سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادەتلىرىدە ئاغزاكى نىيەت قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

ئەسلىدە ئىبادەتتە ئاغزاكى نىيەت قىلىش بىدئەت، ئەمما ھەج-ئۆمرىدە ئاغزاكى نىيەت قىلىشتىكى ھېكمەت نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

نىيەتنىڭ ئورنى قەلب بولۇپ، ئۇنى ئاغزاكى دېيىش بىدئەتتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرىنىڭ ھېچ بىرىدىن ھەرقانداق بىر ئىبادەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئاغزاكى نىيەت قىلغانلىقى توغرىسىدا ئىشەنچىلىك دەلىل يوق. ھەج-ئۆمرىدە تەلبىيە ئېيتقانلىق نىيەت قىلغانلىق بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىبادەتتە نىيەتنى ئاغزاكى قىلىش بىدئەتتۇر، ئاشكارا-ئۈنلۈك دېيىشنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر. شۈبھىسىزكى، سۈننەتتە كۆرسىتىلگەن نىيەت قىلىش، قەلب بىلەن بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئاشكارا-يوشۇرۇن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلگۈچىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ أَتُعَلِّمُونَ اللَّـهَ بِدِينِكُمْ وَاللَّـهُ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَاللَّـهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ تەرجىمىسى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئاللاھقا دىنىڭلارنى (يەنى دىنىڭلارنى دىلىڭلارنىڭ تەستىق قىلغانلىقىنى) خەۋەر قىلامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكىنى ۋە زېمىندىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. [سۈرە ھۇجۇرات 16-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابە كىراملار، شۇنداقلا، ھەق يولدىكى پىشىۋالارنىڭ ھېچ بىرىدىن ھەرقانداق ئىبادەتنى ئاغزاكى نىيەت قىلغانلىق توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس ياكى ئەسەر بايان قىلىنمىغان. بۇنىڭدىن شۇ بىلىنىدۇكى، ئاغزاكى نىيەت قىلىش شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان بەلكى ئۇ ئىبادەتتە يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر". ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. [ئىسلامى پەتىۋالار 2-توم 315-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نامازدا ياكى تاھارەتتە بولسۇن، روزىدا ياكى ئۇنىڭدىن باشقا پەزىلەتلىك ئەمەللەر ۋە ئىبادەتلەردە بولسۇن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاغزاكى نىيەت قىلغانلىقى توغرىسىدا دەلىل بايان قىلىنمىدى. ھەتتا ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادەتلىرىدىمۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەج-ئۆمرىنى مەقسەت قىلغان ۋاقىتتا ئى ئاللاھ! مەن مۇنداق-مۇنداق پائالىيەتنى نىيەت قىلىمەن دېگەنلىكى بايان قىلىنمىغان ۋە ساھابىلاردىن بىرەر كىشىنىمۇ شۇنداق دىيىشكە بۇيرۇمىغان. ئەمما دەبائە بىنتى زۇبەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ۋەقەلىكىدە بايان قىلىنغىنى، ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئەمما كېسەللىك سەۋەبىدىن قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: سىز قەيەردە كېسەللىك ۋە باشقا سەۋەبلەردىنسەپەرنى داۋاملاشتۇرۇشتىن توسۇلۇپ قالسام شۇ يەر مېنىڭ ئىھرامدىن چىقىدىغان ئورنۇم دېگەننى شەرت قىلىپ ھەج قىلىڭ، سىز شەرت قىلغان ئىش ئاللاھ تائالاغا بولىدۇ، دېگەن. بۇ سۆزنىڭ بۇ يەردە ئاغزاكى دېيىلىشىدىكى سەۋەب، چۈنكى ھەج قىلىشقا ئەھدە قىلىش نەزىرنىڭ ئورنىدا بولۇپ، نەزىرىمۇ ئاغزاكى دېيىلگەندىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئەگەر ئىنسان نەزىر قىلىشنى ئاغزاكى دېمەي دىلىدا مەقسەت قىلسا، بۇ نەزىر كۈچكە ئىگە قىلىنمايدۇ ۋە ئېتىبارسىز بولىدۇ. ھەجمۇ باشلىنىشتا ۋە شەرتلىرىگە رېئايە قىلىشتا نەزىرگە ئوخشاش بولغاچقا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا ئاغزاكى چۈشەندۈرۈپ شەرت بىلەن ئېھرام باغلاشقا بۇيرىدى ۋە: قەيەردە كېسەللىك ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇشتىن توسۇلۇپ قالسام، شۇ يەرمېنىڭ ئىھرامدىن چىقىدىغان ئورنۇم، دەڭ دېدى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: شۈبھىسىزكى، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، بۇ مۇبارەك جىلغىدا ناماز ئوقۇغىن، ۋە ھەجدە ئۆمرە قىلىمەن ياكى ھەج-ئۆمرە قىلىمەن، دېگىن دېدى. بۇ ھەدىستىنمۇ نىيەتنى ئاغزاكى قىلىش دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ. لېكىن تەلبىيە ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ قىلىدىغان ئىبادەت تۈرىنى زىكىر قىلىدۇ دېگەنلىك ئىپادىلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاغزاكى نىيەت قىلمىغان (يەنى ئېھرامغا كىرگەندە، نىيەت قىلدىم ھەج ياكى ئۆمرە قىلىمەن دەپ ئاغزاكى نىيەت قىلمىغان)". [ئىسلام پەتىۋالىرى2-توم 216-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى