سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھامىلدار ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى ئەۋزەلمۇ ياكى تۇتمىغىنىمۇ؟

سۇئال

ھامىلدار ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى ئەۋزەلمۇ ياكى تۇتمىغىنىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ھامىلدار ئايالمۇ باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلغاندۇر. ئەمما ھامىلدار ئايال ئۆزى ۋە قورساقتىكى تۆرەلمىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىسە روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ: وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍتەرجىمىسى: روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم دېگەن ئايىتىنى چۇشەندۇرۇپ «گەرچە روزا تۇتۇشقا قادىر بولالىسىمۇ ياشانغان بوۋاي-مومايلارغا روزا تۇتماستىن ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر مىسكىنگە تويغۇدەك يېمەك بېرىشكە رۇخسەت قېلىنغان. بالا ئېمىتكۈچى ياكى ھامىلدار ئايال بالىنىڭ ياكى تۆرەلمىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىسە، ئۇلارغىمۇ روزا تۇتماي ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرىشكە رۇخسەت قېلىنغان.» [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى2317-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى "ئىرۋائۇل غەلىل" ناملىق ئەسەردە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ھامىلدار ئايال ئۈچۈن روزا تۇتماسلىق بەزى ۋاقىتتا دۇرۇس بولسا، بەزى ۋاقىتتا پەرز بولىدۇ، يەنە بەزى ۋاقىتتا ئۇ ئايالنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلىنىدۇ.

ھامىلدار ئايال ئۈچۈن روزا تۇتۇش قېيىن كەلسە، روزىنىڭ تۆرەلمىنىڭ سالامەتلىكىگە ھېچقانداق سەلبىي تەسىرى بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇ ئايال روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ.

روزا تۇتۇش بىلەن ئۆزى ۋە تۆرەلمىگە مۇشەققەت بولىدىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇ ئايالنىڭ روزا تۇتماسلىقى پەرز بولىدۇ.

ئەمما روزا تۇتسا ئۆزى ۋە تۆرەلمىنىڭ سالامەتلىكىگە ھېچقانداق زېيىنى بولمىغان شارائىت ئاستىدا روزا تۇتماسلىقى جايىز ئەمەس.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھامىلدار ئايال ئىككى خىل ھالەتتە بولىدۇ:

بىرىنچى: روزا تۇتسا ئۆزى ۋە تۆرەلمىگە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدىغان بەدىنى كۈچلۈك ۋە جۇشقۇن ئايال بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا مەزكۇر ئايالنىڭ روزا تۇتۇشى پەرز بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئايال ئۈچۈن رامىزان روزىسىنى تۇتماسلىققا ھېچقانداق سەۋەپ يوق.

ئىككىنچى: ئايال كىشى ھامىلدار ۋاقتىدا ھامىلىنىڭ ئېغىرلىقى، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىسا، ئەگەر بۇنداق ھالەتتە روزا تۇتسا تۆرەلمىگە تەسىرى بولىدىغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ روزا تۇتماسلىقى ۋاجىپ بولىدۇ".[ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالىرى 1-توم 487-بەت].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھامىلدار ئايال بىلەن بالا ئېمىتكۈچى ئايالنىڭ ھۆكمى روزا تۇتۇش ياكى تۇتماسلىقتا كېسەلنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارغا روزا تۇتۇش قېيىن بولسا، كېسەلگە ئوخشاش ئېغىز ئىچىپ كېيىن روزا تۇتۇشقا قادىر بولالىغان ۋاقىتتا تۇتالمىغان كۈنىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ.

بەزى ئالىملار ھامىلدار ئايال بىلەن بالا ئېمىتكۈچى ئايال تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن ھەر كۈنلۈككە بىر مىسكىنگە تائام بەرسەقازاسىنى تۇتمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن بۇھۆكۈم ئاجىزدۈر. توغرىسى ئۇلارمۇ مۇساپىر ۋە كېسەلگە ئوخشاش تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى، روزا تۇتۇشقا قادىر بولالىغان ۋاقىتتا تۇتىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَتەرجىمىسى:سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. [سۈرە بەقەرە 184-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

بۇ توغرىدا يەنە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا مۇساپىرنىڭ ئېغىز ئىچىشىغا رۇخسەت قىلدى ۋە نامازنىڭ يېرىمىنى يەڭگىللەتتى. ھامىلدار ئايال بىلەن بالا ئېمىتكۈچى ئايالنىڭ ئېغىز ئېچىشىغا رۇخسەت قىلدى.» [نەسائىي، تىرمىزىي، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، ئەھمەد رىۋايىتى]. "ئىسلام ئاساسلىرىغا ئالاقىدار بولغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى قېرىنداشلارغا ھەدىيە" ناملىق ئەسەرنىڭ 171-بېتىگە قارالسۇن].

ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى