36863: مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنى زىيارەت قىلغۇچىلارغا ئىسلامى كۆرسەتمە


قېرىنداشلىرىمدىن بىر نەچچە كىشى بۇ يىل ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىپ بولۇپ،   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلماقچى، ئۇلار سىلەرنىڭ بۇ توغرىدا نەسىھەت قىلىپ، كۆرسەتمە بېرىشىڭلارنى ئۆتۈنىدۇ؟.

Published Date: 2016-09-04

    جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شەھىرىگە كەلگەن مېھمانلار! خوش كەلدىڭلار، كۆپ ياخشىلىققا مۇيەسسەر بولدۇڭلار، سىلەرنىڭ كېلىشىڭلار بىلەن مەدىنە خۇرسەنلىككە چۆمدى، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى قوبۇل قىلسۇن، گۈزەل ئارزۇيۇڭلارغا يەتكۈزسۈن. ھىجرەت، غەلبە-نۇسرەت دىيارى بولغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ، مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلارنىڭ شەھىرىگە خوش كەلدىڭلار.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلغۇچىلارغا قىسقىچە كۆرسەتمە:

    1-مەدىنە شەھىرىگە كەلگەن مېھمانلار! سىلەر مەككە شەھرىدىن كىيىنكى ئەڭ ياخشى، شەرەپلىك، پاك، گۈزەل زېمىنغا كەلدىڭلار، بۇ زېمىننىڭ قەدىر-قىممىتى، شان-شەرىپىنى بىلىڭلار، مۇقەددەسلىكى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىگە رىئايە قىلىڭلار، بۇ يەردە گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇڭلار. شۇنى بىلىڭلاركى، ئاللاھ تائالا بۇ يەردە بىدئەت پەيدا قىلغانلارنى ئەڭ قاتتىق ئازابتا ئازابلايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلدى. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەدىنە شەھرى ھەرەمدۇر، (چەكلەنگەن شەھەردۇر) كىمكى مەدىنىدە بىدئەت پەيدا قىلىدىكەن ياكى بىدئەتچىگە ئورۇن بېرىدىكەن، ئۇ كىشىگە ئاللاھ تائالا، پەرىشتىلەر ۋە بارلىق ئىنسانلار لەنەت ئېيتىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ھېچقانداق ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى1867-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1370-ھەدىس].

    مەدىنىگە چەكلەنگەن ئىشلارنى ئىلىپ كەلگەن ياكى شۇنداق كىشىلەرگە ئورۇن بەرگەن، ئۇلارنى قوغدىغان ۋە ھىمايە قىلغان كىشىلەر ئۆزىنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپى ۋە دەرتلىك ئازابىغا ئۇچراتقان بولىدۇ.

    مەدىنىدە بىدئەت-خۇراپات، توقۇلما-سىھرىلەرنى، شىرېككە ئىلىپ بارىدىغان كىتاپ ۋە بىدئەت ماقالىلارنى، ئىسلام شەرىئىتىگە زىت بولغان چەكلەنگەن مۇنكەر ئىشلارنى پەيدا قىلىپ مەدىنىنىڭ مەنىۋىي ساپلىقى ۋە پاكىزلىقىغا داغ تەككۈزۈپ، پاك تۇپراقلىرىنى كىرلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ جىنايەتتۇر. بىدئەت پەيدا قىلغۇچى بىلەن بىدئەتچىگە ئورۇن بەرگۈچى جىنايەتتە ئوخشاش بولىدۇ.

    2-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش كەسكىن بېكىتىلگەن ۋاجىپ ئەمەللەردىن ئەمەس بەلكى يولغا قۇيۇلغان سۈننەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ يەرنى زىيارەت قىلىشنىڭ ھەج پائالىيىتى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق شۇنداقلا ھەجنى تولۇقلايدىغان ئەمەللەردىنمۇ ئەمەس، مەدىنىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ھەج بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى توقۇلما-يالغان ھەدىسلەردۇر. مەدىنىگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن كىشىنىڭ مەقسىتى توغرا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمەللىرىگە ساۋاپ بېرىلىدۇ. ئەمما مەدىنىگە قەبرە زىيارەت قىلىش ياكى قەبىرىدىكىلەردىن ياردەم سوراش مەقسىتىدە كەلگەنلەرنىڭ مەقسىتى خاتا بولۇپ، ئۇنىڭ قىلمىشلىرى ئىنكار قىلىنىدۇ. ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرەم مەسچىتى، مېنىڭ بۇ مەسچىتىم ۋە ئەقسا مەسچىتىدىن باشقا جايلارغا زىيارەت قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلىنمايدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 1189-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1397-ھەدىس].

    جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەڭ ياخشى سەپەر مېنىڭ بۇ مەسچىتىم ۋە ھەرەم مەسچىتىگە قىلىنغان سەپەردۇر.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 3-توم 350-بەتتە كەلتۈرگەن. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1648- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.

    3-ئۆلىمالارنىڭ سەھىھ قارىشىدا مەدىنىدە مەسچىتىدە ئوقۇلغان پەرز-نەپلە نامازلارنىڭ ساۋابى ھەسسىلەپ يۇقىرى بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ مەسچىتىمدە ئوقۇلغان ناماز ھەرەم مەسچىتىدىن قالسا باشقا مەسچىتلەردە ئوقۇلغان مىڭ ۋاخ نامازدىن ئەۋزەل.» [بۇخارى رىۋايىتى1190-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1394-ھەدىس]. 

نەپلە نامازنى ئۆيدە ئوقۇغاننىڭ ساۋابى مەسچىتتە ئوقۇغاندىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنساننىڭ پەرز نامازدىن باشقا نامازلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۆيدە ئوقۇغان نامىزىدۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى731-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 781-ھەدىس].

    4- مۇشۇ ئۇلۇغ مەسچىتنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئەزىز قېرىندىشىم! شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىدىكى بىرەر نەرسىنى يەنى تۈۋرۈك، تام، ئېشىك مېھراب، مۇنبەر قاتارلىق ئورۇنلارنى تەبەررۈك قىلىپ سىلاش، سۆيۈش، توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇجلىرىنى سىلاش، سۆيۈش، كىيىملىرىنى تەككۈزۈپ سۈرتۈش، ئەتراپنى كەبىنى تاۋاپ قىلغاندەك ئايلىنىش توغرا بولمايدۇ. يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر بولسا ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ، ئىككىنچى بۇنداق ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك.

    5-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلغان كىشى ئۈچۈن رەۋزە شەرىپتە ئىككى رەكەت ياكى خالىغانچە نەپلە ناماز ئوقۇش يولغا قويۇلغان سۈننەتتۇر. شۇنداقلا رەۋزىدە ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ مۇنبىرىم بىلەن ھۇجرامنىڭ ئارىلىقى جەننەتنىڭ باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر، مېنىڭ مۇنبىرىم ماڭا بېرىلگەن ھەۋزى كەۋسەر كۆلىنىڭ ئۈستىدىدۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى 1196 –ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1391-ھەدىس].

    يەزىد ئىبنى ئەبى ئۇبەيد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن سەلەمە ئىبنى ئەكۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىگە كىرگىنىمىزدە، ئۇ، رەۋزىدىكى تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇيتتى، مەن ئۇنىڭغا: ئى ئابا مۇسلىم! قارىسام سىلە رەۋزىدە مۇشۇ تۈۋرۈكنىڭ يېنىدىلا ناماز ئوقۇيدىكەنلا؟ دېسەم، ئۇ: شۇنداق، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇغىنىنى كۆرگەن ئىدىم، دېگەن.» [بۇخارى رىۋايىتى 502-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 509-ھەدىس].

    رەۋزىدە ناماز ئوقۇيمەن دەپ باشقىلارغا ئازار يەتكۈزۈش، ئاجىزلارنى ئېتتىرىش ۋە باشقىلارنىڭ گەدەنلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش توغرا بولمايدۇ.

    6-مەدىنىگە زىيارەتكە كەلگەنلەر ۋە مەنىدە تۇرىۋاتقانلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشى ۋە ئۆمرە قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قۇبا مەسچىتىگە كېلىپ ناماز ئوقۇشى يولغا قويۇلغان سۈننەتتۇر. بۇ توغرىدا سەھلە ئىبنى ھەنىيپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئۆيىدىن چېقىپ قۇبا مەسچىتىگە كېلىپ ناماز ئوقۇغان كىشى ئۈچۈن ئۆمرە قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ.» [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ 3-توم 487-بەتتە كەلتۈرگەن. نەسائى رىۋايىتى 699-ھەدىس، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ تەرغىبنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمى 1180- 1181-نومۇرلۇق ھەدىسلەردە كەلتۈرگەن].

    ئىبنى ماجە رەھىمەھۇللاھنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: «كىمكى ئۆيىدە تاھارەت ئىلىپ ئاندىن قۇبا مەسچىتىگە كېلىپ ناماز ئوقۇسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۆمرە قىلغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ.» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى1412-ھەدىس].

    بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر شەنبە كۈنى قۇبا مەسچىتىگە ئۇلاغلىق ياكى پىيادە كېلىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى.» [بۇخارى رىۋايىتى 1191-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1399-ھەدىس].

    7-ھۆرمەتلىك زىيارەتچى قېرىندىشىم! مەدىنە شەھىرىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتى بىلەن قۇبا مەسچىتىدىن باشقا مەسچىتنى زىيارەت قىلىش يولغا قويۇلمىغان، زىيارەت قىلغۇچىلار ياكى باشقىلارنىڭ مەدىنىدە مەلۇم بىر جاينى مەقسەت قىلىپ، ئۇ جايدا ئىبادەت قىلىشى ياكى ئۇ يەردە ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىشى توغرىسىدا قۇرئان-ھەدىستىن ياكى ساھابىلارنىڭ قىلغانلىقى توغرىسىدا دەلىل بايان قىلىنمىغان.

    مەدىنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياكى باشقا ساھابىلار تۇرغان ۋە ناماز ئوقۇغان جايلارغا بېرىپ ناماز ئوقۇش، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىبادەت قىلىش يولغا قويۇلمىغان، بۇيرۇلمىغان ۋە ئۇ جايلارنى زىيارەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلمىگەن. مەئرۇر ئىبنى سۇۋەيد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرگە چىققانتىم، يولدا بىر مەسچىتنىڭ يېنىدىن ئۆتتۇق، كىشىلەر ئۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇشقا ئالدىرىدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇلارغا نېمە بولدى؟ دېدى. ئۇلار: بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇغان مەسچىت، شۇڭا بۇ يەردە ناماز ئوقۇيمىز دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "ئەي ئىنسانلار! ئىلگىرىكى كىشىلەرمۇ مۇشۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھالاك بولغان، ھەتتا ئۇلار پەيغەمبەرلەر ئىبادەت قىلغان ئورۇنلارنى ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇن قىلىۋالغان. يولدا ناماز ۋاقتى بولۇپ قالسا بۇنىڭغا ئوخشاش جايلارغا كىرىپ ناماز ئوقۇڭلار، ناماز ۋاقتى بولمىغان بولسا يولۇڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار" دېدى. [بۇ ئەسەرنى ئىبنى ئەبى شەيبە ئۆزىنىڭ ئەلمۇسەننىپ ناملىق ئەسىرى 7550-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بەيئەت بەرگەن دەرەخنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەتكەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ دەرەخنى كېسىۋېتىشكە بۇيرىغان. [بۇ ئەسەرنى ئىبنى ئەبى شەيبە ئۆزىنىڭ ئەلمۇسەننىپ ناملىق ئەسىرى 7545-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

     8-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلغۇچى ئەرلەر ئۈچۈن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىككى ھەمراھى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش، ئۇلارغا سالام بېرىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش يولغا قويۇلغاندۇر. ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدا ئاياللارنىڭ قەبىرە زىيارەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

    ئەبۇ داۋۇد(3236)، تىرمىزى(320) ۋە ئىبنى ماجە(1575) ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قەبرە زىيارەت قىلغۇچى ئاياللارغا لەنەت بولسۇن، دېگەن.» [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "مەسچىتلەرنى ئىسلاھ قىلىش" ناملىق ئەسەردە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام  قەبرە زىيارەت قىلغۇچى ئاياللارغا لەنەت قىلغان.» [تىرمىزى رىۋايىتى 1056 - ھەدىس. ئىمام ئەھمەد 2-توم 337-بەتتە كەلتۈرگەن. ئىبنى ماجە 1574-ھەدىستە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 843-ھەدىستە، مىشكاتۇل مەسابىھتا1770-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    زىيارەت قىلىشنىڭ قائىدىسى: زىيارەت قىلغۇچى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك قەبرىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئوڭ تەرىپىگە ئازراق مېڭىپ ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا سالام بېرىپ: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەي ئەبۇبەكرى دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئوڭ تەرەپكە يەنە ئازراق مېڭىپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا سالام بېرىپ: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەي ئۆمەر دەيدۇ.

    9- مەدىنىنى زىيارەت قىلغۇچى ئەرلەر ئۈچۈن بەقى قەبرىستانلىقى ۋە ئوھۇد شەھىتلىكىنى زىيارەت قىلىش يولغا قويۇلغاندۇر. بۇ جايلارنى زىيارەت قىلىش پەقەت ئۇلارغا سالام بېرىش ۋە دۇئا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇلار قەبرىستانلىققا چېقىدىغان ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنۇ دۇئانى تەلىم بەرگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ ئامانلىقى بۇ جايدا ياتقان مۆمىن مۇسۇلمانلارغا بولسۇن، بىزمۇ ئاللاھ تائالا خالىغان ۋاقىتتا ئەلبەتتە سىلەرگە قوشىلىمىز، ئاللاھ تائالادىن بىز ۋە سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز.» [بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا 974-ۋە 975- نومۇرلۇق ھەدىسلەردە كەلتۈرگەن].

    10-قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىش ئاساسەن ئەڭ يۈكسەك ئىككى مەقسەت ئۈچۈن يولغا قويۇلغان:

    بىرىنچىسى: زىيارەتچىلەر قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئاخىرەتنى ئەسلەيدۇ ۋە ئىبرەت ئالىدۇ.

    ئىككىنچىسى: قەبرىستانلىقتىكى مېيىتلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىش، ئاللاھ تائالادىن ئۇلارغا رەھمەت، مەغپىرەت ۋە ئىستىغپار تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

    قەبرە زىيارەت قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن تۈرلۈك شەكىلدىكى شېرىك-كۇپىرغا ئېلىپ بارىدىغان سۆزلەردىن ساقلىنىش كېرەك، بۇ توغرىدا بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ دادىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنى ئىلگىرى قەبرە زىيارەت قىلىشتىن چەكلىگەن، قەبرە زىيارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغۇچىلار زىيارەت قىلىڭلار چەكلەنگەن سۆزلەرنى قىلماڭلار.» [نەسائى رىۋايىتى 2033-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسەردە 886-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

     ئىمام مۇسلىم (چەكلەنگەن سۆزلەرنى قىلماڭلار) دېگەن سۆزنى بايان قىلمىغان شەكىلدە977 – نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.

    ھەرقانداق قەبرىنى كەبىنى تاۋاپ قىلغاندەك ئايلىنىش، قەبرىنىڭ ئارىسىدا ياكى قەبرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇش، قەبرىنىڭ يېنىدا قۇرئان تىلاۋەت، دۇئا تېلەكلەرنى قىلىپ ئىبادەت قىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ ۋاستىلىرىدىندۇر. گەرچە قەبرىستانلىققا مەسچىت بىنا قىلمىسىمۇ ئەمما ئۇ يەرنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىۋېلىش يۇقىرىدا چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى مىنۇۇتلىرىدا (يەنى سەكراتتا) ھۆل ياغلىقنى يۈزىگە ياپاتتى، بىر ئاز يەڭگىللەشكەندە ياغلىقنى ئېلىۋېتىپ تۇرۇپ، ئاللاھ تائالا يەھۇدى، ناسارالارغا لەنەت قىلسۇن، ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىسىنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىۋالدى،» دەپ ئۈممىتىنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن ئاگاھلاندۇردى. [بۇخارى رىۋايىتى 436-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 529-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرى قىيامەت بولغاندا ھاياتلىق ھالەتتە بولغان ۋە قەبرىستانلىقنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىۋالغانلاردۇر.» [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد 1-توم 405-بەتتە كەلتۈرگەن. بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارىدا "كىتابۇل فىتەن" بۆلۈمىدە 7067 -نومۇرلۇق ھەدىس "پىتنىنىڭ ئاشكارا بولىشىنىڭ بابىغا ئالاقىدار قىلىپ كەلتۈرۈلگەن. مۇسلىمدا "كىتابۇل فىتەن" بۆلۈمىدە 2949-ھەدىس قىيامەتنىڭ يېقىنلىشىشىنىڭ بابىدا (قەبرىستانلىقنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىۋالغان) دېگەن سۆزنى زىكىر قىلماي كەلتۈرگەن].

     ئەبى مەرسەد ئەلغەنەۋىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «قەبرىلەردە ئولتۇرماڭلار، قەبرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇماڭلار.» مۇسلىم  رىۋايىتى 972- نومۇرلۇق ھەدىس].

     ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زېمىننىڭ، قەبرىستانلىق ۋە ھاممامدىن باشقا ھەممە جايلىرى ناماز ئوقۇيدىغان جايدۇر.» [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ئۆز ئەسىرىنىڭ 3-توم83-بېتىدە كەلتۈرگەن. تىرمىزى رىۋايىتى 318-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ ئىرۋائۇل غەلىيل 1-توم 320-بەتتە كەلتۈرگەن].

    ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەبرىلەر ئارىسىدا ناماز ئوقۇشتىن چەكلىگەن.» [بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھىببان رەھىمەھۇللاھ 1698-نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. ھەيسەمى رەھىمەھۇللاھ "مەجمۇئىززاۋائىد" ناملىق ئەسەر 2-توم 27-بەتتە بۇ ھەدىس توغرىسىدا ھەدىسنىڭ راۋىيلىرى سەھىھ راۋىيلار دېگەن].

    قەبرىستانلىقتا سەجدە قىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇنداق قىلىش جاھىلىيەت دەۋرىدىكى بۇت پەرەس، غەيرى پىكىردىكى ئەقىلسىز كىشىلەرنىڭ قىلىقىدۇر، ھەرقانداق قەبرىنى زىيارەت قىلغۇچىنىڭ قەبرىدىن بەرىكەت تىلەپ سىلاش، سۆيۈش،بەدەنلىرىنى ياكى باشقا جايلىرىنى قەبرىگە يېقىش، قەبرىستانلىقتا يۇمۇلاپ ئۇ يەرنىڭ توپىلىرى بىلەن شىپالىق تەلەپ قىلىش ياكى يۇيۇنىۋىلىش ئۈچۈن ئۇ يەردىن بىر نەرسە ئىلىشى توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ قەبرىستانلىققا ئۆزىنىڭ مويلىرىنى، تىرناقلىرىنى، قول ياغلىق ياكى سۈرەتكە ئوخشاش نەرسىلەرنى كۆمۈپ قۇيىشى ياكى ئۇ يەرنىڭ توپىسىدىن ئىلىپ بەرىكەت تەلەپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ. قەبرىستانلىققا پۇل ياكى يېمەكلىككە ئوخشاش نەرسىلەرنى تاشلاش توغرا بولمايدۇ، بۇنداق قىلغان كىشىلەر بولسا ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ بۇ ئىشلارنى قايتا سادىر قىلماسلىقى كېرەك. قەبىرلەرگە خۇشبۇي نەرسىلەرنى سۈركەشمۇ توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك قەبرە ساھىبلىرى بىلەن ئاللاھ تائالاغا قەسەم قىلىش، ئۇلارنىڭ ئابرۇيى، ئۇلۇغلىقىنى ۋەسىلە كەلتۈرۈپ ئاللاھ تائالادىن ھاجىتىنى سوراشمۇ توغرا بولمايدۇ، بەلكى بۇنداق شەكىلدە ۋەسىلە قىلىش شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان چەكلەنگەن ۋەسىلىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. قەبرىنى ھەيۋەتلىك، ئۈستۈن قىلىپ قاتۇرۇشمۇ توغرا ئەمەس، چۈنكى بۇنداق قىلىش قەبرە ساھىبنى بەك ئۇلۇغلاش ۋە شېرىككە ئىلىپ بارىدۇ. يىمەكلىك ۋە خۇشبۇي نەرسىلەرنىڭ يۇقىرىدىكى چەكلەنگەن ئىشلارغا سەرپ قىلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولسا، ئۇ كىشىلەرگە ئۇ نەرسىلەرنى سېتىپ بېرىشمۇ توغرا بولمايدۇ.

ئۆلۈكلەرگە سېغىنىش، ئۇلاردىن ياردەم سوراش، مەدەت تىلەش، نامراتلىق، قەھەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تىلەپ نىدا قىلىش، مەنپەئەتكە ئېرىشىش ۋە قىيىنچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېلىنىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننى ئىسلام دىنىدىن چېقىرىۋىتىدىغان، بۇتقا چوقۇنغۇچىلاردىن قىلىپ قويىدىغان چوڭ شېرىكنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى ھەم-قايغۇ، قىيىنچىلىقلاردىن، ھېچقانداق شېرىكى بولمىغان يەككە-يېگانە ئاللاھ قۇتۇلدۇرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ذَٰلِكُمُ اللَّـهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ ۚ وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِهِ مَا يَمْلِكُونَ مِن قِطْمِيرٍ. إِن تَدْعُوهُمْ لَا يَسْمَعُوا دُعَاءَكُمْ وَلَوْ سَمِعُوا مَا اسْتَجَابُوا لَكُمْ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُونَ بِشِرْكِكُمْ  وَلَا يُنَبِّئُكَ مِثْلُ خَبِيرٍ﴾ تەرجىمىسى: «ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگە ئىگە ئەمەس. ئەگەر ئۇلارنى چاقىرساڭلار، سىلەرنىڭ چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ سىلەرگە جاۋاپ قايتۇرالمايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئاللاھقا ئۇلارنى شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ، (مۇشرىكلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالىنى ھېچ ئەھەدى) ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار زاتتەك (يەنى ئاللاھدەك) ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.» [سۈرە پاتىر 13-14-ئايەتلەر].

    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلِ ادْعُوا الَّذِينَ زَعَمْتُم مِّن دُونِهِ فَلَا يَمْلِكُونَ كَشْفَ الضُّرِّ عَنكُمْ وَلَا تَحْوِيلًا . أُولَـٰئِكَ الَّذِينَ يَدْعُونَ يَبْتَغُونَ إِلَىٰ رَبِّهِمُ الْوَسِيلَةَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ وَيَرْجُونَ رَحْمَتَهُ وَيَخَافُونَ عَذَابَهُ إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ كَانَ مَحْذُورًا﴾ تەرجىمىسى: «داۋۇتقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ خۇدا دەپ ئويلىغانلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ قولىدىن سىلەردىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشمۇ ۋە ئۇنى (باشقىلارغا) يۆتكەپ قويۇشمۇ كەلمەيدۇ. ئۇلار (ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ دەپ) ئىبادەت قىلىدىغانلارنىڭ (ئۆزلىرى ئىبادەت ئارقىلىق) پەرۋەردىگارىغا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (پەرۋەردىگارىغا) يېقىنراق بولغىنى (ھەم ئىبادەت ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ)، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ (ئۇنىڭ) ئازابىدىن قورقىدۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن ساقلىنىشقا تېگىشلىكتۇر.» [سۈرە ئىسرا 56-57-ئايەت].

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىتىنىڭ ئىمام -خاتىپى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئەلبۇدەير.
Create Comments