پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

نامرات كىشى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە پىتىر سەدىقىسى ۋاجىپ بولامدۇ؟

سۇئال

بىر نامرات كىشىنىڭ ئائىلىسىدە ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلىرى بولۇپ، روزا ھېيت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە پەقەت ئۈچ كىلو ئەتراپىدىلا يېمەكلىك بولسا، ئۇلار ئائىلىدىن قايسى كىشى ئۈچۈن پىتىر سەدىقىسى بېرىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.  

    ئەگەر ئەھۋال سوئالدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئائىلىسىدىكى يېمەكلىك ئۇلارنىڭ ھېيت كۈنىدە ئىستىمال قىلىشىدىن ئېشىپ قالسا، ئۇ كىشى ئاشقاندىن ئۆزى ئۈچۈن پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئالدى بىلەن ئۆزەڭدىن باشلا، ئاندىن ئائىلەڭدىكىلەردىن باشلا. [بۇخارى رىۋايىتى 2/117، 6/190-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2/718-721 -1034- 1036 - 1042نومۇرلۇق ھەدىسلەر].

    ئەمما سوئال سورىغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكى كىشىلەرگە كەلسەك، ئۆيىدە ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن بېرىدىغان بىر نەرسە بولمىسا، پىتىر زاكىتى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ساقىت بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  لَا يُكَلِّفُ اللَّـهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا  تەرجىمىسى: ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سەدىقە كىشىنىڭ  ئۆز ھاجىتىدىن ئاشقاندىن كېيىن بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 2/117، 6/190-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2/717، 1034-نومۇرلۇق ھەدىسلەر].

     يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام ئۇنى كۈچىڭلارنىڭ يېتىشچە ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئاللاھ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر