سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ناماز ئىچىدە رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش

33624

تارقاتقان ۋاقىت : 15-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 5558

سۇئال

بەزى چاغدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا خاتالىشىپ، ئۆزەمنىڭ نەچچە رەكئەت ناماز ئوقۇغانلىقىمنىمۇ بىلەلمەي قالىمەن. بۇنداق چاغلاردا نامازنى توختىتىپ قايتا ئوقۇشۇم كېرەكمۇ، ياكى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇۋېرىشىم كېرەكمۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر. شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل ئۇسەيمىندىن يۇقارقى سوئال سورالغاندا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
توغرا بولغان قاراشقا ئاساسلانغاندا خاتالىشىش بىلەن ئۇنىڭ نامىزى بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ. كىشىلەر دائىم ئىختىيارسىزلا نامىزىدىن شەكلىنىپ قالىدۇ. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە نامازدا شەكلىنىپ قېلىشقا دائىر شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. شەك ئىككى خىل بولىدۇ:
بىرىنچى:قانچە رەكئەت ئوقۇغىنىنى بىلەلمەي قېلىش، لېكىن كۆڭلىدە مەلۇم بىر سانغا مايىل بولۇش. بۇنداق ئەھۋالدا شەكلەنگۈچى ئۆزى مايىل بولغان رەكئەت سانىنى مۇقىملاشتۇرۇپ نامىزىنى ئادا قىلىدۇ.
سالام بېرىپ نامازدىن چىققاندىن كېيىن ئىككى سەجدە قىلىش بىلەن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ.
ئىككىنچى: قانچە رەكئەت ئوقۇغىنىنى بىلەلمەي قېلىش، لېكىن كۆڭلىدە ھېچقايسى بىر سانغا مايىل بولماسلىق. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزى ئىشەنچ قىلغان ئاز ساندىكى رەكئەت سانىنى ئاساس قىلىپ نامىزىنى ئادا قىلىدۇ. چۈنكى بۇنى چوقۇم ئوقۇغان، بۇنىڭدىن كۆپىگە ئىشەنچ قىلالمايدۇ. ئاندىن سالام بېرىشتىن ئىلگىرى ئىككى قېتىم سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىپ ئاندىن نامازدىن چىقىدۇ.

مەنبە: www.islamqa.com