شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

رامىزاندا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

رامىزاندا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

رامىزاندا ئەتىر ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشىدىكى خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش دۇرۇس بولۇپ، بۇ نەرسىلەر روزىنى بۇزمايدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىن بۇ ھەقتە سورالغىنىدا، مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: ئەتىر ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش رامىزان روزىسى ياكى نەپلە روزىلارنى بۇزمايدۇ.

يەنە مۇنداق دېيىلگەن: روزا تۇتقان كىشى رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ھەرقانداق خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتسە روزىدارنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ،لېكىن زورىدار يۇمشىتىلغان مىسكى-ئەنبەر ۋە بۇرۇن ئارقىلىق سۈمۈرۈپ لەززەتلىنىغان سوقالغان ياكى كويدۇرۇپ ھىدلىنىدىغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشى لازىمدائىمى كومىتېت پەتىۋاسى 10271.

ئەللامە شەيخ ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «روزىدار ئۈچۈن رامىزان ئېيىدا ئەتتىگەندىن تارتىپ تا كەچ كىرگىچە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ياكى مايلىنىش دۇرۇس، بۇرۇن ئارقىلىق سۈمۈرۈپ لەززەتلىنىدىغان سوقۇلغان ياكى كويدۇرۇپ ھىدلىنىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىشى كېرەك، چۈنكى بۇنداق نەرسىلەرنىڭ پارچىلىرى، بۇرۇن ئارقىلىق سۈمۈرگەندە دىمىقىدىن ئاشقازانغا كېتىپ قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەيت ئىبنى سەبرە رەزىيەللاھۇئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: روزا تۇتمىغان ۋاقىتلاردا بۇرۇنغا سۇ ئىلىشتا ۋايىغا يەتكۈزگىن ئىسلام ئاساسلىرى پەتىۋالىرى ناملىق ئەسەر 469-بەت.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى