سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

پاھىشە قىلمىغان تۇرۇپ توي كېچىسى قىز چىقمىدى

40278

تارقاتقان ۋاقىت : 16-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 17273

سۇئال

سوئال: مەن مۇسۇلمان بىر ئايالمەن. پۈتۈن ئىشلىرىمدا ئاللاھتىن قورقىمەن. خۇددى ئۆزۈمدەك ئېسىل بىر ئەرگە ياتلىق بولغانتىم. مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى ئىدى. مۇھەببەت، بىر - بىرىمىزنى ھۆرمەتلەش، ئىناقلىق، ئائىلىمىزنى سۆيۈش ھەممىسى تولۇق ئىدى. لېكىن ئەپسۇسكى، شامال كېمە خالىمىغان تەرەپتىن چىقىپ قالدى. بۇ كۈنلەردە مېنىڭ قىز ئەمەسلىكىمنى كەشپ قىلدۇق. لېكىن مەن زىنا قىلغان ئەمەسمەن. مۇشۇ ئېرىمدىن باشقا ھېچكىم مېنىڭ قولۇمنىڭ ئۈچىنى تۇتۇپ باققان ئەمەس.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

جاۋاب:
ئېرىڭىز دىيانەتلىك ۋە ئەقىللىق كىشى بولۇپ، سىزگە راستىنلا ئىشەنسە، ئۇنىڭ سىزنىڭ سۆزىڭىزگە ئىشنىشى كېرەك. چۈنكى قىزلىقنىڭ يوقىلىشى جىنسىي ئالاقە بىلەنلا ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن بولىدۇ. قىزلىقى يوقالغان قىزنىڭ ھەممىسىنى زىنا قىلدى دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ سىلەرنىڭ بىرلىكتە سىزنىڭ قىز ئەمەسلىكىڭىزنى كەشپ قىلغىنىڭلارغا ئاساسەن شۇنداق. ئەمما بەزىدە
ئاراڭلاردا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكەن بولسىمۇ قىزلىق پەردىسى يىرتىلمايدىغان، قان چىقمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. بۇ قىزلىق پەردىسىنىڭ ھەممە ئايالدا ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبتىن بولۇپ، بەزىلەرنىڭ پەردىسى رېزىنكىدەك سوزۇلىدىغان قاتتىق كېلىدۇ. مۇنداق پەردىلەر جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزۈش بىلەن يىرتىلمايدۇ.
ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلىپ كېسىشكە توغرا كېلىدۇ. دوختۇرلارغا بۇ مەسىلە ناھايىتى ئېنىقتۇر.
قىزلىق پەردىسى پەقەتلا ماددىي بىر ئالامەت بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايال كىشىنى قىز ياكى يولدىن چىققان دەپ باھالىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەھكىمىلەردە ئاياللارنى قىزلىق پەردىسى يىرتىق چىققانلىقى سەۋەبلىك ئېيىبلىمايدۇ. چۈنكى ئۇ نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن يىرتىلىپ كېتىدۇ.
ئۇنداقتا قىزلىق پەردىسىنىڭ يىرتىلمىغانلىقى ئۇ ئايالنىڭ قىز ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالمايدۇ. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ يوقالغانلىقى ئۇنىڭ ئەكسىگە دەلىل بولالمايدۇ. سىلەرنىڭ دوختۇرغا بېرىپ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئېرىڭىز ئالدىراپ ھۆكۈم بەرمەستىن، ئويلاپ قارار بېرىشى لازىم. بىلىڭلاركى، شەيتاننىڭ ئەڭ خوشال بولىدىغان ئىشى ئەر - خوتۇننىڭ ئارىسىنى ئايرىشتۇر. شەيتاننىڭ بۇ ھىيلىسىگە ئالدانماسلىق ۋە شەيتانغا ئايرىش پۇرسىتىنى بەرمەسلىك لازىم. بىر ھەدىستە مۇنداق دەپ كەلگەن:« شەيتانلارنىڭ ئاتىسى ئىبلىس ئورۇندۇقىنى سۇ ئۈستىگە قويۇپ ئولتۇرىدۇ. ئۇ ھەمىشە شەيتانلىرىنى يامان ئىشلارغا بۇيرۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۇنى قىلىپ
كەلدىم بۇنى قىلىپ كەلدىم دەپ قايتقىنىدا، ئۇلارنى ھېچ ئىش قىلمىدىڭلار دەيدۇ. بىراۋ مەن بۈگۈن پالانى ئەر - خوتۇننى ئاجراشتۇرىۋېتىپ كەلدىم دېسە، ھە، ئەڭ ياخشىسىنى قىلىپسەن دەپ ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ» (مۇسلىم رىۋايىتى). سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز كامىل بولىدىكەن ئىزىڭىزنىڭ شەكلەنمەسلىىكى لازىم.
 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى