سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھەيزدار ئاياللار قەدىر كېچىسى بولغاندا قانداق قىلىدۇ

سۇئال

ھەيزدار ئاياللار قەدىر كېچىسىدە نېمە ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن؟ ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ ياخشىلىقلىرىنى زىيادە قىلىشى مۇمكىن بولامدۇ؟، ئەگەر شۇنداق قىلىش مۇمكىن بولسا، ئۇ كېچىسى قانداق ئەمەللەرنى قىلسا بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ھەيزدار ئايال ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، كەبىنى تاۋاپ قىلىش، مەسچىتتە ئېتىكاپ قېلىشتىن باشقا بارلىق ئىبادەتلەرنى قىلسا بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ كېچىلىرىنى ئىبادەتلەر بىلەن ئۇخلىماي ئۆتكۈزەتتى. بۇ ھەقتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئونىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن ئىبادەتكە يۈزلىنەتتى، كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزەتتى، ئائىلە ئەزالىرىنىمۇ ئويغىتاتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 2024- ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1174- ھەدىس].

كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈش پەقەت ناماز ئوقۇش دېگەنلىك بولماستىن بەلكى، بارلىق ئىبادەتلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بەزى ئالىملار بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن:

ھاپىز ئىبنى ھەجەر «كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزەتتى» دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ يەنى تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى دېگەن.

ئىمام نەۋەۋىي: ناماز ۋە نامازدىن باشقا ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزەتتى دېگەن.

ئىمام خەتتابىي "ئەۋنۇل مەبۇد" ناملىق ئەسىرىدە: كېچىنى ناماز ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىپ زىكىر ئېيتىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى دېگەن.

قەدىر كېچىسىدە ئىنسان قىلىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى قىيامدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇشتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە مۇنداق دېگەن: كىمىكى قەدىر كېچىسىدە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، ساۋاپ ئۈمىد قىلغان ھالدا، ئۇ كېچىنى تائەت-ئبادەت بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. [بۇارىيخخارىي رىۋايىتى 1901-ھەدىس، مۇسلىم رىۋايىتى 760-بەت].

گەرچە ھەيزدار ئاياللار ناماز ئوقۇشتىن چەكلەنسىمۇ، قەدىر كېچىسىنى نامازدىن باشقا ئىبادەتلەر بىلەن بىدار ئۆتكۈزسە بولىدۇ. مەسىلەن:

1-قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش.

2-ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ زىكىر ئېيتىش، سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ ۋە ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى، بولۇپمۇ: سۇبھانەللاھ، ۋەلھەمدۇلىللاھ، ۋە لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋاللاھۇ ئەكبەر، سۇبھانەللاھى، ۋەبىھەمدىھى ۋە سۇبھانەللاھىل ئەزىم دېگەن سۆزلەرنى كۆپ ئېيتىش كېرەك.

3- ئىستىغپار ئېيتىش. ئەستەغپىرۇللاھ دېگەن سۆزنى كۆپ تەكرارلاش كېرەك.

4-دۇئا قېلىش. ئاللاھ تائالادىن دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى سورايدىغان دۇئالارنى كۆپ قىلىش كېرەك. چۈنكى دۇئا دېگەن ئىبادەتلەرنىڭ ئەۋزىلىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: دۇئا دېگەن ئىبادەتتۇر. [تىرمىزى رىۋايىتى 2895- ھەدىس. ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

ھەيزدار ئاياللار قەدىر كېچىسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلسا بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى كۆپ قېلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن. بىزنىڭ بارلىق ياخشى ئەمەللىرىمىزنىقوبۇل قىلسۇن.

تەرجىمە: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى