سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

روزىدارنىڭ باشقىلارنى تىللىشى ۋە دەشنام قىلىشى توغرا بولمايدۇ

سۇئال

مەن روزىدار تۇرۇپ بىر كىشىنى تىللىسام ياكى باشقا بىر كىشىگە ئەدەپسىزلىك قىلىپ ناچار مۇئامىلىدە بولسام، بۇ ئىش تۇتقان روزامنى بۇزىۋىتەمدۇ؟، بۇنىڭ جاۋابىنى بىلىشنى خالايمەن، چۈنكى مېنىڭ بەزى دوستلىرىم روزىدار تۇرۇپ كىشىلەرنى تىللايدۇ، دەشنام قىلىدۇ، ناچار مۇئامىلىدە بولىدۇ، مەن ئۇلارغا روزا تۇتقان ۋاقىتتا كىشىلەرگە ئازار يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت خاتالىقلاردىن ساقلىنىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى يەتكۈزۈشنى خالايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگار بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

رامىزاننىڭ كۈندۈزلىرى كىشىلەرگە ئازار يەتكۈزۈشتەك خاتالىقلارنى سادىر قىلىش روزىنى بۇزىۋەتمەيدۇ. يەنى ئۇ روزىنى سۇندۇرىدىغان ئامىللاردىن ئەمەس. ئەمما روزىنىڭ ساۋابنى كېمەيتىۋېتىدۇ، بەزى ۋاقىتتا روزىنىڭ ساۋابنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن روزا تۇتقۇچىغا تۇتقان روزىدىن پەقەت ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى تارتقىنى قالىدۇ.

روزا تۇتقۇچى ئۆزىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلاشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، روزا تۇتۇشتىكى مەقسەت پەقەت يېمەك-ئىچمەكتىن چەكلىنىشلا بولماستىن، بەلكى ئاللاھ تائالاغا بولغان ھەقىقى تەقۋادارلىقنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولىدىغان بارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىش دېمەكتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى. [سۈرە بەقەرە 183-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: يالغانچلىقنى تەرك قىلمىغان (يەنى يالغان سۆزلەش، غەيۋەت قىلىش، گەپ توشۇش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىق چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلمىغان) ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىپ، گۇناھ، پاھىشە، مۇنكىر ئىشلارنى تەرك قىلماستىن روزا تۇتقان كىشىنىڭ يېمەك-ئىچمەكنى تەرك قىلىپ تۇتقان روزىسىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ھېچقانداق ھاجىتى يوقتۇر. (يەنى ئۇنداق ھالەتتە تۇتقان روزىنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى بولمايدۇ). [بۇخارى رىۋايىتى 1903- 6057- نومۇرلۇق ھەدىسلەر].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈنىدە باشقىلارغا ناچار سۆزلەرنى قىلمىسۇن ، جېدەل-ماجرا قىلمىسۇن، ئەگەر باشقىلار ئۇنىڭغا دەشنام قىلسا ياكى ئۇرۇشسا، مەن روزىدار، مەن روزىدار دېسۇن. [بۇخارىي رىۋايىتى 1894-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1151-ھەدىس]. (يەنى روزا تۇتقۇچىباشقىلارنىڭ ناچار مۇئامىلىسىگە ئوخشاشلا ناچار مۇئامىلىدە بولماستىن بەلكى مەن روزىدار دەپلا جاۋاپ بەرسۇن).

روزىدار كىشى ئۆزىگە دەشنام قىلغان كىشىگە جاۋاپ قايتۇرماسلىققا بۇيرۇلغان تۇرسا، باشقىلارغا ئازار يەتكۈزۈش، دەشنام قىلىش روزىدارنىڭ شەنىگە ھەرگىزمۇ لايىق بولمايدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۇنى بىلىش كېرەككى، ناچار سۆز قىلىش، گۇناھ-مەسىيەت ئىشلەش، ئۇرۇش-جېدەل ۋە باشقىلارغا دەشنام قىلىشتىن چەكلىنىش پەقەتروزىدارغىلا خاس بولماستىن بەلكى ھەممە كىشى ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ، لېكىن روزىدار كىشىگە نىسبەت ئۇنداق ئىشلاردىن ساقلىنىش جىددى تەكىتلىنىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: روزا تۇتۇش پەقەت يېمەك-ئىچمەكتىن چەكلىنىش ئەمەس، بەلكىروزا تۇتۇشدېگەن: ناچار سۆز، ئىش-ھەرىكەتلەردىن يىراق بولۇش، بىرەر كىشى تىللىسا ياكى دەشنام قىلسا، ئۇنىڭغا: مەن روزىدار، مەن روزىدار دەپ جاۋاپ بېرىشتۇر. [ھاكىم رىۋايىتى].

ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بەزى روزىدارلار ئۈچۈن تۇتقان روزىسىدىن ئۇنىڭغا ئاچلىقتىن باشقا نەرسە قالمايدۇ، بەزى قىيامدا تۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئۇيقىسىزلىقتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1690-ھەدىس].

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى