جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

بامداتقا ئەزان چىققاندا ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىۋاتقان بولسا قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   رامزاندا بامداتقا ئەزان چىققاندا ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىۋاتقان كىشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، ئەزاننى ئاڭلاش بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتنى توختىتامدۇ ياكى ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئۆتكۈزۈپ بولغىچە داۋاملاشتۇرامدۇ؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز، ئاللاھ كۆپ ئەجىر بەرگەي.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىۋاتقان كىشى تاڭنىڭ يورىغانلىقىنى بىلسە، جىنسى مۇناسىۋەتنى دەرھال توختىتىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، ھېچ قانداق بىر نەرسە كەلمەيدۇ. تاڭ يورىغاندىن كېيىن جىنسى مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر داۋاملاشتۇرغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئۇ كىشىگە شۈ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە كاپارەت كېلىدۇ.

    كاپارەت: قۇل ئازاد قىلىش، قۇل ئازاد قىلغۇدەك پۇل بولمىسا ياكى قۇل تېپىلمىسا، ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش، ئەگەر بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، ئاتمىش كەمبەغەلگە يېمەك بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 1672 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنى: تاڭ يورۇغاندا بولسا شۇنداق بولىدۇ، ئەمما مۇئەززىننىڭ ئەزىنىگە كەلسەك:

   ئەگەر مۇئەززىن تاڭ يورۇش بىلەنلا ئەزان توۋلايدىغان بولسا، ئۇ كىشى ئەزاننى ئاڭلاش بىلەنلا جىنسى مۇناسىۋەتنى توختىتىشى كېرەك، ئەگەر توختاتمىسا، يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، ئۇ كىشىگە شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە كاپارەت كېرەك بولىدۇ.

   ئەگەر مۇئەززىن تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ئەزان ئوقۇيدىغان بولسا، تاڭنىڭ يورىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغانغا قەدەر جىنسى مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. چۈنكى بەزى مۇئەززىنلەر ئۆزىنىڭ خاتا قارىشى بويۇنچە، روزا بولغانلىقى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىپ سەل بۇرۇنراق ئەزان توۋلاپ قويىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: روزا تۇتىدىغان كىشى بامداتنىڭ ئەزىنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۇ ئېچسە توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېگەن:"روزا تۇتىدىغان كىشى بامداتنىڭ ئەزىنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۇ ئېچسە، ئەگەر مۇئەززىننىڭ تاڭ يورىغاندىن كېيىن ئەزان توۋلايدىغانلىقى ئېنىق بولسا، روزىدارنىڭ ئەزاننى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر نەرسە يېيىشى ۋە ئېچىشى توغرا بولمايدۇ، ئەمما مۇئەززىن تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئەزان توۋلىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تاڭنىڭ يورىغانلىقى ئېنىق بولغىچە يېسە ۋە ئېچسە توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: فَالآنَ بَاشِرُوهُنَّ وَابْتَغُوا مَا كَتَبَ اللَّهُ لَكُمْ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَكُمْ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنْ الْخَيْطِ الأَسْوَدِ مِنْ الْفَجْرِ تەرجىمىسى: «ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار ۋە ئىچىڭلار.» [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

   بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىلال ھەقىقەتەن كېچىدە ئەزان ئوقۇيدۇ، ئۇ ۋاقىتتا يەڭلار ۋە ئېچىڭلار، ھەتتا ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەزان ئوقۇغاندا يېمەك-ئېچمەكتىن توختاڭلار، چۈنكى ئۇ كىشى تاڭ يورىمىغۇچە ئەزان ئوقۇمايدۇ».

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئەزان ئوقۇيدىغان مۇئەززىنلەر بامداتنىڭ ئەزىنىنى ئوقۇغاندا بەك دىققەت قىلىش كېرەك، تاڭنىڭ يورىغانلىقى ئېنىق بىلىنگەندە ياكى سائەت بىلەن ۋاقىتنى ئېنىق بېكەتكەندە ئەزان ئوقۇش كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، كىشىلەر مۇئەززىننىڭ ئەزىنى بىلەن ۋاقىتنى بىلەلمەي قىلىپ، ئاللاھ ئۇلارغا ھالال قىلغان نەرسىنى ئۆزلىرىگە ھارام قىلىدۇ، ئەزان چىقتى دەپ بامدات نامىزىنى ۋاقتى كىرىشتىن ئىلگىرى ئوقۇپ توغرا بولمىغان ئىشنى قىلىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىك بولىدۇ. ["ئىسلام پەتىۋالىرى" 1-توم 122-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى