Thu 19 DhQ 1436 - 3 September 2015
38532
رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە تىببى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن روزا تۇتمىسىمۇ بولامدۇ؟
مەن يېقىندا دوختۇرخانىدا تىببى ئاپپاراتلار ئارقىلىق سالامەتلىكىمنى پۈتۈن تەكشۈرتمەكچى، ئۇ ۋاقىتتا روزا تۇتماستىن ئېغىز ئىچىشىم كېرەك بولىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا تەكشۈرتمىسەم، يەنە بىر تەكشۈرتۈش ئۈچۈن بىر نەچچە ئاي نۆۋەت ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن روزا تۇتماي تەكشۈرتۈش ئىلىپ بارسام توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    بىمارنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن رامىزاندا روزا تۇتماسلىقى دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن.» [سۈرە بەقەرە 185-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    رامىزاندا روزا تۇتماسلىقى دۇرۇس بولىدىغان بىمارلار: روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن قىيىنچىلىق، مۇشەققەت يېتىدىغان ياكى زىيان يېتىدىغان ياكى كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشى ياكى ساقىيىشىنىڭ كېچىكىپ كېتىشى قاتارلىق ئەھۋاللار بولغان بىمارلار رامىزاندا روزا تۇتماستىن ئېغىز ئاچسا دۇرۇس بولىدۇ. بەزى ئالىملار روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن كېسەل بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرىگەن كىشىلەرنىمۇ بۇ تۈرگە قېتىۋەتكەن.

    سىزنىڭ كېسىلىڭىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كېسەللىكنىڭ قاتارىغا كىرسە، سىزنىڭ روزا تۇتماستىن ئېغىز ئىچىشىڭىز دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى تەكشۈرتۈش كېسەلنى بىلىش ۋە ئۇ ئارقىلىق سالامەتلىككە يېتىدىغان زەرەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئارقىلىق، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشى ياكى ساقىيشىنىڭ كېچىكىپ كېتىشىنى كونترول قىلىش مۇمكىن.

    ئەمما كېسىلىڭىز بىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئېغىز ئىچىش دۇرۇس بولىدىغان كېسەللەرنىڭ جۈملىسىدىن بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ روزا تۇتماي، ئىپتار قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، مۇمكىن بولسا تەكشۈرتۈشنى كېچىدە قىلدۇرۇڭ ياكى كۈتۈپ تۇرۇپ رامزاندىن كېيىن قىلدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەر قانداق كېسەلنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكى ئۆچ تۈر بويىچە بولىدۇ:

    بىرىنچى ھالەت: روزا تۇتۇشى قىيىن بولمايدىغان ۋە روزىنىڭ زېيىنى يەتمەيدىغان كېسەللىك. بۇنداق ھالەتتىكى كېسەللەرنىڭ روزا تۇتۇشى پەرز بولۇپ، ئۇلارنىڭ روزا تۇتماسلىققا ئۆزرىسى يوق.

    ئىككىنچى ھالەت: روزا تۇتۇشى قىيىن بولىدىغان ئەمما تۇتسا زېيىنى بولمايدىغان كېسەللەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىگە مۇشەققەت قىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ رۇخسىتىدىن چەتنەپ روزا تۇتۇۋېلىشى ياخشى كۆرەلمەيدۇ.

    ئۈچىنچى ھالەت: روزا تۇتسا سالامەتلىكىگە زىيان يېتىدىغان بىمارلار، ئۇلار ئۆزىگە كىلىدىغان زىياننىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن روزا تۇتمايدۇ بەلكى ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلاَ تَقْتُلُواْ أَنفُسَكُمْ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيماً﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر - بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە نىسا 29 -ئايەت]. 

     ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَلاَ تُلْقُواْ بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ﴾ تەرجىمىسى: «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار.» [سۈرە بەقەرە 195-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزۈش يوقدۇر.» [ئىبنى ماجە ۋە ھاكىم رىۋايىتى].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس بىر قانچە يوللار بىلەن بايان قىلىنغان بولۇپ، بەزىسى بەزىسىنى كۈچلەندۈرىدۇ. كېسەل، روزا تۇتسا سالامەتلىكىگە يېتىدىغان زىياننى ئۆزى ھېس قىلىدۇ ياكى ئىشەنچىلىك دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كىيىن  بىلەلەيدۇ.

    بىمار كېسەل ۋاقتىدا قانچە كۈن روزا تۇتمىغان بولسا، كېسەلدىن ساقايغاندا تۇتالمىغان كۈنلەردىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، ساقىيىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان بولسا، يەنى كېسەل بولۇپ قالغاندا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ كۈنلەردىكى روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇش كېسەلنىڭ زىممىسىدىن ساقىت بولىدۇ." ["رامىزان ۋە تەراۋىھ توغرىسىدا ناملىق ئەسەرنىڭ 3-بۆلۈمىگە قارالسۇن].

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى