شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەج تارىخىغا دائىر ئەھكاملار

30897

تارقاتقان ۋاقىت : 13-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 4386

سۇئال

ھەجنىڭ تارىخى ۋە ھەج پائالىيەتلىرى ئىلىپ بارىدىغان ئورۇنلاردىن مەلۇمات بىرىشىڭلارنى سورايمەن؟ مۇسۇلمانلارنىڭ ساپا–مەرۋە ئارىسىدا مېڭىشى ھاجەر ئانىمىزنىڭ قىلغان ئىشى ئىكەن، ئەمما باشقا پائالىيەت ئەھۋالىنى بىلمەيمەن، ماڭا شەيتانغا تاش ئېتىش،تاۋاپ قىلىش، ئەرەپاتتا تۇرۇش، زەمزەم ئېچىش، مىنا –مۇزدەلىپىلەردە قونۇش ۋە قۇربانلىق قىلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار؟ بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
ئىسلام ئۈممىتىدىن ئىلگىرى–كىيىنكى بارلىق ئالىملارنىڭ بىرلىككە كىلىشى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا ساھابىلار رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ مۇقەررەرلەشتۇرۇشى بىلەن ئاللاھنىڭ بەيتىگە كىلىپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ دىنى پائالىيەت ئىسلامدىكى بەش ئاساسنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كەسكىن تەكىتلىدى.
ھەج قىلىشمۇ باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىگە خاس ئەمەللەر بىلەن ئادا قىلىنىدۇ، ھەر بىر ئەمەلنى شەرىئەت كۆرسەتكەن پرىنسىپ بىلەن ئادا قىلىش ۋاجىب بولىدۇ، بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرامغا كېرىش، كەبىنى تاۋاپ قىلىش، ساپا–مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش، ئەرەپاتتا تۇرۇش، مىنا –مۇزدەلىپىلەردە قونۇش، شەيتانغا تاش ئېتىش، قۇربانلىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق ھالەتتە ئادا قىلىش تەقەززا قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەج قىلىش ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بىرىدىغان ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئىمام ئىبنى قەييۇم"زادۇل مەئاد" ناملىق ئەسىرىدە، ئىبنى كەسىر "ئەلبىدايە ۋەننىھايە" ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى توپلاپ، ھەج ئەھكاملىرىنى تولۇق بايان قىلغان، ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ ئەھكاملارنى بىلىپ ئەمەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
ھەج قىلىشتىكى ئاساسى مەقسەت ئاللاھنىڭ زىكرىنى تۇرغۇزۇش بولۇپ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن:« پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرەمدا (يەنى مۇزدەلىفەدە) اﷲ نى ياد ئېتىڭلار، اﷲ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھ ئىدىڭلار (يەنى اﷲ سىلەرنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى گۇمراھلار قاتارىدا ئىدىڭلار) (١٩٨) ئاندىن كېيىن، سىلەر (ئەرەفاتتىن) كىشىلەر قايتقان جاي بىلەن قايتىڭلار، اﷲ تىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر (١٩٩) سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، اﷲ نى بولسا ئاتا - بوۋاڭلارنى (پەخىرلىنىپ) ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار، بەزى كىشىلەر: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچ نېسىۋە يوقتۇر (٢٠٠) بەزى كىشىلەر: پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن دەيدۇ (٢٠١) ئەنە شۇلار ئۆزلىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مول مېۋىسىنى كۆرىدۇ. اﷲ نىڭ ھېساب ئېلىشى تېزدۇر (يەنى شۇنچە كۆپ خالايىقتىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھېساب ئېلىپ بولىدۇ) (٢٠٢)ساناقلىق كۈنلەردە (يەنى تەشرىق كۈنلىرىدە) اﷲ نى ياد ئېتىڭلار (يەنى نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار)، (مىنادىن) ئالدىراپ ئىككى كۈندە قايتقان ئادەمگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، تەخىر قىلىپ قايتقان ئادەمگىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (يۇقىرىقى ئەھكاملار) تەقۋادارلىق قىلىپ (ھەجنى تولۇق ئادا قىلماقچى بولغان) ئادەم ئۈچۈندۇر. اﷲ تىن قورقۇڭلار؛ بىلىڭلاركى، سىلەر ھېساب ئۈچۈن اﷲ نىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر (٢٠٣)» (سۈرە بەقەرە 198-203 -ئايەتكىچە).
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ھەقىقەتەن كەبىنى تاۋاپ قىلىش، ساپا–مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش، شەيتانغا تاش ئېتىش قاتارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ زىكرىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن قىلىندى دېيىلگەن.
مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنىدەك ھەج پائالىيەت ئورۇنلىرىنى ئۇلۇغلىشى كېرەك، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ئىش مانا شۇنداق، كىمىكى دىنى ئىشلارنى(جۈملىدىن ھەجنىڭ ئەمەللىرىنى، قۇربانلىقلارنى)ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر ھەج سۈرىسى 32— ئايەت. بۇخارىي رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەجەر ئەسۋەد (كەبەنىڭ بۇرجىكىدىكى قارا تاش) گە قاراپ: "مەن سىنىڭ ھېچكىمگە پايدا–زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بىر تاش ئىكەنلىگىڭنى بىلىمەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىنى سۆيگەنلىكىنى كۆرمىگەن بولسام مەنمۇ سۆيمەيتتىم"دىگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
ئىبنى جەۋزىي –رەھىمەھۇللاھ- ھەج ئەمەللىرىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا سۆزلەنگەن مۇقەددەس ئورۇن ۋە مۇبارەك نەرسىلەرنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئەھكاملىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭ شەكلىنى كۆرۈپ سەۋەبىنى بىلمىگەنلەر بۇنىڭ نېمە ئەھمىيتى بار دەيدۇ؟، بۇنىڭ سەۋەبلىرى سەھىھ ھەدىسلەردە تولۇق بايان قىلىنغان، مۇشۇ ھەقتىكى بەزەن قۇرۇلمىلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن:
ئىبادەتنىڭ ئەسلى قۇرۇلمىسى ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئۇ بەندىنىڭ ئۆز ئىگىسى ئالدىدا خارلىقىنى ئىپادە قىلىشىدۇر، نامازدىمۇ ئىبادەتتىن چۈشەنچە بېرىدىغان ئۆزىنى تۆۋەن ۋە خار ھالەتتە ئىپادىلەش كۆرىلىدۇ، زاكاتتا بولسا ئۆز–ئارا كۆيۈمچانلىق ۋە مېھرىبانلىق ئىپادىلىنىدۇ، روزا تۇتۇشتا بولسا ئۆز ياراتقۇچىسىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن نەپسىنىڭ شەھۋىتىنى سۇندۇرۇپ بويسۇندۇرغانلىق نامايەندە بولىدۇ. بەيتۇللاھنىڭ ھۆرمەتلىك قىلىنىشى، ئەتراپىنىڭ ئالاھىدە چەكلەنگەن كاتتا ئورۇن قىلىنىشى، كىشىلەر توپا–چاڭغا مىلەنگەن ھالەتتە يۈزلىنىشى قۇلنىڭ خوجايىنى ئالدىغا خار ھالەتتە كەلگەنلىگىنى بىلدۈرىدۈ، ئىنساننىڭ نەپسى ماھىيىتىنى چۈشۈشۈپ ئىشلىگەن ئىبادەتگە مايىل بولىدۇ، تەبىئىتى ئۇنى دائىم قىلىشقا ئۇندەيدۇ. ساپا–مەرۋە ئارىسىدا ماڭغاندەك ھاياتتا ئاللاھقا تولۇق بويسۇنىشى ئىپادىلىنىدۇ، بۇنىڭ مەنىسىنى ئەقىل بىلەلمەيدۇ. ئىنسان ئۈچۈن ھېكمىتى يوشۇرۇلغان ئىبادەتلەرنى قىلىشقا تۈرۈتكە بولىدىغان بىردىن–بىر نەرسە پەقەت ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، مۇشۇ چۈشەندۈرۈش بىلەن ئىبادەتتە غۇۋا بولۇپ قالغان سىرلارنى بىلىش مۇمكىن".
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىدىن ئىلگىرىكى، ھەج پائالىيەت تارىخلىرىنىڭ كۆپ قىسمى بىزگە مەلۇم ئەمەس، بۇ ئىشلارنى بىلمەسلىكنىڭ ھېچ زېيىنى يوق، بۇنىڭ بەزىلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدىكى مەلۇماتلار سۆزلەنگەن بولۇپ بۇنىڭدىن بەزىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز:
1– ھەج قاچان پەرىز قىلىنغان ياكى ھەج ئەمەللىرى قاچان باشلانغان؟.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا(ئۇلارنى)ھەجگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن، ئۇلار پىيادە ۋە ئورۇق تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىدۇ، ئورۇق تۆگىلەر يىراق يوللارنى بېسىپ كېلىدۇ( ھەج سۈرىسى 27ئايەت).
ئىبنى كەسىر (3221) يۇقىرىقى ئايەتنى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " ئى ئىبراھىم! كىشىلەرنى بىز سىنى ياساشقا بۇيرىغان بۇ بەيتۇللاھغا كىلىپ ھەج قىلىشقا چاقىرغىن دىگەندە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ئى رەببىم مېنىڭ ئاۋازىم ھەممە كىشىلەرگە يەتمەيدىغان تۇرسا، مەن ئۇلارغا قانداق يەتكۈزىمەن؟دېدى، ئاللاھ تائالا: سەن چاقىرغىن! ئۇلارغا بىز يەتكۈزىمىز دېدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام (ھازىرقى ئاياق ئېزى بار جايدا ياكى ھىجىرنىڭ ئىچىدە— كەبىنىڭ يىنىدىكى ئاق تامنىڭ ئېچى– ياكى ساپا تېغى ياتى ئەبى قۇبەيس تىغىدا، بۇ ھەقتىكى قاراشلار بىردەك ئەمەس) مۇنداق دېدى: ئى خالايىقلار! سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار زېمىندا بىر ئوي بىنا قىلدى، بۇيەرگە كىلىپ ھەج قىلىڭلار!، بىر رىۋايەتتە تاغلار پەسىيىپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازى زېمىننىڭ ھەممە تەرىپىگە ئاڭلاندى، بۇ ئاۋازنى ئاتىنىڭ سۇلبىدىكى، ئانىنىڭ رەھمىدىكى ھەممە يارىتىلغۇچى ئاڭلىدى، بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان تاش، چالما ۋە داڭگاللارمۇ جاۋاپ قايتۇردى، قىيامەت كۈنىگىچە ھەج قىلىشى يىزىلغان كىشىلەر لەببەيكە ئاللاھۇممە لەببەيكە دەپ تەلبىيە ئېيتتى. بۇ رىۋايەتنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇجاھىد، ئىكرەمە، سەئىد ئىبنى جۇبەير ۋە باشقا نۇرغۇن ئالىملار نەقىل قىلغان".
ئىبنى جەۋزىي رەھىمەھۇللاھمۇ ئۆزىنىڭ مۇسىيرۇل ئەلئەزمۇس ساكىن ناملىق ئەسىرىدىمۇ يۇقىرىقى رىۋايەتنىڭ ئوخشىشىنى نەقىل قىلغان.
بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىسىدىن بۇرۇنقى ھەج پائالىيەت تارىخلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئەمما ئىسلامدا ھەجنىڭ قاچان پەرىز قىلىنغانلىغى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق، بەزەن ئالىملارنىڭ ھەجنى ھىجىريەنىڭ 6– يىلى، 7– يىلى، 9– يىلى ۋە 10– يىلى پەرز قىلىندى دېگەن قاراشلىرى بار. ئىبنى قەييۇم "زادۇل مەئاد" ناملىق ئەسىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كىلىپ بىر قېتىم خوشلۇشۇش ھەججىنى قىلغانلىقىدا ۋە ھەجنىڭ ھىجىريەنىڭ 10– يىلى پەرىز قىلىنغانلىقىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، ھەجنىڭ پەرزلىكى توغرىسىدا ئايەتلەر نازىل بولغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچ كىچىكتۈرمەستىن پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىرىدى.
سىلەرنىڭ ھەجنىڭ پەرزلىكى ھەققىدىكى ئايەت كىچىكىپ ھىجىريەنىڭ 9– يىلى ياكى 10– يىلىدا نازىل بولغان دەپ مۇقەررەرلەشتۇرۇشۇڭلارنىڭ نېمە ئاساسى بار؟ دېيىلگەندە، بۇنىڭغامۇنداق جاۋاپ بېرىلگەن: "ئالە ئىمران سۈرىسى (ئامىل ۋۇپۇد) ئەلچىلەر يېلى چۈشكەن(بۇ ھىجىريەنىڭ 10– يىلى ھېسابلىنىدۇ)، بۇ يىلدا نەجراندىن ئەلچىلەر ئۆمىگى كىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جىزيە تۆلەشكە سۈلھى قىلىشقان، جىزيە ھەققىدىكى ئايەت ئالە ئىمران سۈرىسىنىڭ ئەۋۋىلىدە بولۇپ ھىجرىيەنىڭ 9– يىلى نازىل بولغان".
ئىمام قۇرتۇبىي ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە(2492) "ھەج پائالىيەتلىرى ئەرەپلەرنىڭ ئارىسىدىكى مەشھۇر ئىشلاردىن ئىدى، ئىسلام دىنى ئۇلارغا ئۆزى بىلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان ئىشلار بىلەن خىتاپ قىلدى" دەپ بايان قىلىدۇ.
2– كەبىنى تاۋاپ قىلىش.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا ئۆيۈمنى( يەنى كەئبەمنى) تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇشنى بۇيرىدۇق. بۇ ئايەت كەبىنى تاۋاپ قىلىشنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام زامانىدىمۇ بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
3– ئەۋۋەلقى ئۆچ قېتىملىق تاۋاپتا تىز مېڭىش.
ئەۋۋەلقى ئۆچ قېتىملىق تاۋاپتا تىز مېڭىش ئەرلەر ئۈچۈن سۈننەت بولۇپ مەككىگە يېتىپ كىلىپ تۈنچى قىلغان تاۋاپتا قىلىنىدۇ، ئاياللار نورمال ماڭىدۇ.
ئەۋۋەلقى ئۆچ قېتىملىق تاۋاپتا تىز مېڭىشنىڭ باشلىنىىش سەۋەبى قانداق؟.
مۇسلىم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلار بىلەن ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كەلگەندە، مەككە مۇشرىكلىرى: يەسرەب(مەدىنە)نىڭ تەپ-قىزىتمىلىرى ئاجىزلاشتۇرىۋەتكەن كىشىلەر كىلىدۇ دەپ زاڭلىق قىلىشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى تاۋاپنىڭ ئەۋۋەلقى 3 قېتىملىق ئايلىنىشىدا تىز–تىز مېڭىشقا بۇيرىغان. يەنە بىر رىۋايەتتە: مۇشرىكلارغا باتۇرلىقىڭلارنى كۆرسۈتۈش ئۈچۈن تىز–تىز مېڭىڭلار دېگەن دېيىلىدۇ.
4– زەمزەم سۈيى ئېچىش.
بۇخارىي ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقلى قىلغان ھەدىستە: «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى ھەجەر بىلەن ئوغلى ئىسمائىلنى —ئىمىۋاتقان ۋاختىدا– ئىلىپ كىلىپ بەيتۇللاھنىڭ ياسىلىشتىن بۇرۇنقى ئورنى مەسچىتنىڭ ئۈستۈن تەرەپىدىكى زەمزەم قۇدىقىنىڭ ئۈستىدە قويۇپ قويدى، بۇ ۋاقىتتا مەككىدە ھېچ قانداق بىر كىشى ۋە سۇمۇ يوق ئىدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىككەيلەننى بۇ يەردە يىنىدا بىر تۇلۇم خورما ۋە بىر تۇلۇم سۇ بىلەن قويۇپ كىتىشكە تەمشەلگەندە، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى كەينىدىن ئەگىشىپ: ئى ئىبراھىم! بىزنى ئىنسى–جىن ۋە ھېچ نەرسە يوق بۇ جىلغىدا يالغۇز تاشلاپ كىتەمسەن دېگەن سۆزنى قايتا–قايتا تەكرالايدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي كىتىۋىرىدۇ. ئاخىرىدا ھاجەر: ئاللاھ سىنى مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟ دەيدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ھە-ئە، ئاللاھ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىدى دەپ كىتىۋىرىدۇ. ھاجەر: ئۇنداق بولسا بىز خاتىرجەم بولىمىز دەپ كەينىگە قايتىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دۆڭنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ ئۇلار كۆرۈنمىگەندىن كىيىن بەيتۇللاھ تەرەپكە يۈزلىنىپ قولىنى كۆتۈرۈپ بۇ دۇئالارنى ئوقىدى: پەرۋەردىگارىمىز! ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسىمىنى (يەنى بالام ئىسمائىل بىلەن ئايالىم ھاجەرنى) ناماز ئوقۇسۇن (يەنى ساڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ) سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز بىر ۋادىغا (يەنى مەككىگە) ئورۇنلاشتۇردۇم، پەرۋەردىگارىمىز! بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگىن ھەج سۈرىسى 37–ئايەت.
ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى ئېمىتىپ، سۇدىن ئېچىپ، خورمىدىن يەپ تۇردى، ئېچىدىغان سۇ تۈگەپ ئۇسسۇزلۇق چىكىگە يەتكەندە ئوغلى ئۇسسۇزلىقتىن تولغىنىشقا باشلىدى، ئانىسى بۇنى كۆرۈشكە تاقەت قىلالماي تۇرغان يىرىگە يېقىن بولغان ساپا تېغىغا قاراپ سۇ ئىزدەپ يۈگۈردى، ئۇيەردە سۇ بولمىغاندىن كىيىن بىرەر كىشى ئۇچراپ قالارمىكىن دەپ جىلغىغا قارىدى ،ئۇ يەردىمۇ ھېچ كىشى بولمىغاندىن كېيىن ساپا دىن چۈشۈپ جىلغىدىن كۆينىگىنى قىستۇرۇپ يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ مەرۋىگە كەلدى، بىرەر كىشى ئۇچراپ قالارمىكىن دەپ ئەتراپقا قاراپ ھېچ كىشىنى ئۇچراتمىدى، بۇ ئەھۋاللار ساپا–مەرۋە ئارىسىدا يەتتە قېتىم تەكرالاندى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇ ئىككى ئارىلىقتا يەتتە قېتىم مېڭىش ھازىر ئىنسانلارنىڭ قىلىدىغان سەئيىسى شۇ دېدى. ھاجەر ئاخىرقى قېتىم مەرۋىگە كەلگەندە بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۆزىگە–ئۆزى: چوقۇم سىنىڭ يىنىڭغا بىر قۇتقازغۇچى كەلدى دەپ پىچىرلىدى، شۇ ۋاقىتتا زەمزەم قۇدىغىنىڭ يىنىدا بىر پەرىشتە تۇراتتى، ئۇ قانىتى بىلەن يەرنى سۇ چىققۇنچە قەدەر كولىدى، ئۇ يەردىن زەمزەم چىقتى. ھاجەر ئەتراپنى كۆل قىلىپ توسۇپ سۇنى ئۇۋۇچلاپ تۇلۇمقا ئېلىشقا باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىغا رەھمەت قىلسۇن! ئەگەر ئۇ زەمزەمنى ئۇۋۇچلاپ توسىۋالماستىن ئۆز يولى بىلەن ئاققىلى قويغان بولسا ئېدى، ھازىردا زەمزەم بۇلدۇقلاپ تۇرىدىغان بۇلاق بولاتتى دېدى. پەرىشتە ھاجەرگە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى كۆرسۈتۈپ: خاتىرجەم بولغىن، بۇ يەرگە مۇشۇ ئوغۇل ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى ئاللاھنىڭ بەيتىنى بىنا قىلىدۇ ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھلىنى زايا قىلىۋەتمەيدۇ دېدى.
5– ئەرەپاتتا تۇرۇش.
ئەبۇ داۋۇد يەزىد ئىبنى شەيباندىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: بىز ئەرەپاتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈشكەن ئورۇندىن يىراقراق بىر جايغا چۈشكەنتۇق، بىزنىڭ يىنىمىزغا ئىبنى مۇرەببى ئەنسارىي كىلىپ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن خەۋەرچىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلەرگە: ئۆز ئورنۇڭلاردا تۇرۇڭلار، سىلەر ئاتاڭلار ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ ئىزىدىن كىتىۋاتىسىلەر دەيدۇ دېدى.
ھەج ئەمەللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ بولغان، لېكىن مۇشرىكلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام يولغا قويمىغان ئىشلارنىمۇ پائالىيەت قاتارىغا كىرگۈزىۋالغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كىيىن، ھەج ئەمەللىرىنىڭ ئەسلىنىى بايان قىلىپ كىيىن قىتىۋىلىنغانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
بۇ ھەجنىڭ ۋە بەزەن مۇقەددەس ئورۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، بۇنىدىن ئارتۇقچە مەلۇمات كېرەك بولسا ئىبنى جەۋزىينىڭ مۇسىيرۇل ئەلئەزمۇس ساكىن ئىلا ئەشرەپىل ئەماكىن ناملىق ئەسىرىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى توملىرىغا مۇرا جىئەت قىلنسۇن.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى