سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىغا دەلىللەر ، ھەمدە ئۇنىڭ بەندىلىرىنى يارىتىشتىكى ھىكمەت

سۇئال

مىنىڭ بىر غەيرى مۇسۇلمان دوستۇم مەندىن ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىشىمنى ، ھەمدە نىمىشقا ھاياتلىقنى بەرگەنلىكىنى ، ھەمدە ئۇنىڭ كەينىدىكى مەقسەت نىمە دەپ سورىدى . لىكىن جاۋابىم ئۇنى قانائەتلەندۈرەلمىدى . شۇڭا ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىم كىرەكلىكىنى دەپ بەرسەڭلار .

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
قەدىرلىك مۇسۇلمان قېرىندىشىم ، سىزنىڭ كىشىلەرنى ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىش ۋە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ھەقىقىلىقىنى چۈشەندۈرىشىڭىز بىزنى تولىمۇ خۇشال قىلىدۇ . ئاللاھنى بىلىش ساغلام تەبىئەتكە ۋە ساغلام ئەقىلگە ئۇيغۇن . قانچىلىغان كىشىلەر باركى ، ئۇلارغا ھەقىقەت ئايدىڭ بولغاندا ، ئۇلار ئاللاھقا بويسۇنۇشقا ، يەنى دىنغا كىرىشكە ئالدىرىدى . ئەگەردە ھەر بىرىمىز دىنىغا بولغان مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلسا ئىدى ، ناھايىتى كاتتا ياخشىلىقلار ۋۇجۇتقا چىققان بولاتتى . شۇڭا بىز سىزنى، قېرىندىشىمىز نىڭ پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغىنى ئۈچۈن تەبرىكلەيمىز ، ھەمدە بىز سىزگە ۋەدە قىلىنغان كاتتا مۇكاپات بىلەن خۇش خەۋەر بىرىمىز ، پەيغەمبىرىڭىز (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) دىگەندەك : ئەگەر ئاللاھ بىر كىشىنى سىنىڭ قولۇڭدا توغرىغا يىتەكلىگەن بولسا ، بۇ ساڭا قىزىل تۆگىلەردىنمۇ ياخشى بولاتتى . [ بۇخارىي(3134) ،مۇسلىم(41872) نەقىل قىلغان . " قىزىل تۆگىلەر" بولسا تۆگىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تۈرى .
ئىككىنچى :
ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ئىسپاتىغا كەلسەك ، بۇ ئۇنى مۇلاھىزە قىلىدىغان كىشىگە ئىنىق . ھەمدە ئۇزۇن ئىزدىنىشنىڭ ھاجىتى يوق . بىز بۇنى مۇلاھىزە قىلساق ، ئۇنىڭ ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدىغانلىقىنى بايقايمىز : تۇغما تەبىئەت دەلىللىرى ، ھىسسىي دەلىللەر ، ۋە شەرئىي دەلىللەر .ھەمدە ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سىزگە ئايدىڭ بولىدۇ .
بىرىنچى :
تۇغما تەبىئەت دەلىلىرى :
پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن:
" تۇغما تەبىئەتنىڭ ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى دەلىللىشى شەيتانلار ئاداشتۇرۋەتمىگەن كىشى ئۈچۈن دەلىلەرنىڭ ئەڭ كۈچلىكى . شۇڭا ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ظعسلام دعنعغا يىزلةنضعن،الله نعث تەبىئىتى(ئۇنىڭ دعنعغا) )ظةضةشكعنكع) الله ظعنسانلارنع شذ دعن بعلةن ياراتقان . [ رۇم(رىم) : 30]
ئادەمنىڭ ساغلام تەبىئىتى ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلىقىغا گۇۋاھلىق بىرىدۇ ، ھەمدە شەيتانلار ئۇنى ئازدۇرۋەتمىسىلا ، ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇلۇپ كىتەلمەيدۇ . كىمكى شەيتانلار تەرىپىدىن ئازدۇرلىدىكەن ، بۇ دەلىلنى تونۇپ يىتەلمەيدۇ . "
[ شەرھ سەفارىينە دىن ئىلىندى . ]
ھەر بىر كىشى ئۇنىڭ بىر پەرۋەردىگارى ۋە ياراتقۇچىسى بارلىقىنى ئىچىدە ھىس قىلىدۇ ، ھەمدە ئۇ ئۆزىنى ئۇنىڭغا مۇھتاج ھىس قىلىدۇ . ئەگەر بىرەر چوڭ ئاپەت ئۇنىڭغا چۈشسە ، ئۇ ئىككى قولىنى ، ئىككى كۆزىنى ۋە قەلبىنى پەرۋەردىگارىدىن قۇقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ ئاسمانغا قارىتىدۇ .
ھىسسىي دەلىللەر :
بۇ كائىناتتا مەۋجۇت نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ . بىز ئەتراپىمىزدا مەۋجۇت نەرسىلەرنى كۆرىمىز ، مەسىلەن ، دەرەخلەر ، تاشلار ، ئىنسانلار ، يەرشارى ، ئاسمانلار ، دىڭىزلار ، دەريالار . . .
ئەگەر بۇ شەيئىلەر شۇنداق كۆپ ، كىم ئۇلارنى ياراتتى ھەمدە ئۇلاردىن خەۋەر ئالىدۇ ؟ دەپ سورالسا :
جاۋاپ بولسا ئەگەر بۇ شەيئىلەر تاسادىپىي ، ئۆزلۈكىدىن ۋە ھىچقانداق سەۋەپسىز بارلىققا كەلگەن بولسا ، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقىنى بىلىدىغان ھىچكىم يوق ، ھەمدە ئۇ بىر ئىھتىماللىق . بىراق يەنە بىر ئىھتىماللىق بار ، ئۇ بولسىمۇ بۇ شەيئىلەر ئۆزلىرى تەرىپىدىن يارىتىلغان ھەمدە ئىشلىرىدىن ئۆزى خەۋەر ئالىدۇ . ھەمدە يەنە ئۈچۈنچى بىر ئىھتىماللىق بار ،ئۇ بولسا ئۇلارنى ياراتقان بىرسى بار . بىز بۇ ئۈچ ئىھتىماللىققا قارىساق، بىرىنچى ۋە ئىككىنچىسىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايقايمىز . ئەگەر بىز بىرىنچى ۋە ئىككىنچىسىنى رەت قىلساق ، ئۇنداقتا جەزمەن ئۈچىنچىسى توغرا ، يەنى بۇ شەيئىلەرنىڭ ئۇلارنى ياراتقان بىر ياراتقۇچىسى بار ، ھەمدە ئۇ ياراتقۇچى بولسا ئاللاھ . بۇ قۇرئاندا تىلغا ئىلىنغان . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ياكع ظذلار ياراتقذحعسعز يارعتعلغانمذ؟ ياكع ظذلار ظأزلعرع ياراتقذحعمذ؟[35] ياكع ظذلار ظاسمانلارنع ؤة زئمعننع ياراتقانمذ؟ بةلكع ظذلار (اللةنعث بعرلعكعضة) ظعشةنمةيدذ . [ تۇر (تاغ) : 35-36 ]
ئاندىن بۇ كاتتا مەخلۇقاتلار قاچاندىن بىرى مەۋجۇت ؟ بۇ يىللار مابەينىدە ، كىم ئۇلارنىڭ بۇدۇنيادا ساقلىنىپ قىلىشىنى پۈتىۋەتتى ھەمدە ئۇلارغا تۇرۇپ قىلىشنىڭ يوللىرى بىلەن تەمىنلىدى ؟
جاۋاپ : ئۇ بولسا ئاللاھ ، ئۇ ھەر بىر شەيئىگە ئۇنىڭغا ماس كىلىدىغان ھەمدە ئۇنىڭ ساقلىنىپ قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان نەرسىنى بەردى . چىرايلىق يىشىل ئۆسۈملۈكلەرگە قارىمامسىز ؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئۈزىۋەتسە ، ئۇلار ياشىيالامدۇ ؟ ياق ، بەلكى ئۇلار قۇرۇق پاخال بولۇپ قالىدۇ . ئەگەر سىز بارلىق شەيئىلەرنى مۇلاھىزە قىلسىڭىز ، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا تايىنىدىغانلىقىنى بايقايسىز . ئاللاھ بولمىغان بولسا ھىچنەرسە قالمىغان بولاتتى .
ھەمدە ئاللاھ ھەربىر نەرسىنى ئۆزىگە ناس كىلىدىغان نەرسىنى قىلىشقا ياراتتى . شۇڭا تۆگىلەر مەسىلەن ، مىنىشكە . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ظذلار بعلمةمدذكع، ظذلار ظىحىن هايؤانلارنع (قذدرةت) قولعمعز بعلةن خةلق ظةتتذق، ظذلار هايؤانلارنع باشقذرذص تذرغذحعلاردذر[71] . هايؤانلارنع ظذلارغا بويسذندذرذص بةردذق، ظذلار ظذ هايؤانلارنعث بةزعسعنع معنعدذ، بةزعسعنع يةيدذ . [ ياسىين : 71-72 ]
تۆگىگە قاراڭ ، ئاللاھ ئۇنى بىر كۈچلۈك دۈمبە بىلەن قانچىلىك كۈچلۈك ياراتقان ، شۇڭا ئۇنى مىنىشكە ئىشلەتكىلى بولىدۇ ھەمدە ئۇ باشقا ھايۋانلار بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان قىيىن شارائىتلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ .
ئەگەر سىز باشقا ھايۋانلارغا قارىسىڭىز ، ئۇلارنىڭ يارىتىلىش مەقسىتىگە ئۇيغۇن يارىتىلغانلىقىنى بايقايسىز . ئاللاھ بارلىق نۇقساندىن پاك !!
ھىسسىي دەلىلەرنىڭ مىساللىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
كىشىلەرگە چۈشكەن بالايى-ئاپەتلەر ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىدۇ ، مەسىلەن : ئۇلار ئاللاھقا دۇئا قىلغاندا ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا جاۋاپ قايتۇرىدۇ ؛ بۇ ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىدۇ . پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن : " پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) يامغۇر ئۈچۈن دۇئا قىلغاندا ، ئۇ مۇنداق دىگەن : ئاللاھۇممە ئەغىسنا ، ئاللاھۇممە ئەغىسنا ( ئى ئاللاھ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغىن ، ئى ئاللاھ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغىن ) ئاندىن بىر بۇلۇت كەلگەن ، ھەمدە ئۇ مۇنبەردىن چۈشمەي تۇرۇپ يامغۇر يىغىشقا باشلىغان . بۇ ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىدۇ . "
[ شەرھ سەفارىنىييە]
3- شەرئىي دەلىلەر :
بارلىق ئىلاھى قانۇنلار ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ، ھەمدە ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ ، دانالىقىنىڭ ، ۋە رەھىم-شەپقىتىنىڭ مۇكەممەللىكىنى كۆرسىتىدۇ . چۈنكى ، بۇ قانۇنلار جەزمەن بىرسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى كىرەك ، ھەمدە ئۇ قانۇن بەلگىلىگۈچى بولسا ئاللاھ . " [ شەرھ سەفارىنىييە دىن ئىلىندى . ]
ئاللاھ بىزنى نىمە ئۈچۈن ياراتتى ؟ دىگەن سۇئالىڭىزغا كەلسەك ، جاۋاپ : ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىمىز ، ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىشىمىز ۋە ئۇنى ياد ئىتىشىمىز ، ھەمدە ئۇ بىزگە بۇيرىغاننى قىلىشىمىز ئۈچۈن ياراتتى . مەلۇمكى ، ئىنسانلار ئارىسىدا كاپىرلارنۇ بار ، مۇسۇلمانلارمۇ بار . سەۋەبى ، ئاللاھ بەندىلىرىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىبادەت قىلامدۇ ياكى باشقا بىرىگىمۇ دەپ سىنىماقچى . ئۇ بولسا ئاللاھ ھەر بىرەيلەنگە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بولغاندىن كىيىن بولىدۇ . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ئۇ سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئىش-ئەمەلدە ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئۆلۈم ۋە ھاياتنى ياراتتى . [ مۇلىك(پادىشالىق ) : 2 ]
جعنلارنع، ظعنسانلارنع صةقةت ماثا ظعبادةت قعلعش ظىحىنلا ياراتتعم
[ زارىيات( سورىغۇچى شاماللار ) : 56 ]
ئاللاھتىن بىزنى ۋە سىزنى ئۇ ياقتۇرىدىغان ۋە خئۇرسەن بولىدىغاننى قىلىشقا قادىر قىلسۇن ، ھەمدە ئۇنىڭ دىنى ئۈچۈن تىخىمۇ كۆپ دەۋەت ۋە خىزمەتلەرنى قىلىشىمىزغا مۇۋەپپەق قىلسۇن . ھەمدە پەيغەمبەرنى تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد
 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى