سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ناماز ئوقۇمايدىغان دادا ئۈچۈن ۋاپاتىدىن كىيىن ھەج قىلىپ قويۇش توغرىسىدا

سۇئال

دادام ۋاپات بولغىلى ئۇزۇن زامان بولدى، بىلىشىمچە ئۇ ناماز ئوقۇمايتتى. سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ، ئۈچ قېتىم ھەج قىلدىم، ئاخىرقى قېتىم قىلغان ھەجنى دادام ئۈچۈن قىلغان ئىدىم. ئەمما مەن ناماز ئوقۇمىغان كىشىنىڭ شەرئى ھۆكۈمدە كاپىر ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم ۋە دادامنىڭ ئەھۋالىنى ئويلاپ تولىمۇ بىئارام بولدۇم. سوئالى: دادام ئۈچۈن قىلغان ھەج توغرىمۇ؟، ئۇ ھەج دادامنىڭ نامازلىرىغا كاپارەت بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بۇ سوئال شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن سورالغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن: "سوئال سورىغۇچى ئۆزىنىڭ ئۈچ قېتىم ھەج قىلغانلىقىنى بايان قىلىپتۇ، توغرىسى ھەج ھاياتىدا بىر قېتىم پەرز بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەج بىر قېتىم بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇقى نەپلىدۇر. سىزنىڭ ئۈچ قېتىم ھەج قىلدىمدەپ ئىپادىلىگىنىڭىز توغرا بولمايدۇ، ھەج بىر قېتىم بولىدۇ. سىز ناماز ئوقۇمايدىغان دادىڭىز ئۈچۈن ھەج قىلغانلىقىڭىزنى بايان قىلىپسىز، ناماز ئوقۇمىغان كىشى شەرئى ھۆكۈمدە كاپىر بولىدۇ، كاپىرلار ياخشى ئەمەللەردىن مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم سوراش، ئىستىغپار ئېيتىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَن يَسْتَغْفِرُوا لِلْمُشْرِكِينَ وَلَوْ كَانُوا أُولِي قُرْبَىٰ مِن بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُمْ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ تەرجىمىسى: پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس. [سۈرە تەۋبە 113-ئايەت].

لېكىن دادىڭىز بەزى ۋاقىتتا ناماز ئوقۇغان بولسا ياكى كاپىرلىقىدا شەك قىلىنسا، سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلىشىڭىز توغرا بولىدۇ. دۇئا قىلغاندا: ئى ئاللاھ! ئەگەر دادام مۆمىن ھالەتتە ۋاپات بولغان بولسا، ئاشۇ قىلغان ھەجنىڭ ساۋابىنى دادام ئۈچۈن قىلغايلا دەپ دادىڭىزنىڭ مۆمىنلىكىگە شەرت قىلىپ قىلسىڭىزبولىدۇ، چۈنكى دۇئا ۋە ئىبادەتتە شەرت قىلىپ قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى، ئىبادەتتە بولسا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زەبائە بىنتى زۇبەير ئۆزىنىڭ ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئەمما كېسەل ئىكەنلىكىنى بايان قىلغاندا، ئۇنىڭغا: سىز شەرت بىلەن ھەج قىلىڭ، سىزگە ئاللاھ تائالاغا شەرت قىلغان نەرسە بولىدۇ، دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى5089 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1207-ھەدىس].

ئەمما دۇئادا: ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَالْخَامِسَةُ أَنَّ لَعْنَتَ اللَّـهِ عَلَيْهِ إِن كَانَ مِنَ الْكَاذِبِينَ تەرجىمىسى: بەشىنچى قېتىمىدا: ئەگەر يالغانچى بولسام ماڭا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن، دېسۇن. [سۈرە نۇر 7- ئايەت].

مەنبە: ["ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلاردىن يۈز بېرىدىغان خاتالىقلارنى تۈزۈتۈش"ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى]