سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

سوئال: ھەج- ئۆمرە قىلغۇچىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا، مەسچىتنى زىيارەت قىلىشنى مەقسەت قىلامدۇ ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنى مەقسەت قىلامدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى


بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ھاجىلار ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى ياكى كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ مەسچىتنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلسا توغرا بولىدۇ... دېگەن ھەدىسىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنى مەقسەت قىلماستىن مەسچىتنى زىيارەت قىلىش نىيىتى بىلەن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە كەلسە ئىبادەت بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: ھەرەم مەسچىتى، مىنىڭ مەسچىتىم ۋە بەيتۇل مۇقەددەستىكى ئەقسا مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلساڭلار بولىدۇ دېيىلگەن. بۇ ھەدىسنى بۇخارىي(1189)، مۇسلىم(1397) رىۋايەت قىلغان.
ھاجىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىگە كەلگەندە مەسچىتكە ئوڭ پۇتى بىلەن بۇ دۇئانى ئوقۇغان ھالدا كېرىدۇ: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە دۇرۇت- سالاملار بولسۇن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھىمنى كەچۈرۈشىڭنى، ئۇلۇغ پەزلىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلىشىڭنى تىلەيمەن. ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىغا، رەھىم- شەپقىتىگە ۋە ئەزەلدىن مەڭگۈگە داۋام قىلغۇچى بولغان پادىشاھلىقىغا سېغىنىپ، قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن، ئۇنىڭدىن كىيىن خالىغانچە ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.
مۇمكىن بولسا نامازنى رەۋزىدە ئوقۇش ياخشى، "رەۋزە" پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى بار ئۆي بىلەن مۇنبەرنىڭ ئارىسىدىكى جاي بولۇپ بۇ جاينىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا ھەدىستە "رەۋزە جەننەتنىڭ باغچىلىرىدىن بىر باغچا" ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئەگەر زىيارەتچى ناماز ئوقۇپ بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنى مەقسەت قىلسا، ئەدەپ بىلەن ھۇجرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ بۇ دۇئانى ئوقۇشى كېرەك: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ساڭا ئاللاھنىڭ رەھمەت، سالاملىرى ۋە بەرىكەتلىرى بولسۇن، ئى ئاللاھ! ئىبراھىمغا رەھمەت قىلغىنىڭدەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەھلىگە رەھمەت قىلغىن، سەن بولساڭ بەك ماختالغۇچى، ئۇلۇغلانغۇچى زاتتۇرسەن. ئى ئاللاھ! ئىبراھىمنىڭ ئەھلىگە بەرىكەت بەرگىنىڭدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەھلىگە بەرىكەت بەرگىن. ئى ئاللاھ سەن ھەقىقەتەنمۇ بەك ماختالغۇچى، ئۇلۇغلانغۇچى زاتتۇرسەن. ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىنى ئاللاھنىڭ ھەقىقى ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن، سەن ھەقىقەتەنمۇ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزدۈڭ، ئامانەتنى ئادا قىلدىڭ، ئۇممەتكە نەسىھەت قىلدىڭ، ئاللاھ ئۈچۈن ھەقىقى كۆرەش قىلدىڭ، ئاللاھ سىنى باشقا پەيغەمبەرلەرنى ئۈممەتلىرى تەرىپىدىن مۇكاپاتلىغان مۇكاپاتنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىلەن مۇكاپاتلىسۇن.
ئۇنىڭدىن كىيىن ئوڭ تەرەپكە ئازراق مېڭىپ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا، يەنە ئازراق مېڭىپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇغا سالام بېرىدۇ، بۇ ئىككەيلەن ئۈچۈنمۇ مۇۋاپىق دۇئا قىلسا بولىدۇ.
ھېچ كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇجرىسىنىڭ تاملىرىنى سىلاش ۋە ئايلىنىپ تاۋاپ قىلىش بىلەن ئاللاھقا يېقىنچىلىق قىلىشى توغرا ئەمەس، دۇئا قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوجرىسىغا قارىماستىن قىبلە تەرەپكە قاراپ قىلىش كېرەك. ئىبادەت ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بولىشى كېرەك، ئىبادەت يېڭىلاشقا ئەمەس بەلكى ئەگىشىش ئاساسىغا قۇرۇلغان.
ئاياللار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ۋە باشقىلارنىڭمۇ قەبرىسىنى زىيارەت قىلمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبرە زىيارەت قىلغۇچى ئاياللارغا لەنەت قىلغان، لېكىن ئاياللار ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللايدۇ، ئۇلار نەدە بولسا ئۇلارنىڭ يوللىغىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېتىدۇ، بىر ھەدىستە:ماڭا دۇرۇت ئېيتىڭلار، قەيەردە بولۇشۇڭلاردىن قەتئى نەزەر ماڭا يىتىپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ زېمىننى ئايلىنىپ يۈرۈيدىغان خاس پەرىشتىلىرى ئۈممىتىمنىڭ ماڭا يوللىغان سالاملىرىنى يەتكۈزىدۇ دېگەن. بۇ ھەدىسنى نەسائىي(1282)، شەيخ ئەلبانىي نەسائىينىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمىدا(1215) بايان قىلغان.
مەدىنىگە كەلگەندە ئەرلەر مەدىنىنىڭ بەقىيدىن ئىبارەت قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشى ۋە قەبرىستانلىققا كىرگەندە بۇ دۇئانى ئوقۇشى كېرەك: ئاللاھنىڭ ئامانلىقى بۇ جايدا ياتقان مۆمىن مۇسۇلمانلارغا بولسۇن، بىزدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ رەھىم قىلغاي، بىزمۇ ئاللاھ خالىغان ۋاقىتتا سىلەرگە قوشۇلىمىز، ئاللاھ تائالادىن بىزگە ۋە سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! بىزنى ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن مەھرۇم قويمىغىن، ئۇلاردىن كىيىن بىزنى پىتنىگە قويمىغىن، بىزنى ۋە ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغىن.
ئوھۇدتىكى شېھىتلىكنى زىيارەت قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارنىڭ بۇ جايدا بولغان ئۇرۇشتا دۈچكەلگەن مۇسىبەت ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ئەسلەش بىلەن بۇ ئۇرۇشتا شېھىت بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ھەمزە ئىبنى ئابدۇل مۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ باشچىلىقىدىكى شېھىتلەرگە سالام بېرىپ يانسا بولىدۇ، بۇمۇ ئاللاھنىڭ زېمىندا سەيلى قىلىڭلار دېگەن بۇيرۇقىغا كېرىدۇ.

مەنبە: www.islamqa.com