سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

كەبىنى تاۋاپ قىلىۋاتقان ياكى ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىۋاتقاندا نامازغا تەكبىر ئېيتىلسا قانداق قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

    مەن تاۋاپ قىلىۋاتقاندا ياكى ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىۋاتقاندا، نامازغا تەكبىر ئېيتىلسا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ تاۋاپ ياكى سەئيىنى تاماملايمەنمۇ ياكى نامازنى ئادا قىلىپ بولۇپ تاماملايمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    تاۋاپ قىلىۋاتقان ياكى سەئيى قىلىۋاتقاندا نامازغا تەكبىر ئېيتىلسا، سىز تاۋاپ ياكى سەئيىنى توختىتىپ ئىمام بىلەن بىرگە نامازنى ئادا قىلىپ ئاندىن تاۋاپ ياكى سەئيىنى توختىغان جايدىن داۋاملاشتۇرىسىز، سىز تاۋاپ ياكى سەئيىنى ناماز ئۈچۈن توختاتقانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇنى يېڭىدىن باشلاش كېرەك بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاۋاپنى ھاجەت ئۈچۈن توختاتقان بولسا، يەنى: كەبىنى ئۈچ قېتىم تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن نامازغا تەكبىر ئېيتىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئىمام بىلەن نامازنى ئادا قىلىپ بولۇپ، تاۋاپنى توختىغان جايدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرىدۇ، ھەرگىزمۇ بەزى ئالىملار ئېيتقاندەك؛ ھەجەر ئەسۋەدتىن باشلاش كېرەك بولمايدۇ، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ سۆزىدۇر. شۇنىڭدەك جىنازا نامىزى بولۇپ ئۇنىڭغا قاتناشقان بولسا ياكى بىرسى سۆز قىلىش ئۈچۈن توختاتقان بولسا ياكى قىستاڭچىلىق قاتارلىق ئىشلاردىن تۇرۇپ قالغان بولسا، تاۋاپنى كەلگەن جايدىن تولۇقلايدۇ. بۇنىڭدا ھېچ خاتالىق بولمايدۇ". "شەيخ ئىبىن باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 17-توم 216-بەت.

     شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان تاۋاپ ياكى سەئيى قىلىۋاتقاندا نامازغا تەكبىر ئېيتىلسا، جامائەت بىلەن بىرگە نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئاندىن كېيىن تاۋاپ ياكى سەئيىنى توختىغان جايدىن باشلاپ تولۇقلايدۇ". "ئىسلام پەتىۋالىرى" 2-توم 250-بەت.

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان ھەج-ئۆمرە ياكى نەپلە تاۋاپ ئۈچۈن كەبىنى تاۋاپ قىلىۋاتقان ۋاقىتتا نامازغا تەكبىر ئېيتىلسا، جامائەت بىلەن نامازنى ئادا قىلىپ بولۇپ، تاۋاپنى كەلگەن يەردىن داۋاملاشتۇرىدۇ، يېڭىدىن باشلاش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى  ئىلگىرى توغرا ئاساس بىلەن ۋە شەرئىي رۇخسەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن باشلانغان ئىش شەرئىي دەلىلسىز بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ". [ئىسلام ئاساسى پەتىۋالىرى 539-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى