جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

رامىزاندا تۇتالمىغان قازا روزىنى تۇتۇش نىيىتى بىلەن شەكلىك كۈندە قازا روزا تۇتسا قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەكلىك كۈندە روزا تۇتۇشتىن چەكلىدى شۇنىڭدەك رامىزاندىن بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن روزا تۇتىۋېلىشتىنمۇ چەكلىگەن، لېكىن مەن ئاشۇ كۈنلەردە رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شۇنداق، شەك كۈنىدە ياكى رامىزاندىن بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن ئىلگىرى رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتسا دۇرۇس بولىدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شەك كۈنىدە ۋە رامىزاندىن بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەنلىكى سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان، بۇ چەكلىمە مەلۇم كۈنلەردە روزا تۇتۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەلۇم كۈنلەردە روزا تۇتۇپ ئادەتلەنمىگەن كىشىلەر رامىزاندىن بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن روزا تۇتمىسۇن. [بۇخارى رىۋايىتى1914-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1082-ھەدىس].

    مەسىلەن: بىر كىشى دۈشەنبە ياكى پەيشەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن بولسا شەبان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى شۇنىڭغا توغا كەلگەن بولسا ئۇ كۈندە نەپلە روزا تۇتسا روزا تۇتىشتىن چەكلەنمەيدۇ.

    ئادەتلەنگەن نەپلە روزىنى تۇتۇش دۇرۇس بولىدىكەن، رامىزاننىڭ قالغان قازا روزىسىنى تۇتۇش ئەلۋەتتە دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى يەنە بىر رامىزانغا كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ.

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ"ئەلمەجمۇئ" ناملىق ئەسەر 6-توم 399-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ ھەمراھلىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: رامىزان ئىكەنلىكى شەك قىلىنغان كۈندە روزا تۇتۇش ھەقىقەتەن دۇرۇس بولمايدۇ، ئەمما قازا ياكى نەزىر ياكى كاپارەت روزىسى بولسا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كۈندە سەۋەپكە ئالاقىدار نەپلە روزا تۇتۇش دۇرۇس بولغان يەردە، پەرز بولغان روزىلارنى تۇتۇش ئەلۋەتتە دۇرۇس بولىدۇ، بۇ خۇددى ناماز ئوقۇشتىن چەكلەنگەن ۋاقىتقا ئوخشايدۇ، چۈنكى بىر كىشىنىڭ ئۈستىدە رامىزاننىڭ قازا روزىسى بولىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ قازا روزىسىنى تۇتىدىغان ۋاقتى قىستىلىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن، قازا روزىنى تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى