Thu 24 Jm2 1435 - 24 April 2014
38145
ھاراقكەشنىڭ ھالىغا ۋاي!
بىر قىز رامزان ئېيى كېرىشتىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ھاراق ئىچىدۇ ۋە رامىزان ئېيى كىرگەندىن باشلاپ پەرز روزىنىمۇ تۇتۇشقا باشلايدۇ، دوستلىرىدىن بىرى ئۇ قىزغا: ئۇنىڭ رامىزاندىن بىرنەچچە كۈنلا ئىلگىرى ھاراق ئىچكەنلىكى سەۋەبىدىن، روزىسىنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ۋە ئۇ ئىبادىتىنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقى، ھاراق ئىچكۈچى ناماز ۋە روزىلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولىشى ئۈچۈن 40 كۈن ساقلىشى لازىملىقىنى ئېيتقان. يۇقىرىقى سۆزلەر توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

     شۈبھىسىزكى، ھاراق ئېچىش چوڭ گۇناھلاردىن سانىلىدۇ. ھاراق بارلىق رەزىللىكنىڭ مەنبىيى، يامانلىقلارنىڭ ئاچقۇچى...، ئەقىلنى بۇزغۇچى، پۇلنى ئىسراپ قىلغۇچى، باشنى ئاغرىتقۇچى، تەمى كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان، نىجىسلىقتا ۋايىغا يەتكەن مەلئۇن شەيتاننىڭ قىلمىشىدۇر. ھاراق ئىچىش كىشىلەر ئارىسىدا ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. ئۇ، ھاراقكەشنى ئاللاھنى ياد ئېتىش، نامازنى ئادا قىلىشتىن چەكلىگەندىن سىرت، زىنا ۋە ئۇنىڭغا ئىلىپ بارىدىغان پىسق-پۇجۇرلارغا چاقىرىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانى ئەخلاقنىڭ يوقىلىشىدا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ، ھەتتا مەستلىكتىن ئۆزىنىڭ قىزى، ھەمشىرىسى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا چىقىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئايالى ۋە قىزلىرىغا بولغان كۈندەشلىكىنى يوق قىلىدۇ، خارلىق، رەسۋالىق ۋە پۇشايماننى كەلتۈرىدۇ. ھاراق ئىچكۈچىلەر ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەقىلنى توغرا يولغا سەرپ قىلمىغان كىشىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئىپپەت-ھايانى ئاياغ-ئاستى قىلىدۇ، سىرلارنى ئاشكارا قىلىدۇ، باشقىلار ئالدىدا ئاشكارا ئىشلەش چەكلىنىدىغان ئىشلارنى يەنى گۇناھ-مەسىيەت ۋە قەبىھ ئىشلارغا ھېچ پەرۋا قىلماستىن ئىشلەيدۇ. ھاراقكەش قەلبىدە چەكلەنگەن-ھارام ئىشلاردىن ھەزەر قىلىش تۇيغۇسى بولمايدۇ، ھاراق ئىچىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغۇچىنىڭ قىلمىشى، بۇتقا ئىبادەت قىلغۇچىنىڭ قىلمىشىغا ئوخشاشتۇر.

     ھاراق قانچىلىغان جېدەل-ماجرالارغا سەۋەپ بولدى؟، ئۇنى ئىچكەنلىك سەۋەبىدىن قانچىلىغان كىشىلەر ئىقتىسادتىن ئايرىلىپ نامراتلىشىپ، ئىززەت-ھۆرمىتى يوقىلىپ خار بولۇپ، جەمئىيەتتە يۈز-ئابرۇيى چۈشتى؟.

      ھاراق سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئەر-ئاياللار ئاجراشتى، پەرزەنتلەر يىتىم بولدى، قەلبلەر ئۆرتەندى، يۈرەكلەر داغلاندى، قايغۇ-ھەسرەت دەرت-ئەلەملەرنى قالدۇردى، ئۇلاردىن ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت بولدى، ھاراق ئىچكۈچىلەرگە ياخشىلىق ئىشىكلىرى تاقالدى، يامانلىق ئىشىكلىرى ئېچىلدى، ئۇلار نۇرغۇن بالا-مۇسىيبەتلەرگە دۇچ كەلدى، ۋاقىتسىز ھاياتىدىن ئايرىلدى، ھاراقكەشلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىيبەتلەر ناھايىتى كۆپ، چۈنكى ھاراق گۇناھنىڭ مەنبىيى، يامانلىقنىڭ باشلىنىشى، ئىنساننىڭ نېمەتتىن ئايرىلىپ، ئازابقا دۇچار بولۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر.

     ئۇنىڭ رەزىللىكنى ھېسابقا ئالمىغان تەقدىردىمۇ، ھاراقكەش جەننەتنىڭ شارابلىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ، بۇنىڭ ئۆزىمۇ كۇپايە قىلغۇدەك مۇسىيبەتتۇر. ھاراقنىڭ زېيىنى بىز يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدىن نەچچە ھەسسە كۆپتۇر. [ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھنىڭ "ھادىيەلئەرۋاھ"  ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىندى].   

     تۆۋەندە بۇ ھەقتە بىرنەچچە دەلىللەرنى كەلتۈرىمىز:

1     - ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ھاراقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِّنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار.» [مائىدە سۈرىسى 90-ئايەت]

    2    - ئاللاھ تائالا ھاراق ئىچكۈچىگە لەنەت قىلدى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھاراققا، ئىچكۈچىگە، قۇيۇپ بەرگۈچىگە، ياساشقا بۇيرۇغۇچى ۋە بۇيرۇلغۇچىغا، يۆتكەپ ئەكىلىشكە بۇيرۇغۇچى ۋە ئەكىلىپ بەرگۈچىگە، ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىغا ۋە پۇلىنى ئىشلەتكۈچى قاتارلىقلارغا ئاللاھ لەنەت قىلدى» دېگەن. [سۈنەن ئەبۇ داۋۇت 3189- ھەدىستە بايان قىلىنغان. شەيخ ئەلبانىي ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 2- توم 700- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

3    -پەيغەمبەرئەلەيھىسسلام ھاراق ئىچىشنى ئادەت قىلغۇچىنى بۇتقا چوقۇنغۇچىغا ئوخشاتقان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھاراق ئىچىشنى ئادەت قىلىۋالغۇچى كىشى بۇتقا ئىبادەت قىلغۇچىغا ئوخشاشتۇر» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3375- نومۇرلۇق ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 2720- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

 4   -ھاراق ئىچىشنى ئادەت قىلىۋالغۇچى جەننەتكە كېرىشتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھاراق ئىچىشنى ئادەت قىلىۋالغۇچى كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ.» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3376-نومۇرلۇق ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 2721 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن]. 

5   - ئوسمان ئىبى ئەپپان رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھاراقتىن يىراق بولۇڭلار، چۈنكى ئۇ بارلىق يامانلىقنىڭ مەنبەسىدۇر، ئىلگىرىكى زاماندا بىر ئابىد بولۇپ، ئۇ بىر بۇزۇق ئايالغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ-دە، بىر كۈنى ئۇ بۇزۇق ئايال ئۆزىنىڭ ئايال خىزمەتچىسىنى ئابىدىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ، ئابىدنى بىر ئىشقا گۇۋاھ بولۇشقا تەكلىپ قىلغان، ئابىد ماقۇل بولۇپ، ئايال خىزمەتچى بىلەن بىرگە ئۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە كەلگەن، ئابىد ھەر بىر ئىشىكتىن كىرگەندە خىزمەتچى ئىشىكنى تاقىۋەتكەن، ئەڭ ئاخىرقى ئۆيگە كىرگەندە، ئۆيدە ھىلىقى بۇزۇق ئايال، بىر كىچىك بالا ۋە بىر جام ھاراقنى كۆرىدۇ، ئۇ ئايال ئابىدقا: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سېنى بۇ يەرگە گۇۋاھچىلىققا چاقىرمىدىم، لېكىن سېنى چاقىرىشىمدىكى سەۋەپ، مەن بىلەن بىرگە بولۇشۇڭ ياكى بۇ ھاراقنى ئىچىشىڭ ياكى بۇ بالىنى ئۆلتۈرۈشىڭ ئۈچۈندۇر، دەيدۇ، ئابىد: ماڭا ھاراق قۇيغىن دەيدۇ، بىر ئاپقۇر ئىچكەندىن كېيىن توختىماستىن ھاراق قۇيۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھاراقنى ئىچىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇ ئايال بىلەن بىرگە بولدى يەنى زىنا قىلدى ۋە كىچىك بالىنىمۇ ئۆلتۈردى. ھاراقتىن يىراق تۇرۇڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھاراقنى ئادەت قىلىۋېلىش بىلەن ئىمان بىر جايدا بولمايدۇ، ئىككىسىدىن بىرى بولىدۇ، يەنى ياكى ئىمانلىق مۇسۇلمان بولىدۇ ياكى ھاراقنى ئادەت قىلىش بىلەن ئىماندىن ئايرىلىدۇ.» [نەسائىي رىۋايىتى 5666-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي نەسائىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 5236-ھەدىستە كەلتۈرگەن]. 

6   - ھاراقكەشنىڭ 40 كۈنگىچە ئوقۇغان نامىزى قوبۇل بولمايدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغان كىشىنىڭ 40 كۈنگىچە ئوقۇغان نامىزى قوبۇل بولمايدۇ، ئۆلۈپ كەتسە دوزاخقا كىرىدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، يەنە قايتىدىن ھاراق ئىچىپ مەست بولسا، 40 كۈنگىچە ئوقۇغان نامىزى قوبۇل بولمايدۇ، ئۆلۈپ كەتسە دوزاخقا كىرىدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، يەنە قايتىدىن ھاراق ئىچىپ مەست بولسا، 40 كۈنگىچە ئوقۇغان نامىزى قوبۇل بولمايدۇ، ئۆلۈپ كەتسە دوزاخقا كىرىدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، يەنە ھاراق ئىچىپ مەست بولسا، چوقۇم ئاللاھ تائالا ئۇنى قىيامەت كۈنىدە سىېسىق نەرسە بىلەن سۇغۇرىدۇ، ساھابىلار: يا رەسۇلۇللاھ! قانداق سىېسىق نەرسە بىلەن؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: دوزاخ ئەھلىنىڭ سىېسىق تەرلىرى، ژىرىڭ زەرداپلىرى بىلەن دەپ جاۋاپ بەرگەن.» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3377-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 2722-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

      نامىزى قوبۇل بولمايدۇ دېگەنلىك؛ ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس ئەمەس ياكى نامازنى تەرك قىلسۇن دېگەنلىك بولماستىن بەلكى ئۇ نامازغا ساۋاب بېرىلمەيدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئۇنداقتا، مەزكۇر نامازنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ دېيىلسە، ئۇنىڭ پايدىسى: نامازنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ۋەزىپە ئادا بولىدۇ ۋە نامازنى تەرك ئەتتىڭ دەپ جازالانمايدۇ.

     ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى مىرۋەزىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇنىڭ نامىزى قوبۇل بولمايدۇ، دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، ئۇنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىنىڭ جازاسى ئۈچۈن 40 كۈنگىچە ئوقۇغان نامىزىغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ دېگەنلىكتۇر. خۇددى جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا جىم ئولتۇرماي گەپ قىلغان كىشى گەرچە جۈمە نامىزىنى ئوقۇسىمۇ، ئۇنىڭغا (لا جمعة) ساڭا جۈمە يوق دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ  خاتالىقىنىڭ سەۋەبىدىن جۈمە نامىزىنىڭ ساۋابى بېرىلمەيدۇ دېگەنلىك مەقسەت قىلىنىدۇ". [نامازنىڭ قەدرىنى ئۇلۇغلاش ناملىق ئەسەرنىڭ 2- توم 587-588-بەتلەرگە قارالسۇن].

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نامىزى قوبۇل بولمايدۇ دېگەننىڭ مەنىسى، ئوقۇغان نامىزىغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ دېگەنلىكتۇر، شۇنداقتىمۇ نامازنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۈستىدىكى پەرز ئادا بولىدۇ، ئۇنىڭ نامازلىرىنى قايتىدىن ئوقۇشى كېرەك بولمايدۇ". 

     ئەمما سوئالدا بايان قىلىنغان، "تۇتقان روزىسى رەت قىلىنىدۇ، قوبۇل قىلىنمايدۇ" دېگەن سۆزگە كەلسەك، بەزى ئالىملار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نامىزى قوبۇل قىلىنمايدۇ دېگەن ھەدىسكە ئاساسلىنىپ، ناماز قوبۇل قىلىنمايدىكەن باشقا ئىبادەتلىرىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ دەپ يەكۈن چىقارغان. 

     ئۇستاز مۇبارەك پورىي تىرمىزىنىڭ شەرھىسى تۆھپەتۇل ئەھۋەزىيدە بايان قىلىنغان بۇ سۆزنى نەقل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "نامىزى قوبۇل قىلىنمايدۇ دەپ ھەدىستە نامازنى خاس قىلىشتىن بولغان مەقسەت، ناماز دېگەن بەدەنى ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەۋزىلىدۇر، ئەگەر بۇ ئىبادەت قوبۇل قىلىنمىسا ئەلۋەتتە باشقا ئىبادەتلەرمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئىمام ئىراقىي ۋە مەناۋىيلارمۇ شۇنداق دېگەن. 

      يۇقىرىقى قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، ھاراقكەشنىڭ تۇتقان روزىسىنىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ دەيمىز، بۇنىڭدىن ھاراقكەش روزا تۇتمىسۇن دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى ئۇ ئىنسانمۇ روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلىدۇ، ئەمما تۇتقان روزىنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقى، ئۇنىڭ جازاسىدۇر، ھەقىقەتتە ھاراقكەشكىمۇ نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش، رامزاندا روزا تۇتۇش پەرز، ئەگەر ناماز-روزىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جىنايىتى ھاراق ئىچكەننىڭكىدىنمۇ كاتتا بولىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، مۇسۇلماننىڭ گۇناھ-مەسىيەتكە چۈشۈپ قىلىپ، ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلىشتىن ئاجىز كېلىشى، ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى ئۆزىگە ئادەت قىلىپ داۋاملاشتۇرۇشى ياكى تائەت-ئىبادەتنى تەرك قىلىپ ئۇنىڭغا سەل قارىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى كۈچىنىڭ يېتىشچە تائەت-ئىبادەتكە يۈزلىنىپ، ھالاكەتلىك چوڭ گۇناھلاردىن يىراقلىشىپ، ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالغان مەسىيەتلەرنى تەرك قىلىشقا تىرىشىشى لازىم.

     مۇسۇلمان دائىم ئاللاھدىن قورقۇپ، شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھەزەر قىلىشى، ئۆز نەپسىنى شەيتاننىڭ ئويۇنچۇقى بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىشى ۋە شەيتاننىڭ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىدىغان ئىشلارغا دۇچار قىلىشىدىن ئاگاھ بولۇپ، جانابى ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى لازىم.

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «گۇناھدىن تەۋبە قىلغۇچى، گۇناھ قىلمىغانغا ئوخشاشتۇر.» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2450 -ھەدىس. ئىمام بۇسەيرى سۈنەن ئىبنى ماجەنىڭ ھاشىيسى "ئەززەۋائىد"تا بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ بايان قىلغان].

      مانا بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەر ھاراق ئىچىپ تەۋبە قىلمىغان كىشىنىڭ جازاسىدۇر. ئەمما ھاراق ئىچكىنىگە پۇشايمان قىلىپ، تەۋبە قىلىپ، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتقان كىشىنى بولسا، چوقۇم ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ياخشى ئەمەللىرىگە ساۋاپ بېرىدۇ.

     ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىسۇن، ئاشكارا- يوشۇرۇن پىتنىلەردىن يىراق قىلسۇن. 

    ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن.

ئىسلام سوئال-جاۋاب تورى