Thu 29 DhH 1435 - 23 October 2014
34778
ھەجنىڭ تەسىر ۋە مەقسەتلىرى تەقەززا بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا
تىلىۋېزۇردا ھەج قىلغۇچىلارنىڭ توپ-توپ بولۇپ بەيتۇللاھقا يۈزلەنگەن، تاۋاپ قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ، قەلبىم تەۋرىنىپ، كۆزلىرىم ياشقا تولدى، كاشكى مەنمۇ شۇلار بىلەن بىرگە بولۇپ بۈيۈك ئۇتۇق قازانغان بولسام نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى-ھە!.
ھۆرمەتلىك ئۇستاز! مېنىڭ سوئالىم: ھەج قىلىش ئۈچۈن توپلانغان مەزكۇر كۆرۈنۈش ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلاردا قانداق تەسىرات پەيدا قىلىدۇ؟، ھەج قىلغۇچىلار بۇ ئىبادەتنى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بەيتىگە يۈزلەنگەندە ئۇلاردىن نېمىلەر تەلەپ قىلىنىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

     سىزنىڭ سورىغان سوئالىڭىز ۋە بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزگە رەھمەت. ئاللاھ تائالا ھەج قىلغۇچىلارنى كەچۈرۈم قىلىپ گۇناھتىن پاك ھالەتتە قايتىشقا، ھەج قىلالمىغانلارنىڭ مەقسەتلىرىگە يېتىشىگە، ئاخىرەتنىڭ قورقۇنۇشلىرىدىن نىجات تېپىشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى مەقسەتلىرىمىزگە يەتكۈزگەي... ئامىن..ئامىن.

     ھەج ئىبادىتىدە ئۇلۇغ نىشان، يۈكسەك غايە ۋە كاتتا مەقسەتلەر بولۇپ، تۆۋەندە ئۇنىڭ بەزىسىنى سىزگە بايان قىلىپ بىرىمىز:

     1-ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنى بىنا قىلغاندىن باشلاپ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ باغلىنىشى، مەككە-مۇكەررەمە شەھىرىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئەسلەش، ئۇنىڭدىن باشقا ھاجىلار بۇ مۇقەددەس ئورۇنلاردا ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەر ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭمۇ بۇ مۇقەددەس ئورۇنلاردا پائالىيەت ئىلىپ بارغانلىقىنى ياد ئېتىشتۇر.

     ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىرگە مەككە بىلەن مەدىنە ئارىسىدىكى يولدا كېتىۋېتىپ بىر جىلغىدىن ئۆتتۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزدىن: بۇ قايسى جىلغا؟ دەپ سورىدى. بىز: كۆكۈش جىلغىسى دەپ جاۋاپ بەردۇق. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: خۇددى مەن بۇ يەردە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى بارمىقىنى ئىككى قۇلۇقىغا قويۇپ، ئاللاھ تائالاغا تەلبىيە ئېيتىپ بەيتۇللاھقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراۋاتىمەن، دېدى. ئاندىن بىز يولنى داۋاملاشتۇرۇپ بىر تۆپىلىككە كەلدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزدىن: بۇ قايسى تۆپىلىك؟ دەپ سورىۋىدى. بىز: ھەرشا ياكى لىپتۇن تۆپىلىكى دەپ جاۋاپ بەردۇق. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: خۇددى مەن بۇ يەردە يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزىل تۆگىگە مېنىپ، يۇڭ كىيىم كىيىپ، تۆگىسىنىڭ چۇلۋۇرىنى بۇراپ ئاللاھ تائالاغا تەلبىيە ئېيتىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراۋاتىمەن،» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 241-ھەدىس].

     2-ئاق كىيىم ۋە ئۇنىڭ پاكلىقى، مۇسۇلماننىڭ قەلبىنىڭ ساپلىقى، ئىچكى دۇنياسىنىڭ گۈزەللىكىگە ئىشارەت قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ يولى ۋە پرىنسىپىنىڭ سۈزۈكلۈكىنى بىلدۈرىدۇ. ئېھرامدا يەنە زىننەتلىنىشنى تەرك قىلىش، مىسكىنلىكىنى ئىزھار قىلىش، ئۇنىڭ كېپەنلىككە ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمنى ئەسلەش ۋە ياد ئېتىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا قايتىشقا تەييارلىق قىلىش جانلىق ئىپادىلىنىدۇ.

      3-بەلگىلەنگەن جايدىن ئېھرام باغلاش بولسا، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىپ، تائەت-ئىبادەت بىلەن قۇللۇق قىلىشنى، ھېچ كىشىنىڭ ئاللاھ بۇيرىغان بەلگىلىمىدىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئېھرامغا كىرىدىغان ئورۇنلارنى ئاللاھ تائالا ئۈممەتنىڭ بىرلىكى، تەرتىپ-ئىنتىزاملىق بولىشى، مىيقات ئورۇنلىرىنى بېكىتىشتە ئىختىلاپلىشىپ، بۆلگۈنچىلىك پەيدا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بۇ ئورۇنلارنى ئالاھىدە بېكىتتى. 

     4-ھەج ئىبادىتى، ھاجىلار ھەج قىلىش ئۈچۈن تۇنجى قەدەمنى باسقان ۋاقىتتىن تارتىپ، بۇ ئىبادەت ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئېلان قىلىشتۇر.

      جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەج پائالىيىتىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېھرام كىيگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر بىلەن تەلبىيە ئېيتتى. (لەببەيكە، ئاللاھۇممە لەببەيكە، لەببەيكە لا شەرىكە لەكە لەببەيكە، ئىننەلھەمدە ۋەننېئمەتە لەكە ۋەلمۇلك لاشەرىكە لەكە).» [مۇسلىم رىۋايىتى2137-ھەدىس].

     5-ھاجىلار ئەرەپات ۋە باشقا پائالىيەت ئورۇنلىرىدا بىر ئورۇنغا توپلاشقاندا، ئۇلار ئارىسىدىكى مەنىۋى ۋە جىسمانى ئوخشاشلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، تەقۋادارلىقتىن باشقا بۇ پائالىيەت جەريانىدا بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە ئارتۇقچىلىقى بولمايدىغانلىقى ئۇلارغا ئاخىرەت كۈنىنى يادلاندۇرىدۇ.

     6-ھەج ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىرلىك شوئارى بولۇپ، ھەج ئىنسانلارنى كىيىم-كېچەك، تائەت-ئىبادەت، پائالىيەتلەرنى ئادا قىلىش، قىبلىگە يۈزلىنىش ۋە ھەج پائالىيەت ئورۇنلىرىدا باپ-باراۋەرلىكنى نامايەن قىلىدۇ. مانا بۇ جەرياندا بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىدىن ئارتۇقچىلىقى بولمايدۇ. شاھ-گاداي، باي-كەمبەغەل ھەممىسى بىر شەكىلدە باراۋەر بولىدۇ.

      ئىنسانلار ھەق-ھوقۇق ۋە ئەمەل-ئىبادەتلەردە باراۋەردۇر، ئۇلار بەيتۇللاھقا كېلىپ ھەج پائالىتىنى ئادا قىلىۋاتقاندا ئۇلار ئارىسىدا ئىرقى، رەڭ پەرقى بولمايدۇ، ھېچكىمنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

      ئۇلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس ئورۇنلىرى بىر، ئېيتىدىغان شوئارلىرى بىر، نىشانى بىر، ئەمەل-ئىبادەتلىرى بىردۇر. ئىسلام دىنى ئۈممەتنى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىققا چاقىرىدۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلار ئادەم ئەۋلادى، ئادەم تۇپراقتىن يارىتىلغان، ئاللاھ تائالاغا بولغان تەقۋادارلىقتىن باشقا ئىشلاردا، ئەرەبنىڭ ئەجەمگە، ئاق تەنلىكنىڭ قارا تەنلىككە ھېچ ئارتۇقچىلىقى بولمايدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى 3270-ھەدىس].

      ئىككى-ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ ھەممىسى بىر ئورۇندا توپلىشىدۇ، بىر خىل كىيىم كىيىدۇ، نىشانى بىر، شوئارى بىر، بىر ئاللاھغا ئىلتىجا قىلىدۇ، بىر پەيغەمبەرگە ئەگىشىدۇ، بۇنىڭدىن كاتتا ۋە يۈكسەك بىرلىك بولامدۇ؟!!. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ اللَّـهِ وَالْمَسْجِدِ الْحَرَامِ الَّذِي جَعَلْنَاهُ لِلنَّاسِ سَوَاءً الْعَاكِفُ فِيهِ وَالْبَادِ ۚ وَمَن يُرِدْ فِيهِ بِإِلْحَادٍ بِظُلْمٍ نُّذِقْهُ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ﴾ تەرجىمىسى: «كاپىرلارغا، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقۇچىلارغا، - ئۇ ئولتۇرۇشلۇق بولسۇن ياكى سىرتتىن كەلگەن بولسۇن - بىز كىشىلەرگە ئىبادەتگاھ قىلغان مەسجىدى ھەرەمدىن توسقۇچىلارغا (يەنى ھەج پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەسجىدى ھەرەمغا كەلگەن مۆمىنلەرنى توسقۇچىلارغا) (قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز)، كىمكى مەسجىدى ھەرەمدا زۇلۇم بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز.» [سۈرە ھەج 25-ئايەت].

     7-ھەج پائالىيەت جەريانىدا ئىنسان ئۈچۈن ئورۇنۇشقا ئىككى پارچە رەخت، يىتىپ-قوپۇشقا ئۇخلىغىدەك جاي بولسا كۇپايە قىلىدۇ. مانا بۇ ھەج قىلغۇچىنى كىيىم-كېچەك، ئۆي-ماكاندا قانائەتچان بولۇشقا تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

     8-مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ چوڭ يىغىلىشى، دىنسىزلارنى ۋە ئازغۇن گۇرۇھلارنى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلار بەزى ئىشلاردا ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشسىمۇ، ئەمما مەلۇم ۋاقىت ۋە مەلۇم ئورۇنلاردا بىر ئورۇنغا توپلىنىشى، ئۇلارنىڭ باشقا ئىشلاردىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىرلىككە كىلەلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

     9-مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىشى، بىر يەرگە جەم بولىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ھەر بىر ئىنسان بۇ سەپەرگە يالغۇز ئاتلانسىمۇ ھەج پائالىيىتى جەريانىدا باشقا قېرىنداشلىرى بىلەن چوڭ بىر جامائەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.

     10-ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن دۇنيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلەيدۇ. ھەج پائالىيەت جەريانىدا ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئەللەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى بىر-بىرىگە سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرىدۇ.

     11-ئومۇمى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆزئارا پايدا-مەنپەئەت ۋە تەجرىبە-ساۋاق ئالماشتۇرۇش بولىدۇ.

     12-دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىلىم-مەرىپەت، توغرا پىكىردىكى ئالىملار، مۇپەككۇرلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھازىرقى ئېھتىياجى، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئىلىپ بارىدۇ.

     13-مۇقەددەس ئورۇنلاردا تۇرغاندا ئاللاھ تائالاغا قىلىنىدىغان قۇلچىلىق ۋە تائەت-ئىبادەتنى روياپقا چىقىرىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلار ئەرەپات مەيدانىدا تۇرۇش جەريانىدا ئەڭ ئەۋزەل، پاك، مۇقەددەس ماكان بولغان ھەرەم مەسچىتتىن ئايرىلىدۇ.

     14-ھەج ئىبادىتى ئارقىلىق ھەج قىلغۇچىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قېلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ھەج پائالىيىتى جەريانىدا يامان سۆز ۋە گۇناھ ئىشلاردىن ساقلانسا، ئۇ خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك گۇناھلاردىن پاك ھالەتتە قايتىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 1521-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1350-ھەدىس].

     15-گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلغۇچى ئاسىي بەندىلەر ئۈچۈن ئۈمىد دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ. ئۇ مۇقەددەس ئورۇنلاردا ئۇلارنى گۇناھ-مەسىيەتنى تەرك قېلىشقا يېتەكلەش زۆرۈردۇر. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر ھەج پائالىيىتى جەريانىدا ۋە مۇقەددەس ئورۇنلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقلىرى ۋە ناچار ئادەتلىرىنى تاشلايدۇ.

     16-ھەج ئىبادىتى قىلىنىدىغان ۋاقىت، ئورۇنلار بېكىتىلگەن بولۇپ، ھەر بىر ئەمەل-ئىبادەت بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ۋە ئۆز ئورنىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىسلام دىنىنىڭ پرىنسىپچىل دىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

     17-ھەج پائالىيىتى جەريانىدا، ئىنسان ئۆز نەپسىنى بىخىللىقتىن چەكلەپ، ياخشىلىق يوللىرىغا خەيرى-ئېھسان قىلىشقا تەربىيىلەيدۇ. چۈنكى ھەج قىلغۇچىلار ھەجگە بېرىپ-كېلىش جەريانىدا ۋە مۇقەددەس ئورۇنلاردا نۇرغۇن ئىقتىساد سەرپ قىلىدۇ.

     18-ھەج ئىبادىتى جەريانىدا ئاللاھ تائالا يولغا قويغان ئىبادەتلەرنى كاتتىلاش بىلەن بىرگە، قەلبىدە ئاللاھ تائالاغا بولغان ھەقىقى سەمىمىيەت ۋە تەقۋادارلىقنى يېتىلدۈرىدۇ.

     19-بايلارنى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ-جايلاردا ئالاھىدە بولىۋالماستىن بەلكى تاۋاپتا، سەئيىدە ۋە شەيتانلارغا تاش ئېتىش قاتارلىق مۇقەددەس ئورۇنلاردا، كەمبەغەل كىشىلەر بىلەن تەڭ-باراۋەر بولۇشقا سەپەرۋەر قىلىش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق، ئۇلارغا كەمتەرلىكنى ۋە دۇنيانىڭ ئېتىبارسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

     20-ھەج قىلغۇچىلار پائالىيەت جەريانىدا تائەت-ئىبادەت ۋە ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشكە ئادەتلىنىدۇ. ئۇلار بىر جايدىن يەنە بىر جايغا، بىر ئەمەل-ئىبادەتتىن يەنە بىر ئەمەل-ئىبادەتكە ئاتلىنىشى بولسا، ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ئۈچۈن ئىلىپ بېرىلغان بىر يىللىق تولۇق كۇرسىنىڭ ئۆرنىكى بولىدۇ.

     21-ھەج پائالىيىتى جەريانىدا كىشىلەرگە خەيرى-ئېھسان قىلىش، ئېزىپ كەتكەنلەرگە يول كۆرسىتىش، بىلمىگەنلەرگە تەلىم بېرىش، كەمبەغەللەرگە ياردەم قېلىش ۋە ئاجىز-بىچارىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇش ئارقىلىق ئۆز نەپسىنى باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئادەتلەندۈرىدۇ.

     22-ھەج قىلغۇچى كىشى كەڭ قورساقلىق، كەمتەرلىك ۋە مۇلايىملىقتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىگە لازىم تۇتىدۇ. چۈنكى ھەج قىلغۇچى پائالىيەت جەريانىدا قىستاڭچىلىق، باشقىلار بىلەن قىزىرىشىپ قېلىش قاتارلىق بەزى ئىشلارغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿الْحَجُّ أَشْهُرٌ مَّعْلُومَاتٌ ۚ فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي الْحَجِّ﴾ تەرجىمىسى: «ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.» [سۈرە بەقەرە 197-ئايەت ].

     23-ھەج قىلغۇچىدا ئىبادەت جەريانىدا جاپا-مۇشەققەتكە چىداش، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ئايرىلىش، سەپەر مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇن بولىشى، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئىسسىقلىقى، شۇنداقلا مۇقەددەس ئورۇنلاردا بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە يۆتكىلىش ۋە قىستاڭچىلىق ھالەتلەردە پائالىيەت قىلىش نەتىجىسىدە سەۋرلىك بولۇش روھى يېتىلىدۇ.

     24-ھەج قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ھاياتىدا كۆنگەن ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئاللاھ رازىلىق ئۈچۈن تەرك قىلىشقا ئادەتلىنىدۇ. چۈنكى ھاجىلار پائالىيەت جەريانىدا بىشىنى ئوچۇق قويۇشقا، كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەك، ياتاقلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ئادىتىنى ئۆزگەرتىدۇ.

     25-ھاجىلار ساپا-مەرۋىنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلغاندا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغان ۋە ئاللاھقا تايانغان كىشىلەرنىڭ زايا بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى بەلكى قەدىر-قىممىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئانىسى ھاجەر ئانىمىزنى كەبىنىڭ يېنىدا قويۇپ كەتمەكچى بولغاندا، ھاجەر ئانىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: "بىزنى بۇ يەردە قويۇپ كېتىشكە سېنى ئاللاھ بۇيرىدىمۇ؟" دەپ سورايدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: "ھە-ئە، ئاللاھ بۇيرىدى" دېگەندە، ھاجەر ئانىمىز: "ئۇنداقتا بىز زايا بولۇپ كەتمەيمىز" دەيدۇ. ئاللاھ تائالا ھاجەر ئانىمىزنىڭ ئورنىنى يۇقىرى قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق ئىنسانلار ھاجەر ئانىمىزغا ئوخشاش ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىدىغان بولدى.

     26-ھەج جەريانىدا قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەت ھەر قانچە قاتتىق بولسىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلەنمەسلىككە ۋە بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى پەقەت ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىگە نەپسىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ھاجەر ئانىمىز ئۆزى ۋە بالىسىنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئاز قالغان مىنۇتلاردىمۇ ھالاكەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تاغدىن تاغقا يۈگۈرۈپ، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى ئىزدىدى. ئۇ ئويلىمىغان يەردىن قۇتۇلۇش يولى تېپىلدى. ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن، ئۇشتۇمتۇت بىر پەرىشتە چۈشۈپ قانىتى بىلەن زېمىننى ئۇردى، زېمىندىن جىسمانى ۋە روھى كېسەللەرگە  شىپالىق زەمزەم سۈيى ئېتىلىپ چىقتى.

     27-ھاجىلار مۇقەددەس ئورۇنلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ مېھمانلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسلەيدۇ. ھاجىلارنى بۇ ئورۇنغا توپلىشىشقا ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەت، پادىشاھ ياكى رەئىس تەكلىپ قىلماستىن، بەلكى ئۇلارنى بۇ مۇقەددەس ئورۇنغا ئاللاھ تائالا چاقىرغان. ئاللاھ ئۇ جايلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ تەڭلىك، باراۋەرلىك، بىر-بىرىدىن ئارتۇقچىلىقى بولمىغان ھالەتتە ئۇچرىشىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتتى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَذِّن فِي النَّاسِ بِالْحَجِّ يَأْتُوكَ رِجَالًا وَعَلَىٰ كُلِّ ضَامِرٍ يَأْتِينَ مِن كُلِّ فَجٍّ عَمِيقٍ ، لِّيَشْهَدُوا مَنَافِعَ لَهُمْ...﴾ تەرجىمىسى: «كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا (ئۇلارنى) ھەجىگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن، ئۇلار پىيادە ۋە ئۇرۇق تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىدۇ، ئۇرۇق تۆگىلەر يىراق يوللارنى بېسىپ كېلىدۇ . كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنى ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن...» [سۈرە ھەج سۈرىسى 27-28-ئايەتلەر].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىلىرىدۇر: ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقا ئاتلانغان غازىيلار، ھەج قىلغۇچىلار ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلار.» [نەسائى رىۋايىتى. ئىمام ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

      28-مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇش. بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىدە ئىپادىلىنىدۇ: «ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قانلىرىڭلار، يۈز-ئابرۇيۇڭلار، ماللىرىڭلارغا تاجاۋۇز قىلىش، مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈن ۋە سىلەرنىڭ مۇشۇ شەھرىڭلارغا تاجاۋۇز قىلىش ھارام بولغاندەك ھارام قىلىندى.» [بۇخارىي رىۋايىتى 65-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 3180-ھەدىس].

      29-ھەج مەۋسۇمىدا مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىك-كاپىرلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق تولۇق ئاشكارا بولىدۇ. ھەرقانداق يول بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ جايغا ھازىر بولىشى چەكلىنىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ھەرقانداق مەقسەت بىلەن بولسۇن ھەرەم دائىرىسىگە كېرىشىمۇ چەكلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْمُشْرِكُونَ نَجَسٌ فَلَا يَقْرَبُوا الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ بَعْدَ عَامِهِمْ هَـٰذَا ۚ وَإِنْ خِفْتُمْ عَيْلَةً فَسَوْفَ يُغْنِيكُمُ اللَّـهُ مِن فَضْلِهِ إِن شَاءَ ۚ إِنَّ اللَّـهَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلار (ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) پەقەت نىجىستۇر، مۇشۇ يىلدىن (يەنى ھىجرىيىنىڭ 9 - يىلىدىن) كېيىن ئۇلار مەسجىدى ھەرەمغا (ھەرەمگە) يېقىنلاشمىسۇن (يەنى ھەج قىلمىسۇن، ئۆمرە قىلمىسۇن). ئەگەر سىلەر (ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلارنىڭ ھەرەمگە كىرىشتىن مەنئى قىلىنىشى بىلەن) پېقىرلىقتىن قورقساڭلار، ئاللاھ خالىسا ئۆز پەزلى بىلەن سىلەرنى باي قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (سىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە تەۋبە 28-ئايەت].

      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ھاجىلارغا ھەج پائالىيىدە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ھىجرىيەنىڭ 9-يىلى بىر گۇرۇپ كىشىلەرگە باش قىلىپ مەككىگە يولغا سالىدۇ. «ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېنى قۇربان ھېيت كۈنى: بۇ يىلدىن كېيىن مۇشرىكلار ھەج قىلالمايدۇ!. مۇشرىكلار بەتۇللاھنى يالىڭاچ تاۋاب قىلالمايدۇ!، دېگەن قارارنى جاكارلاشقا تەيىنلىگەنلەر بىلەن بىرگە مىناغا ئەۋەتتى.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

 

[پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر يەھيا ئىبنى ئىبراھىم يەھيا]