سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئاللاھقا سەجدە قىلىدىغانلىقى

27036

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 11092

سۇئال

ھەج سۈرىسى 18- ئايەتتە جاندارلارنىڭ سەجدە قىلىدىغانلىقى كەلگەن . شۇڭا بۇ سەجدە قىلىش قانداق بولىدۇ ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بىلىڭكى ، بۇ كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق يارىتىلمىلار بولسا يا ئىختىيارى ، يا مەجبۇرىي ھالدا ئاللاھقا قۇل بولغان . شۇڭا مۇئىمىن ئاللاھقا ئىختىيارى قۇللۇق ( ئىبادەت) قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا قىلغان قۇللىقىغا ئەجىرگە ئىرىشىدۇ . ھەمدە كاپىر ، گەرچە ئۇ پەرۋەردىگارىدىن ياتلاشقان ھەمدە ئۇنىڭغا قۇللۇق قىلىشنى تاشلىغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ جىسمىنىڭ ئاتوملىرى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە ئۇلۇغ ئاللاھقا قۇللۇق قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا تەسبىيھ ئېيتىدۇ . بىراق ئەقلىمىز ۋە چۈشىنىشىمىزنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى ، ئۇ تەسبىيھنى ئۇقالمايمىز ھەمدە ئۇنىڭ ماھىيتىنى چۈشىنەلمەيمىز . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : يةتتة ظاسمان - زئمعن ؤة ظذلاردعكع مةخلذقاتلار اللةنع صاك دةص بعلعدذ، كاظعناتتعكع) قانداقلعكع نةرسة بولمعسذن، اللةنع صاك دةص مةدهعيلةيدذ يةنع اللةنعث ظذلذغلعقعنع سأزلةيدذ)، لئكعن سعلةر تئلعثلار ظوخشاش بولمعغانلعقع ظىحىن) ظذلارنعث مةدهعيسعنع سةزمةيسعلةر، اللة هةقعقةتةن بةندعلعرعضة) هةلعمدذر يةنع ظاسعيلعق قعلغانلارنع جازالاشقا ظالدعراص كةتمةيدذ)، تةؤبة قعلغذحعلارنع) مةغصعرةت قعلغذحعدذر .
[ ئىسرا( كېچىدە سەپەر قىلىش ) : 44 ]
دىمەكچى ، ھەربىر يارىتىلما( مەخلۇق) ئاللاھقا ئەل بولۇش ۋە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىپ شەكىلدە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ھالىتىدە تۇرىدۇ . قۇياش ، ئاي ، يۇلتۇزلار ، دەرەخلەر ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا باش ئىگىش ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ھالىتىدە تۇرىدۇ ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا مۇۋاپىق شەكىلدە ئىبادەت قىلىدۇ . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : بعلمةمسةنكع، ظاسماندعكعلةر (يةنع صةرعشتعلةر)، زئمعندعكعلةر (يةنع ظعنسانلار، جعنلار ؤة زئمعندا ياشايدعغان بارلعق مةخلذقاتلار)، كىن، ظاي، يذلتذزلار، تاغلار، دةرةخلةر، هايؤاناتلار( اللةغا بويسذنذص، اللةنعث تةسةررذص قعلعشع بويعحة هةرعكةت قعلعدذ) ؤة نذرغذن كعشعلةر اللةغا سةجدة قعلعدذ، نذرغذن كعشعلةر (كذفرع سةؤةبلعك) ظازابقا دذحار بولدع، اللةنعث خارلعشعغا ظذحرعغان ظادةمضة هىرمةتلعضعىحع حعقمايدذ، اللة هةقعقةتةن خالعغعنعنع قعلعدذ (يةنع ظازاب قعلعش، رةهعم قعلعش، ظةزعز قعلعش، خار قعلعش، باي قعلعش، كةمبةغةل قعلعش اللةنعث خاهعشعدعكع ظعش بولذص، اللةغا هئح كعشع تةظةررذز قعلالمايدذ) .
[ ھەج : 18 ]
« ظذلار اللة ياراتقان شةيظعلةرنعث سايعلعرعنعث بويسذنغان هالدا اللةغا سةجدة قعلعش يىزعسعدعن ظوث- سولغا مايعل بولذص تذرغانلعقعنع كأرمعدعمذ؟48. ظاسمانلاردعكع ؤة زئمعندعكع هايؤاناتلار، صةرعشتعلةر اللةغا سةجدة قعلعدذ، ظذلار (اللةغا سةجدة قعلعشتعن) حوثحعلعق قعلعص باش تارتمايدذ .»
[ نەھىل(ھەسەلھەرىسى): 48-49 ]
ئىمام ئىبنۇ كەسىير مۇنداق دىگەن : " ئاللاھ بىزگە ئۆزىنىڭ كاتتىلىقىنى ، ھەيۋەتلىكىنى ۋە ھەممە نەرسە باش ئەگكەن زورلۇقىنى دەۋاتىدۇ . چۈنكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ ھەمدە ھەممە نەرسە ۋە يارىتىلمىلار ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتىدۇ ، جانسىز نەرسىلەر ۋە ھايۋانلار ، ھەمدە ئىنسانلار ، جىنلار ۋە پەرىشتىلەردىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەنلىرى . ئاللاھ بىزگە ھەممە نەرسىدە كۆلەڭگە بارلىقىنى ، ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپكە مايىل بولىدىغانلىقىنى ، يەنى ، ئەتىگەن ۋە كەچتە ، ئاللاھقا سەجدە قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى ." مۇجاھىد مۇنداق دىگەن : " قۇياش ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى نۇقتىسىدىن ئۆتكەندە ، ھەممە شەيئى ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ . "
ئاللاھ بارلىق شەيئىنىڭ ئۆزىگە سەجدە قىلىدىغانلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈردى ھەمدە ئۇ ئۇلارنىڭ بىرقىسمىنىڭ قانداق سەجدە قىلىدىغانلىقىنى ، يەنى كۆلەڭگىسىنى ئوڭ ۋە سول تەرپكە مايىل قىلىش ئارقىلىق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى . ئۇلارنىڭ سەجدىسىنىڭ يەتتە ئەزا بىلەن بولۇشى لازىم ئەمەس . چۈنكى ئۇ مۇسۇلمانلارغا خاس . باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ سەجدىسى بولسا ھەر بىر مەخلۇقنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بولىدۇ . بۇ سەجدىنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى سەجدە ئىكەنلىكى قۇرئان تېكىستنىڭ ئىنىق مەنىسى بىلەن كۆرسىتىلگەن . چۈنكى ، بۇ ئايەتنى ئۇنىڭ ئاشكارا مەنىسى بويىچە چۈشەندۈرمەسلىككە كۈچكە ئىگە دەلىل يوق . شۇڭا بىز ئۇنى قوبۇل قىلىشىمىز كىرەك . يەنە قۇياش ، ئاي ، يۇلتۇزلار ، دەرەخلەر ۋە ھايۋانلارنىڭ سەجدە قىلىشى پەرىشتىلەر ۋە ئادەملەرنىڭ سەجدە قىلىشى بىلەن باغلىنىپ تىلغا ئىلىنىشى ئۇنى تەكىتلەيدۇ ، يەنى ، بارلىق شەيئىلەرنىڭ بۇ سەجدىسى ھەقىقى مەنىدىكى سەجدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ .
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە( ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ : "سەجدە قىلىش بولسا تۆۋەنچىلىكنىڭ بىر شەكلى . شۇڭا بارلىق مەخلۇقاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەجدە بولسا يۈكسەك بويسۇنۇش ۋە تۆۋەنچىلىكنى بىلدۈرىدۇ . چۈنكى ھەر بىر يارىتىلما ئۇنىڭ كاتتىلىقىغا باش ئىگىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدۇ . بۇ ھەممە نەرسە ئادەمنىڭ سەجدە قىلغىنىغا ئوخشاش ، يەتتە ئەزاسى بىلەن ، پىشانىسىنى يەرگە قويۇپ سەجدە قىلىدۇ دىگەننى ئۇقتۇرمايدۇ . سەجدىنىڭ بۇ تۈرى پەقەت ئادەملەرگىلا خاس . بەزى باشقا مىللەتلەر تازىم قىلىدۇ ، لىكىن سەجدە قىلمايدۇ ، ھەمدە ئۇ ئۇلارنىڭ سەجدىسى بولىدۇ . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ھەمدە ئىشىكتىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار ھەمدە : " بىزنى كەچۈرگىن! " دەڭلار . [ بەقەرە( ئىنەك): 58 ]
دىيلىدۇكى ، بۇنىڭ مەنىسى ، ئۇنىڭدىن تازىم قىلغان ھالدا كىرىش بولۇپ ، بەزىلىرى يەھۇدىيلارغا ئوخشاش يانلىرىغا سەجدە قىلغان . سەجدە قىلىش بولسا تۈرداش ئىسىم ، بىراق مۇسۇلمانلارنىڭ سەجدە قىلىش ئۇسۇلى ھەممىگە تونۇلغان بولغاچقا ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ بولسا ھەربىر نەرسىنىڭ سەجدە قىلىش شەكلى دەپ ئويلايدۇ . "
[ جامىئۇل رىسالە ، 127 ]
ھەمدە ئۇ مۇنداق دىگەن :
" مەلۇمكى ، ھەربىر نەرسە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا بىنائەن سەجدە قىلىدۇ ، ھەمدە بۇ مەخلۇقاتلارنىڭ سەجدىسى پىشانىلىرىنى يەرگە قويۇش ئەمەس . "
[ فەتىۋالار توپلىمى ، 21 284 ]
بۇ سەجدە قىلىش بۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ئاللاھقا بويسۇنىدىغانلىقى ۋە تۆۋەنچىلىكى ھەمدەئۇلارنىڭ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارلىقى ، كاتتىلىقى ۋە پادىشاھلىقىغا ئەل بولغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ئىمام ئىبنۇ قەييىم مۇنداق دىگەن :
" بۇ بولسا تۆۋەنچىلىك، ئەل بولۇش ۋە باش ئىگىش سەجدىسى . چۈنكى ھەربىر نەرسە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارلىقىغا باش ئىگىدۇ ، ئۇنىڭ كاتتىلىقى ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا بويسۇنىدۇ . "
[ مەدارىجۇل سالىكىين ، 1071 ]
شۇنىڭدەك بۇ مەخلۇقاتلارنىڭ سەجدىسى ھەقىقى سەجدە بولۇپ ، ھەر بىر مەخلۇق ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا سەجدە قىلىدۇ . شۇڭا ئىنسان ئۆزىگە لايىق كىلىدىغان شەكىلدە ، ھەممىگە تونۇشلۇق شەكىلدە ، يەتتە ئەزاسى بىلەن سەجدە قىلىدۇ . قۇياش ئۆزىگە لايىق كىلىدىغان شەكىلدە سەجدە قىلىدۇ ، خۇددى ئەبۇ زەرنىڭ سەھىيھ ھەدىيسىدە تىلغا ئىلىنغاندەك ، ئۇ مۇنداق دىگەن : " قۇياش پاتقاندا ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئەبۇ زەرگە : سەن قۇياشنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ دىگەن . مەن :" ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ياخشى بىلىدۇ ." دىدىم . ئۇ : « ئۇ ئەرىشنىڭ( ئاللاھنىڭ تەختى) ئاستىغا سەجدە قىلغىلى كەتتى ، ئاندىن ئۇ كۆتۈرلۈشكە ئىجازەت سورايدۇ . بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ سەجدە قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ سەجدىسى قوبۇل بولمايدۇ ، ھەمدە ئۇ كۆتۈرلۈشكە ئىجازەت سورايدۇ ، ئۇنىڭغا ئىجازەت بىرىلمەيدۇ . ھەمدە ئۇنىڭغا : كەلگەن يېرىڭدىن قايتىپ كەل ! دىيلىدۇ ھەمدە ئۇ غەرىپتىن كۆتۈرلىدۇ . بۇ بولسا ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى : كىن بةلضعلةنضةن جايعغا قاراص سةير قعلعدذ، بذ، غالعب، هةممعنع بعلضىحع اللةنعث ظالدعنظالا بةلضعلعضةن ظعشعدذر . [ ياسىين: 38 ] "
[ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 3199 ]
شۇڭا ئۇ ھەقىقى مەنىدە ، قۇياشقا لايىق شەكىلدە سەجدە قىلىدۇ . بىراق ئەرىشنىڭ ئاستىدا ئاللاھقا قانداق سەجدە قىلىدۇ ؟ ئاللاھ بۇ سەجدىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ . ھەدىيسنىڭ ئاشكارا مەنىسى بۇسەجدىنىڭ مەنىسى نوقۇل ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ئۇ بولسا بويسۇنۇش ، تۆۋەنچىلىك قىلىش ھەمدە ھەقىقى مەنىدە سەجدە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئەل بولۇش ، بىراق بىز ئۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز . ئوخشاشلا دىيلىدۇكى ، ئاي ، دەرەخلەر ، ھايۋانلار ۋە باشقا بارلىق شەيئىلەر ئۆزىگە لايىق شەكىلدە سەجدە قىلىدۇ . مۇئىمىننىڭ قىلىشقا تىگىشلىكى بولسا بەزى شەيئىلەرنىڭ قانداق سەجدە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى ئۆزىنى بۇ سەجدىگە ئىشىنىشتىن توسۇماسلىقى كىرەك ، بەلكى ئۇ ئاللاھ باشقا شەيئىلەرنىڭ ئۆزىگە سەجدە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇنىڭغا ئېيىتقانلىرىغا ئىشىنىشى كىرەك .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى