سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

دادىسى ھاراق ئەكىلىشكە بۇيرۇسا دادىسىغا ئىتائەت قېلىشى توغرىمۇ؟

27281

تارقاتقان ۋاقىت : 21-11-2012

كۆرگۈچىلەر : 3669

سۇئال

دادام ھاراق ئىچىدۇ، ۋە مىنى ھاراق ئەكىلىپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇش قامدىغۇچىسى دادام بولغانلىقى ئۇچۇن مەن دادامغا ياق دېيەلمەيمەن، مەن دادام ئۈچۈن ھاراق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئەكىلىپ بەرگەنلىكىم سەبىدىن ھېساب ئېلىنىمەنمۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھقا ھەمدۇ - سانالار بولسۇن.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلارغا خەير-ئېھسان ۋە  ئىتائەت قىلىشىنى ۋاجىپ قىلدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى، سىلەر كېلىپ (ئاڭلاڭلار)، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر ئاللاھ قا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز، ئاشكارا ۋ ە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ (ناھەق) ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار، ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ سۈرە ئەنئام 151-ئايەت .

ئاللاھ تائالا ئاتا-ئانىنى قاخشىتىشنى ھارام قىلدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن سۈرە ئىسرا 23-ئايەت.

ئاتا-ئانا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ياكى گۇناھ -مەسىيەتكە بۇيرۇمىسا ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھقا گۇناھ ئىشلەش بەدىلىگە بەندىگە ئىتائەت قىلىش يوقتۇر.

ھاراق بولسا قۇرئان سۇننەت ۋ ە ئىجمادا ھاراملىقى تەكىتلەنگەن نەرسىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار. شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋ ە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟ سۈرە مائىدە 90-91- ئايەتلەر.

ھاراققا دائىر ئون خىل لەنەتنىڭ ئارىسىدا سېتىۋالغۇچىمۇ قەيت قىلىنغان. ئەنەس ئىبنى مالىكتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھاراق ياسىغۇچىغا، ياساتقۇچىغا، ئىچكۈچىگە، كۆتۈرگۈچىگە، كۆتۈرگۈزگۇچىگە، ساقىيغا، ساتقۇچىغا، ھاراق سېتىپ تۇرمۇش قامدىغۇچىغا، سېتىۋالغۇچىغا، سېتۋالغۇزغۇچىغا لەنەت قىلغان بۇ ھەدىسنى تىرمىزى 1259-ھەدىستە، ئىبنى ماجە 3381- ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئالبانى سەھىھ دەپ بېكىتكەن.

ئاخىرىدا سىزگە دەيدىغىنىمز شۇكى: سىزنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بەدىلىگە، بەندىگە ئىتائەت قىلىپ دادىڭىزغا ھاراق سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بېرىشىڭىز، دادىڭىزنىڭ سىزگە ئاچچىقلىنىشى ھەتتاكى سىزگە بەد دۇئا قىلىشىغا سەۋەپ بولسىمۇ دۇرۇس بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئىشلىرى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلاردىن بولۇپ، ئۇ قىلمىشى ئۈچۈن دۇنيا ۋ ە ئاخىرەتتە ئۆزى جاۋابكار بولىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ كىمىكى ئاللاھنىڭ رازىلىقى بەدىلىگە ئنسانلارنى خۇرسەن قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئىنسانلارغا تاشلاپ قويىدۇ، كىمكى ئىنسانلارنىڭ نارازى بولۇشىغا قارىماي ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىكەن، ئۇنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىغا ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھىببان سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئالبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى2311- ھەدىستە سەھىھ دەپ مۇقىملاشتۇرغان.

ئاللاھ تائالادىن دادىڭىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشىنى تىلەيمىز.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى