پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قەرزدارنىڭ ھەج قىلىشى توغرىسىدا

سۇئال

مەن تىجارەت بانكىسىدىن يىللىق قەرەللىك تۆلەش مۇددىتى بىلەن ئىككى يۈز ئەللىك بىرمىڭ توققۇز يۈز (251900) رىيال قەرز ئالدىم. مەن مۇشۇ قەرز ئالغان پۇل بىلەن ھەج قىلسام توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ھەجنىڭ ۋاجىپ بولۇش شەرتلىرىنىڭ بىرى: ھەج قىلىشقا قادىر بولغان بولۇش. (يەنى ھەج قىلىش جەريانىدا كېتىدىغان بارلىقخىراجەت، ھەج قىلىپ قايتىپ كەلگۈچە ئائىلە ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا يەتكۈدەك ئىقتىسادنىڭ بولىشى ۋە قەرزدار بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ).

سىز ھەج قىلغان ۋاقىتتىمۇ بانكىنىڭ سىزدىن تەلەپ قىلىدىغان ھەققىنى ئۆتەشكە قۇدرىتىڭىزيەتسە مەزكۇر قەرز پۇل بىلەن ھەج قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەمما سىز ئۈچۈن بانكىغا قەرز تۆلەش بىلەن ھەجنىڭ چىقىملىرىنىتەڭ ئۆتەشكە قادىر بولالمىسىڭىز، ئالدى بىلەن بانكىنىڭ قەرزىنى تۆلەيسىز،ھەجنى شارائىتىڭىز يېتىلگۈنچە قەدەر كىچىكتۇرسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: وَلِلَّهِ عَلَى ٱلنَّاسِ حِجُّ ٱلۡبَيۡتِ مَنِ ٱسۡتَطَاعَ إِلَيۡهِ سَبِيلٗاۚتەرجىمىسى:قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. [ئال- ئىمران سۈرىسى 97-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ياخشىلىققا يېتەكلىسۇن.

مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى 11\45