سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھەج قېلىش ئەۋزەلمۇ ياكى سەدىقە قىلىشمۇ؟

سۇئال

پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغان كىشى ئۈچۈن، تەكرار نەپلە ھەج قېلىش ئەۋزەلمۇ ياكى شۇ ئىقتىسادنى كەمبەغەللەرگە ياردەم قېلىشمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ئەسلىدە نەپلە يەنى تەكرار ھەج قېلىشنىڭ ھەجگە سەرپ قىلىنىدىغان مالنى سەدىقە قىلىۋېتىشتىن دەرىجسى يۇقىرى بولىدۇ. ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تەكرار ھەج قىلىدىغان ئىقتىسادنى سەدىقە قىلىش ئەۋزەل بولىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ يولىدا جىھاد قېلىش ياكى دىنى دەۋەت، تەشۋىقات ئىشلىرى ياكى جىددى ئېھتىياجلىق كىشىلەر، شۇنداقلا يوقسۇل ئۇرۇغ-تۇغقانلارغا ياردەم قېلىش قاتارلىقلار بەزىدە نەپلە ھەج قىلىشتىن ئەۋزەل بولىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە "ئەلئىختىيارات" ناملىق ئەسىرىنىڭ 206-بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئەسلىدە ئۆزىگە پەرز بولمىغان سەدىقىدىن ھەج قېلىشنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ. ئەمما ئېھتىياجلىق ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بولسا ئۇلارغا ياردەم قېلىشنىڭ دەرىجىسى تەكرار ھەج قىلغاندىن ئەۋزەل بولىدۇ. شۇنىڭدەك ياردەمگە جىددى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ماددى ياردەم قىلىشنىڭمۇ دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ.

ئەمما سەدىقە ۋە ھەج قېلىش ئىككىلىسى نەپلە بولسا، بۇ ۋاقىتتا ھەج قېلىش ئەۋزەل دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى ھەج ئىبادىتى بەدەنى ۋە مالى يەنى مال سەرپ قېلىش بىلەن ئۆزى بىۋاستە قىلىدىغان ئىبادەتتۇر. شۇنىڭدەك قۇربانلىق ۋە ئەقىقە قېلىش ئۈچۈن مال سويۇش، ئۇنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلغاندىن ياخشى. ئەمما تەكرار ھەج قىلغۇچى يولدا پەرز ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قېلىشى، چەكلەنگەن-ھارام ئىشلاردىن يىراق بولىشى، بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئۆز ۋاقتىدا ئادا قېلىشى، سەمىمى ۋە راستچىل بولىشى، ئامانەتدار بولىشى ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق شەرتى بىلەن ئەۋزەل يەنى سەدىقە بېرىشتىن نەپلە ھەج قىلىش ئەۋزەل دەپ قارىلىدۇ".

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلىپ سەمىمىيەت بىلەن ھەج-ئۆمرە قىلىشى ۋە بۇ ئىبادەتلەرنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئادا قىلىشى، ئۇنىڭغا سەرپ قىلىنىدىغان ئىقتىسادنى سەدىقە قىلىۋەتكەندىن ياخشى بولىدۇ.

سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىككى ئۆمرە ئۆز ئارىلىقىدىكى گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ. ئۆلچەملىك ئادا قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپىتى پەقەتلا جەننەتتۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 1773. مۇسلىم رىۋايىتى 1349].

يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: رامىزاندا قىلىنغان ئۆمرىنىڭ ساۋابى ھەجنىڭ ساۋابىغا باراۋەر بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 1782. مۇسلىم رىۋايىتى 1256].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغانلار ئىككىنچى قېتىم تەكرار ھەج قىلىدىغان ئىقتىسادنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدىغان مۇجاھىدلارغا ياردەم قىلسا ياخشى بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: قايسى ئەمەل-ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى ئارتۇق؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش، دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ دەپ سورالغاندا: ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قېلىش، دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ دەپ سورالغاندا: قوبۇل بولغان ھەج، دەپ جاۋاب بەردى. [بۇخارى رىۋايىتى 26-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 83-ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جىھادتىن كېيىن ھەجنى كەلتۈردى. بۇنىڭدىن تەكرار يەنى نەپلە ھەج مەقسەت قېلىنىدۇ، چۈنكى پەرز ھەج ئىسلام ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قادىر بولالايدىغان كىشىلەر ھاياتىدا بىر قېتىم ئادا قىلسا بولىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىنى جابدۇپ-يولغا سالغان كىشى جىھاد قىلغۇچىغا ئوخشاشتۇر، جىھاد قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان كىشىمۇ جىھاد قىلغۇچىغا ئوخشاشتۇر. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىلار ماددى ياردەمگە ئىنتايىن ئېھتىياجلىق، يۇقىرىقى ئىككى ھەدىستە ۋە باشقا ھەدىسلەردە بايان قىلىنغاندەك تەكرار ھەج قېلىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ئىقتىسادنى، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىلارغا سەرپ قىلىشنىڭ دەرىجىسى نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: پەرز ھەج-ئۆمرىنى ئادا قىلىپ بولغان كىشىلەر تەكرار ھەج-ئۆمرە قىلىدىغان ئىقتىسادنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىلارغا ياردەم قىلسا بۇنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى، شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن بولغان جىھاد تەكرار ھەج-ئۆمرە قىلغاندىن ئارتۇق بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ھەج قىلغان ئەۋزەلمۇ ياكى بۇ ئىقتىسادنى مەسچىت ياساشقا ياردەم قىلىش ئەۋزەلمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: مەسچىتنى رىمونت قىلىش زۆرۈر بولىدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا نەپلە ھەج-ئۆمرىگە سەرپ قىلىنىدىغان ئىقتىسادنى مەسچىتنى رىمونت قېلىشقا ئىشلىتىش ئەۋزەل. چۈنكى بۇ ئەمەلنىڭ مەنپەئەتى بۈيۈك ۋە ساۋابى داۋاملىشىدۇ، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشىغا ياردەمچى بولغان بولىدۇ.

ئەمما مەسچىتنىڭ رىمونىتى ئۈچۈن باشقىلار ياردەم قىلغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ھەج-ئۆمرە قىلسا ياكى قىلدۇرسا ۋە ئۆزى ئۈچۈن تەكرار ھەج-ئۆمرە قىلسا - ئاللاھ خالىسا- بۇ ئەۋزەلدۇر. لېكىن ئۆزى ئۈچۈن ۋە ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھەج قېلىشى لازىم. [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى16-توم 368-372-بەتلەر].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ قارىشىمىزدا، تەكرار ھەج قېلىشقا سەرپ قىلغان ئىقتىسادنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قېلىشقا سەرپ قېلىش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى نەپلە جىھاد نەپلە ھەج قىلىشتىن پەزىلەتتە ئارتۇق ۋە دەرىجىدە ئەۋزەلدۇر. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالىرى 2-توم 677-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى