Tue 27 DhH 1435 - 21 October 2014
26862
رامىزان روزىسىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت
رامىزان روزىسىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

     بىرىنچى: ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ﴿الْحَكِيمُ﴾ ئەلھەكىم دېگەن ئىسمىنى بىلىشىمىز كېرەك. ھەكىم دېگەن ھۆكۈم ۋە  ھېكمەت دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن كەلىمىدۇر. ھۆكۈم چىقىرىش پەقەت بىر ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالانىڭ چىقارغان ھۆكۈملىرى  ناھايىتى پۇختا، مۇكەممەل ۋە ھېكمەتلىكتۇر.

     ئىككىنچى: ئاللاھ تائالا بىرەر ھۆكۈمنى يولغا قويسا ئۇ ھۆكۈم نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز ئۇ ھېكمەتلەرنىڭ بەزىسىنى بىلىشىمىز ياكى  بىلمەسلىكىمىز ۋەياكى ئەقلىمىزنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بۇيرۇلغان ۋەياكى چەكلەنگەن ئىشلاردىكى ھېكمەتلەرنى بىلىشكە ئىقتىدارى يەتمەسلىكى مۇمكىن.

     ئۈچىنچى: ئاللاھ تائالا رامىزان روزىسىنىڭ يولغا قويۇلىشى ۋە پەرز قىلىنىشىدىكى ھېكمەتنى بىزگە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى.» [سۈرە بەقەرە 183-ئايەت]. 

     روزا تۇتۇش بولسا ھەقىقى تەقۋادارلىقنى روياپقا چىقىرىشتىكى مۇھىم ۋاستىدۇر. تەقۋادارلىق بولسا، ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداش ۋە چەكلىگەن ئىشلارنى تولۇق تەرك قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

     روزا بولسا ئىنساننىڭ دىنى پرىنسىپلارنى تولۇق ئورۇندىشىغا ياردەمچە بولىدىغان ئەڭ چوڭ سەۋەبلەردىن بىرىدۇر. 

     دىنى ئالىملار روزىنىڭ يولغا قويۇلىشى توغرىسىدىكى تەقۋادارلىقنى روياپقا چىقىرىشقا پايدىسى بولىدىغان بەزى ھېكمەتلەرنى بايان قىلغان. تۆۋەندە بىز ئۇ ھېكمەتلەرنىڭ بەزىسىنى زىكىر قىلىپ ئۆتىمىز:

     1-روزا تۇتۇش ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىشتىكى بىر ۋەسىلىدۇر. روزا تۇتۇش؛ ئىنسان نەپسىنى يېمەك-ئىچمەك ۋە جىنسى مۇناسىۋەتتىن چەكلەش دېمەكتۇر. بۇنىڭ ئۆزى نېمەتنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئالىسىدۇر. بۇ ئىشلاردىن مەلۇم مۇددەت چەكلىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نېمەت بەرگۈچىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن ئۇ نېمەتنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدۇ.

     2-روزا چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. چۈنكى ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ، دەرتلىك ئازابىدىن قورقۇپ نەپسىنى ھالال ئىشلاردىن چەكلىنىشكە بويسۇندۇرسا، ئەلۋەتتە ئۇ نەپسىنى ھارام ئىشلاردىن چەكلىنىشكە بويسۇندۇرالايدۇ. نەتىجىدە، روزا ئۇ ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

     3-روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەپسى شەھۋىتىگە غالىپ كېلىدۇ. چۈنكى ئىنسان كۆڭلى تارتقان نەرسىلەرنى ئارزۇ قىلىدۇ، روزا تۇتقان ۋاقىتتا كۆڭلى تارتقان ئىشلاردىن چەكلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ياشلار! سىلەردىن نكاھلىنىشقا قادىر بولغانلار توي قىلىڭلار! چۈنكى توي قىلىش ئىنساننىڭ كۆزىنى ۋە ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلايدۇ، توي قىلىشقا قادىر بولالمايدىغانلار روزا تۇتۇڭلار، چۈنكى روزا ئۇ كىشى ئۈچۈن قالقاندۇر.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

     4-روزا تۇتۇش مۇسۇلماندا پېقىر-مىسكىنلەرگە بولغان مېھرى-شەپقەت ۋە كۆيۈمچانلىقنى زىيادە قىلىدۇ، چۈنكى روزا تۇتقۇچى بەزى ۋاقىتلاردا ئاچلىق-ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا دائىم ئاچ-ئۇسسۇز ياشايدىغان كىشىلەرنى ئەسلەيدۇ ۋە ئۇلارغا خەيرى-ئېھسان قىلىش، كۆيۈنۈش، مېھرى-شەپقەت قىلىشقا ئالدىرايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن روزا پېقىر-مىسكىنلەرگە ئىزچىل كۆيۈنۈشكە سەۋەپ بولىدۇ.

      5-روزا تۇتۇش ئارقىلىق شەيتانغا بېسىم قىلىنىدۇ، ئاجىزلاشتۇرىلىدۇ، شەيتاننىڭ ئىنسانغا بولغان ۋەسۋەسىسى ئاجىزلايدۇ، ئىنساندىن سادىر بولىدىغان گۇناھ-مەسىيەت ئازلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شەيتان ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ قان تومۇرىدا ماڭىدۇ» دېگەن. روزا تۇتۇش ئارقىلىق  شەيتاننىڭ ماڭىدىغان ئورۇنلىرى تارىيىپ، شەيتان ئاجىزلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ روزىدارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقى تۆۋەنلەيدۇ.

      شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۈبھىسىزكى، قان يېمەك-ئىچمەكتىن پەيدا بولىدۇ، ئىنسان يېمەك-ئىچمەكنى كۆپ يېگەندە قان كۆپىيىپ شەيتاننىڭ مېڭىش ئورنى كېڭىيىدۇ، روزا تۇتقان ۋاقتىدا شەيتاننىڭ مېڭىش ئورنى تارىيىپ نەتىجىدە، ئىنسان قەلبىدە ياخشىلىققا ئىنتىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ." ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" ناملىق ئەسىرى 25-توم 246-بەت].

    6-روزا تۇتقۇچى ئۆز نەپسىنى ئاللاھ تائالا مېنى كۈزۈتۈپ تۇرىدۇ دېگەن ئاڭغا ئادەتلەندۈرىدۇ، ئۆزىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ كۈزۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن كۆڭلى تارتقان ئىشلارنى قىلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇپمۇ نەپسىنى ئۇنىڭدىن چەكلەيدۇ.

    7-روزا تۇتۇش بىلەن دۇنيا ۋە دۇنيادىكى كۆڭلى تارتقان نەرسىلەردىن يىراقلىشىش، ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدىكى نېمەتلەرگە رىغبەتلىنىش پەيدا بولىدۇ.

     8-روزا تۇتۇش ئارقىلىق مۆمىندە ئاللاھ تائالاغا كۆپلەپ تائەت-ئىبادەت قىلىش ئادەتكە ئايلىنىدۇ. چۈنكى روزا تۇتقۇچى كۆپ ۋاقىتلاردا ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، روزىدارنىڭ نەپسى شۇنىڭغا ئادەتلىنىدۇ.

     يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىمىز روزا تۇتۇشنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويۇلىشىدىكى بەزى ھېكمەتلىرىدىن ئىبارەتتۇر.

     ئاللاھ تائالادىن بارچە مۇسۇلمانلارغا تەقۋالىقنى روياپقا چىقىرىپ، ئۆزىگە گۈزەل شەكىلدە ئىبادەت قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

      [تەپسىرى سەئدىي 116-بەت، ھاشىيەتى ئىبنى قاسىم ئەلا رەۋدۇل مۇربىئ 3-توم 344-بەت،  پىقھىي ئېنسكلۇپىدىيەسى 9-توم 28-بەتلەرگە قارالسۇن].

     ھەممىدىن توغرىنى  بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى