40389: شەۋۋالدىن قالغان كۈنلەر قازا روزىنى ئادا قىلىشقا يىتەرلىك بولمىسا، شەۋۋالنىڭ روزىسىنى بالدۇر تۇتسا بولامدۇ؟


شەۋۋال ئېيى ئاخىرلىشىپ رامزاننىڭ قازا روزىسىنى ۋە شەۋۋالدا تۇتىدىغان ئالتە كۈنلۈك روزىنى تولۇق تۇتقۇدەك ۋاقىت بولمىغاندا، رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتۇشتىن ئىلگىرى شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتسا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Published Date: 2016-07-12

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    توغرا قاراشتا شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈن روزىسىنى تۇتۇش رامىزاننىڭ روزىسىنى تولۇق ئادا قىلىشقا ئالاقىدارلىق بولۇپ، بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسى ئىسپاتلايدۇ: «كىمكى رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 1164-ھەدىس].

    ھەدىستە بايان قىلىنغان ئەرەپ تىلىدىكى (ثم) سۈممە دېگەن سۆز تەرتىپ ۋە ئەگەشتۈرۈشنى ئىپادىلەيدىغان باغلىغۇچى ھەرپ بولۇپ، بۇ ئالدى بىلەن رامىزان روزىسىنى تولۇق ئادا قىلىش ئەگەر قازاسى بولسا ئۇنىمۇ تولۇقلاش، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەدىستە بايان قىلىنغان ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىش ئۈچۈن، شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتۇشقا دالالەت قىلىدۇ.

رامىزان روزىنىڭ قازاسىنى ئادا قىلمىغان كىشىلەر رامىزاننىڭ بەزىسىدە روزا تۇتقان بولىدۇ، رامىزاندا تولۇق روزا تۇتقان ھېسابلانمايدۇ.

    ئەمما ئىنسان ئۈچۈن رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى ئادا قىلىش سەۋەبىدىن شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتۇشقا ۋاقىت بولمىغان بولسا، يەنى ئايال رامىزاندا نىپاسدار بولۇپ، شەۋۋالدا بىر ئاي تولۇق رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتقان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى ئۈزۈرلۈك بولۇپ شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى زۇلقەئدە ئېيىدا تۇتسا بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتۇش سەۋەبىدىن شەۋۋالدا ئالتە كۈن روزا تۇتالمىغان كىشىلەر بۇ روزىنى زۇلقەئدە ئېيىدا تۇتسا بولىدۇ. ئەمما سەۋەبسىز شەۋۋال ئېيىدا روزا تۇتماي، باشقا ۋاقىتتا تۇتقان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن شەۋۋال ئېيىدا تۇتقان روزىغا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋاپ ھاسىل بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: بىر ئايالنىڭ رامزاندا تۇتالمىغان روزىسى بولسا، قازا روزىنى تۇتۇشتىن ئىلگىرى شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتسا بولامدۇ ياكى قازا روزىنى تۇتۇپ بولۇپ ئاندىن ئالتە كۈنلۈك روزىنى تۇتامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ ئايالنىڭ رامزاندا تۇتالمىغان قازا روزىسى بولسا، ئالدى بىلەن رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتىدۇ ئۇنىڭدىن كىيىن شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتىدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىمكى رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ ئاندىن بۇ روزىغا ئەگەشتۈرۈپ شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا، يىل بويى روزا تۇتقاندەك بولىدۇ،» دېگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن رامزاننىڭ قازا روزىسى بولغان كىشى قازا روزىنى ئادا قىلمىغۇچە رامىزاندا تولۇق روزا تۇتقان بولمايدۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈن روزىسىنىڭ ساۋابى ھاسىل بولمايدۇ. ئەگەر ئايال كىشى نىپاسدار بولۇپ، شەۋۋال ئېيىنى رامزاننىڭ قازا روزىسىنى ئادا قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئالتە كۈن روزىنى تۇتۇشقا ۋاقىت يەتمىگەن بولسا، ئۇ ئالتە كۈنلۈك روزىنى زۇل قەئدە ئېيىدا تۇتسا بولىدۇ، ئۇ ئايال ئۈچۈن شەۋۋالدا ئالتە كۈن روزا تۇتقاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئايال شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى ۋاقىت يەتمىگەنلىك سەۋەبىدىن زۇلقەئدە ئېيىغا كېچىكتۈردى. ئۇ ئايال ئۈزۈرلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن كېيىن تۇتسىمۇ ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ". ["پەتىۋالار توپلىمى"20-توم 19-بەت]. 

    بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 4082- ۋە 7863-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    بۇنىڭدىن سىرت يەنە رامىزاندا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن روزا تۇتالمىغان كىشىلەرنىڭ قازا روزىنى تىزدىن ئادا قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. قازا روزىنى ئادا قىلىشمۇ ئىسلام پەرز قىلغان روزىنى ئادا قىلىشنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئومۇمى قائىدە بويىچە مۇستەھەپ-نەپلە ئەمەللەرنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن، زىممىسىدە قالغان پەرز ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش لازىم. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپراق مەلۇمات ئۈچۈن 23429- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
Create Comments