جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

مەجھۇل نەرسىلەرنى ئوقۇپ پال سالىدىغان رەمچىلەرگە نەسىھەت

سۇئال

   بىر ئايال بىر نەرسە ئوقۇپ ئىستاكان ئايلاندۇرۇپ پال سالىدىكەن، بۇنى ئېتىبارسىز بىر ژۇرنالغا بېسىپتۇ، مۇشۇ ئايالغا نەسىھەت قىلىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇنىڭدا ئىككى تەرەپلىمىلىك قاراش بار:

    بىرىنچى: بۇ ئىشنىڭ ھۆكمى، شەكسىزكى، رەمباللىق، سېھرىگەرلىك، مۇنەججىملىك قاتارلىق ئىشلار مۇسۇلمانلارغا ھەقسىز ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان، زېمىندا بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلىدىغان ئەڭ چوڭ چەكلەنگەن ئىشلاردىندۇر.

   ئالىملار رەمبال-پالچى ئىسلامدىن چېقىپ كېتىدىغان كاپىر بولامدۇ ياكى ئۇنىڭدىن كىچىكرەك كۇپۇر بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشتى.

كاپىر بولىدۇ دېگەنلەر بۇنىڭغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «رەمبال-پالچىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنگەن كىشى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان دىنغا كاپىر بولغان بولىدۇ،» دېگەن ھەدىسنى دەلىل قىلىدۇ. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 9171-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 5942-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    چۈنكى بۇ غەيىپ ئىلىمنى بىلىشنى دەۋا قىلىشتۇر، غەيىپ ئىلمىنى بىلىشنى دەۋا قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  عَالِمُ الْغَيْبِ فَلا يُظْهِرُ عَلَى غَيْبِهِ أَحَدًا * إِلا مَنْ ارْتَضَى مِنْ رَسُولٍ  تەرجىمىسى: «ئاللاھ غەيبنى بىلگۈچىدۇر، ئۆزىنىڭ غەيبىدىن ھېچبىر ئادەمنى خەۋەردار قىلمايدۇ. پەقەت ئاللاھ ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرىگىلا (بەزى غەيبنى بىلدۈرىدۇ)» [سۈرە جىن 26-27-ئايەتلەر].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُلْ لا يَعْلَمُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ الْغَيْبَ إِلا اللَّهُ  تەرجىمىسى: «ئاللاھدىن بۆلەك ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ.» [سۈرە نەمل 65-ئايەت].

    ئىككىنچى ئىش: بۇ ئايالغا قىلىدىغان نەسىھىتىمىز، خاتا قىلمىشىنى تەرك قىلىپ، ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئايالنىڭ قىلغىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان چوڭ گۇناھلاردىندۇر. ئۇ ئايال بۇ ناچار قىلىمىشى بىلەن مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن ئاللاھدىن قورۇقسۇن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُّبِينًا  تەرجىمىسى: «مۆمىنلەر ۋە مۆمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بوھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ.» [سۈرە ئەھزاب 58-ئايەت].

    ئۇ ئايال تۇيۇقسىز ئۆلۈم كىلىشتىن ئىلگىرى، پۇشايمان قىلىدىغان ۋاقىتتىن بۇرۇن قىلمىشىدىن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلسۇن، بارلىق ئىشلىرىدا پايدا-زىيان ئىلكىدە بولغان ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلسۇن، شەيتاننىڭ ئارغامچىسىغا ئىلمىشىپ جەھەننەمگە كېرىپ كېتىشتىن ئاللاھتىن پاناھ تىلىسۇن.

    ئۇ ئايالنىڭ بۇ قىلمىشى ئىمانى ئاجىز بولغان مۇسۇلمانلارنى پىتنىگە چۈشۈرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّ الَّذِينَ فَتَنُوا الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ثُمَّ لَمْ يَتُوبُوا فَلَهُمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَلَهُمْ عَذَابُ الْحَرِيقِ  تەرجىمىسى: «مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ.» [سۈرە بۇرۇج 10-ئايەت].

    شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇنەججىملىك ئىلمى، ئالقانغا، ئىستىكانغا بىر نەرسە ئوقۇش، سىزىق سېزىپ بىر نەرسە بىلىشنى ئىددىئا قىلىش قاتارلىقلار، رەمبال، پالچى ۋە سېھرىگەرلەرنىڭ بىلىمىز دەپ دەۋا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھارام قىلغان، ئىسلام دىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە ئۇنى قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ياكى ئۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولغانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلاردىن بىر نەرسە سورىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە ئىشەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى جاھىلىيەتنىڭ ئىلمىدىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى بۇنداق قىلىش غەيىپنى دەۋا قىلغانلىق بولۇپ، غەيىپنى بىلىش ئىلمىنى ئاللاھ ئۆزىگە تاللىغان.

    مۇشۇنداق ئىشلارغا ئالاقىدار بولغان ھەرقانداق بىر كىشىگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: ئاللاھغا تەۋبە قىلىشى ۋە ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىشى، ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە شەرئى ۋە توغرا بولغان ھېسسى سەۋەپلەرنى قىلىش بىلەن بىرگە يالغۇز بىر ئاللاھقا تايىنىشى ۋە تەۋەككۇل قىلىشى، مۇشۇ ئىشلارنى تەرك قىلىش، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇش، ئۇ توغرىدا بىر نەرسە سوراش ياكى سۆزىگە ئېشىنىشتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك بولىدۇ.  ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىپ، دىن ۋە ئەقىدىسىنى ساقلاپ، ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئۇچراشتىن ھەزەر قىلىپ، دۇنيا-ئاخىرەتلىك زىيانغا سەۋەپ بولىدىغان كۇپۇر ۋە شېرىكنىڭ سەۋەپلىرىدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"2-توم 120-122-بەت].

     بۇ يەردە يەنە شۇنى بىلدۈرۈش كېرەككى، ئۇ ئايالنىڭ بۇ قىلمىشى ئارقىلىق تاپقان پۇلى توغرا بولمىغان ھارام كەسىپتۇر. ئەبى مەسئۇدىل ئەنسارىدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىشىت ساتقان، پاھىشە قىلىپ تاپقان ۋە رەمباللىق قىلىپ تاپقان پۇلنى ھارام دەپ چەكلىگەن.» [بۇخارى رىۋايىتى 2238-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1567-ھەدىس.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇشۇ ھەدىسنى شەرھىلەپ، مۇسلىمنىڭ شەرھىسى 10-توم 490-بەتتە مۇنداق دېگەن: "بىزنىڭ ھەمراھلىرىمىزدىن  ئىمام بەغەۋىي ۋە قازى ئىياز قاتارلىق ئالىملار: "مۇسۇلمان ئالىملىرى رەمبالنىڭ تاپقان پۇلىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى. چۈنكى ئۇ ھارام ئىشقا ئالغان پۇلدۇر ۋە باشقىلارنىڭ مېلىنى ھەقسىز يېيىشتۇر" دېگەن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى