سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھەجنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

سۇئال

تولۇق ئادا قىلىنغان ھەج ئىبادىتى بىلەن چوڭ گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قېلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمكى ھەج پائالىيىتى جەريانىدا يامان سۆز ۋە گۇناھ ئىشلاردىن ساقلانسا، ئۇ خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك گۇناھلاردىن پاك ھالەتتە قايتىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 1521-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1350-ھەدىس].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قېلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۆمرە ئىبادىتى يەنە بىر ئۆمرە پائالىيىتىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ. قوبۇل بولغان پەرز ھەجنىڭ مۇكاپىتى جەننەتتۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 1773-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1349-ھەدىس].

ھەج ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئەمەللەر گۇناھ-مەسىيەتلەرنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بولۇپ، بەندە بۇ ئەمەللەرنى شەرىئەت بەلگىلىمىسىگە مۇۋاپىق ئادا قىلسا خاتالىقلىرى كەچۈرۈم قېلىنىدۇ.

كۆپچىلىك ئالىملار ياخشى ئەمەللەر بىلەن كېچىك گۇناھلار كەچۈرۈم قېلىنىدۇ، ئەمما چوڭ گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن مەزكۇر قىلمىشقا سەمىمى تەۋبە قېلىش كېرەك بولىدۇ دەپ قاراپ، بۇ قاراشنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس بىلەن دەلىللەيدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغاندا، بەش ۋاقىت ناماز، جۈمە يەنە بىر جۈمەگىچە، رامىزان يەنە بىر رامىزانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كىچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى].

ئىمام ئىبنى مۇنزىر ۋە باشقا بىر بۆلۈك ئالىملار، يۇقىرىقى ئىككى ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، قوبۇل بولغان ھەج چوڭ گۇناھلارغىمۇ كاپارەت بولىدۇ، دېگەن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

[سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋاسى].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى