Thu 24 Jm2 1435 - 24 April 2014
3711
ئېمىۋاتقان بالىسىدىن ئەنسىرەپ روزا تۇتماسلىق توغرىسىدا
بىر ئايال رامىزاندا تۇغۇپ، ئېمىۋاتقان بوۋاقتىن ئەنسىرەپ رامىزاندىن كېيىن پەرز روزىنىڭ قازاسىنى قىلماي تۇرۇپ، شۇ ئارىدا يېڭىدىن ھامىلدار بولۇپ، كېلەر يىلى رامىزاندا يەنە بىرنى تۇغقان بولسا، بۇ ئايال رامىزاندا تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن كاپارەت بەرسە توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


     بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

     بۇ ئايال گەرچە ئىككىنچى رامىزاندىن كېيىن بولسىمۇ تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ ئايال ئەۋۋەلقى ۋە كېيىنكى رامىزان ئارىسىدا  ئۆزۈرلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلالمىدى. مەزكۇر ئايال بالا ئېمىتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى قىش كۈنلىرى كۈن ئاتلاپ تۇتسا بەلكىم قېيىن بولماس. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى ئۈچۈن كۈچ-قۇۋۋەت بەرسۇن. بىرىنچى رامىزاندىن كېيىن قازاسىنى قىلالمىغان بولسا، ئىككىنچى رامىزاندىن كېيىن قازاسىنى قىلسىمۇ بولىدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى.

تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى