىن خالى) ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار.» [سۈرە ئەھزاب 32-ئايەت].

      ئاياللارنىڭ نازلىنىپ سۆزلىشى ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك ئەرلەرنىڭ قەلبىگە تۈرلۈك خىياللارنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن پىتنە بولىدۇ.

     ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن.  

     سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالىرى(683).

پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد