سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھەج دېگەن نېمە؟

سۇئال

پەرز ھەج ئىبادىتى دېگەن نېمە؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

پەرز ھەج بولسا: ئىسلام دىنىدىكى بەش ئاساسى پرىنسىپنىڭ بىرى بولۇپ، ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەرەم مەسچىتىدىكى كەبىنى مەقسەت قىلىپ سەپەرگە ئاتلىنىش، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ھەج پائالىيەتلىرىدە قىلغان ئىش - ھەركەت ۋە سۆزلەردىن تەركىپ تاپقان ئىبادەتتۇر. يەنى كەبە شەرىپنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىش، ساپا ۋە مەرۋىدىن ئىبارەت ئىككى ئارىلىقتا يەتتە قېتىم مېڭىش، ئەرەپاتتا تۇرۇش، مىنادىكى شەيتانغا تاش ئېتىش قاتارلىق ھەجنىڭ ئومۇمى پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىبادەتتۇر.

ھەجدە ئىنسانلار ئۈچۈن كاتتا مەنپەئەت، تەلىم-تەربىيە، ھاجىلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۈيۈك رەھمەت ۋە مەغپىرىتى، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۆز ئارا تونۇشۇش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئاللاھنىڭ بۈيۈكلىكىنى نامايەندە قىلىدىغان بىر پائالىيەتتۇر.

ئى يىگىت! سىز يېشىڭىزنىڭ كىچىك بولىشى، تۇرغان ئورنىڭىزنىڭ يىراق بولىشىغا قارىماي، ھەجگە كۆڭۈل بۆلۈپ بۇ سوئالنى سوراپسىز، سىزگە كوپ رەھمەت، ئاللاھدىن سىزنى ئۆزىنىڭ مۇبارەك ئۆيى بولغان ھەرەمگە يەتكۈزۈپ ھەجدىن ئىبارەت بۇ پەرزنى ئادا قىلىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىنى سورايمىز .

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد