جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

روزىدار ئەر-ئاياللاردىن مەزى كەلسە، بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

    ئادەتتىكى سەۋەپلەردىنمۇ شەھۋېتىمنىڭ كۆپ قوزغىلىشىدىن ئىچىم پۇشىدۇ، يولدىن ئۆتسەم ياكى ئايالغا تۇيۇقسىز قاراپ قالسام، بۇنداق ۋاقىتتا تىزدىن كۆزۈمنى يۇمىۋالىمەن، لېكىن بىر نەرسە كېلىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئولتۇرسام پىكىر-خىياللار كېلىدۇ، دەرھال ئۆزۈمنى يېغىمەن، شۇنداقتىمۇ يەنە بىر نەرسىلەر كېلىدۇ، بۇنداق ھالەتتە روزام بۇزۇلامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مەزى پىكىر-خىيال قىلىش سەۋەبىدىن كەلسۇن ياكى ئەر كىشى ئايالىنى سۆيۈپ قويۇش بىلەن كەلسۇن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەبلەردىن كەلسۇن، بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، بۇ ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھىبى. [ "ئەلمەجمۇ"  6 - توم 323 -بەت.]

    ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "ئەل ئىختىيارات"  193 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " ئايالىنى سۆيۈپ قويۇش ياكى سىلاپ قويۇش ياكى تەكرار قاراش سەۋەبىدىن مەزى كەلسە بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام شافىئى ۋە بىزنىڭ بەزى ئالىملىرىمىزنىڭ قارىشىدۇر" .

    ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللاپ "شەرھىل مۇمتى" 6 -توم 390 -بەتتە مۇنداق دېگەن: " يۇقىرىقى قاراشلاردىن بولغان دەلىل روزىنىڭ بۇزۇلمايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر، چۈنكى روزا ئىنسان شەرئى يول بىلەن باشلىغان بىر ئىبادەت بولۇپ، بۇ ئىبادەت پەقەت شەرئى دەلىل بىلەن بۇزۇلىدۇ".

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى