پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

كەمبەغەلگە ھەج قىلىۋېلىشى ئۈچۈن زاكات پۇلدىن بېرىش توغرىسىدا

سۇئال

كەمبەغەل كىشىگە پەرز ھەجنى ئادا قىلىۋېلىشى ئۈچۈن زاكاتتىن بەرسەك توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە زاكاتقا ھەقلىق بولغانلارنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەردى. إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّـهِ وَابْنِ السَّبِيلِ ۖ فَرِيضَةً مِّنَ اللَّـهِ ۗ وَاللَّـهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ تەرجىمىسى:زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ(بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى)ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [سۈرە تەۋبە 60-ئايەت].

ئالىملار ئايەتتىكى ئاللاھنىڭ يولىغا دېگەن سۆزدىن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىلار مەقسەت قىلىنىدىغانلىقىغا بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەج قىلىش ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ قاتارىدىنمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشتى.

كۆپچىلىك ئالىملار ئايەتتىكى ئاللاھنىڭ يولىغا دېگەن سۆزدىن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىلار مەقسەت قېلىنىدۇ. بۇ سۆز ھەجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ دەپ قارايدۇ.

ئەمما ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ: ھەج قىلغۇچىلارمۇ ئايەتتىكى ئاللاھنىڭ يولىغا دېگەن سۆزنىڭ ئىچىدە دەپ، بۇ قاراشنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان 1988-ھەدىس بىلەن ئىسپاتلايدۇ. ئۇممۇ مەئقەل رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ: «يا رەسۇلۇللاھ! مەن ھەج قىلمىغان، يولدىشىمنىڭ بىر تۆگىسى بار دېگەندە، ئەبۇ مەئقەل:ئايالىم توغرا دەيدۇ، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئەمما مەن ئۇنى ئاللاھ يولىدا ئىشلىتىشكە ئاتىۋەتكەن دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: تۆگىنى ئايالىڭغا بەرگىن، ئۇ پەرز ھەجنى ئادا قىلىۋالسۇن، ھەج قىلىشمۇ ئاللاھ يولىدا چىققانلىق بولىدۇ، دېدى. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ: ھەج قىلىشمۇ ئاللاھ يولىدا چىققاننىڭ جۈملىسىدىن دېگەن ئەسەر بايان قىلىنغان. ئىمام ھاپىز ئىبنى ھەجەر: "ئەبۇ ئۇبەيد بۇ ئەسەرنى توغرا ئىسناد بىلەن كەلتۈرگەن دەيدۇ". [ئەلمۇغنى 9-توم328-بەت، ۋە ئەلمەجمۇئ 6-توم212-بەتگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە: "ئەلئىختىيارات" ناملىق ئەسەرنىڭ 6-توم 212-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "كەمبەغەللىكتىن پەرز ھەجنى ئادا قىلالمىغان كىشى ئۈچۈن زاكاتتىن ھەج قىلىشقا يەتكۈدەك بىر نەرسە بەرسە بولىدۇ".

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋاسى 10-توم 38-بەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «كەمبەغەل مۇسۇلمانلارنىڭ پەرز ھەجنى ئادا قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا زاكات ماللىرىدىن ھەجگە بېرىپ كەلگۈدەك بىر نەرسە بېرىش توغرا بولىدۇ. چۈنكى ھەج قىلىشمۇ زاكات سەرپ قىلىنىدىغان كىشىلەر بايان قىلىنغان ئايەتتىكى ئاللاھنىڭ يولىغا دېگەن سۆزنىڭ ئېچىگە كېرىدۇ».

ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى